يۇمۇرلار. . . . .
مۇھەببەت خېتى
بىر يىگىت بىرقىزغا بىر پارچە مۇھەببەت خېتى يېزىپتۇ . خەتنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇ قىزنى ناھايتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىتنىڭ ئارقا تەرىپىگە يا ئوقىغا ئۆتكۈزۈلگەن بىر جۈپ يۈركنى سىىزىپ قويۇپتۇ . قىز خەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بىرقۇر كۆرگەندىن كىيىن يىگىتكە خەت قايتۇرۇپتۇ. خەتتە :_«خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم _ ھەم باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقتىم . لىكىن خەتنىڭ ئارقا يۈزىدىكى يۈرەك كاۋىپى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟». . .
مەنغۇ ئۇرۇقلاپ باققان
بىر قىز بەك سەت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئەخلاقسىز ئىكەن . بىركۈنى ئۇ بىر يىگىت بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپتۇ . قىز يىگىتنى شۇنچە ئۇزۇن ساقلىسىمۇ يىگىتنىڭ قارىسى كۆرۈنمەپتۇ . قىز يىگىتنى ئىچىدە تىللاپ ئولتۇرسا يىگىت كەپتۇ . يىگىت بەك سىمىز ئىكەن . يىگىتنى كۆرگەن قىز ئۇدۇللا سوراۋىرىپتۇ . ____ ۋىيەي . . . . سىز نىمانداق سىمىز ؟ ____ يىگىت ئىككىلەنمەيلا ، مەنغۇ بۇرۇن ئۇرۇقلاپ باققان .سىز بىرەر قېتىم چىرايلىق بوپ باققانمۇ ؟
ئەرلەر ۋە ئاياللار
ئاياللار ئەرلەرگە مۇنداق باھا بىرىدىكەن . ____ ئەرلەرگە قانچە گەپ قىلسىمۇ بىكار . گەپ ئۇلارنىڭ بىرقولىقىدىن كىرىپ يەنە بىر قولىقىدىن چىقىپ كىتىدۇ . ئەرلەر ئاياللارغا مۇنداق باھا بىرىدىكەن . ____ بەزى گەپلەرنى بۇلارغا دىگەندىن دىمىگەن تۈزۈك . بۇلارغا گەپ قىلسا گەپ ئىككى قولىقىدىن كىرىپ ئاغزىدىن چىقىپ كىتىدۇ .
مەنبە : ئوقۇۋالغان كىتاپلىرىم . ئوقۇۋالغانلىرىمنىڭ ئىسىمدە قالغانلىرىنى يېزىپ يوللاپ قويدۇم . تازا ياخشى چىقمىدىغۇ دەيمەن. ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mart137945 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-26 14:34
|