ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تور بىلىملىرى رەنجىمىگىن كۈنلىسەم(باغۋەن)
كۆرۈش: 53|ئىنكاس: 2
go

رەنجىمىگىن كۈنلىسەم(باغۋەن)

توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
486 
تېما
132 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 00:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

رەنجىمىگىن كۈنلىسەم



كۈنلىسەم رەنجىمە ھېچ بۇ مېنىڭ ئامراقلىقىم،
چۈنكى سەن ئالەمدە بىر مېنىڭلا بەخت شادلىقىم.
ياندا تۇرسا نىگارىڭ كۆزلىرىڭگە تەلمۈرۈپ،
باشقىغا باقساڭ جېنىم كەلمەمدۇ مېنىڭ تارلىقىم.



كۈنلىسەم كۈلمە نىگارىم ئىچى تار دەپ مېنى،
كۆرمىسە دەيمەن تېخى مەندىن بېلەك ھېچكىم سېنى.
قىلدىڭا قانداق سېھىر بۇ دەرتكە بولدۇم مۇپتىلا ،
قالمىدى جىسمىمدا جان قايرىلىپ باقساڭ تېخى.



ھەر مىنۇت كۆڭلۈم يېرىمدۇر سەن بىلەن سۆزلەشمىسەم،
ئارمىنىم شۇدۇر مېنىڭ بىر ئۆمۈر ئىشقىڭدا ئۈنلىسەم.
سەن ئۆزۈڭ بەرگەن ماڭا بۇ مۇقەددەس سۆيگۈنى،
رەنجىمە زىنھار جېنىم شۇ تۈپەيلى كۈنلىسەم.



مەنبە:پەرىشتەن تورى


توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 09:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئېسىل شئر ئىكەن ، كۈنىلەشىنىڭىمۇ ئۆز يولىدا بولغىنى ياخشى . ئورۇنىسىز كۈنىلەش ، بەزىدە ئادەمىنىڭ كۆڭىلىنى غەش قىلىدۇ . تىمىڭىزغا كۆپ رەخىمەت . سزبەك ياخىشى تىمىلارنى يوللايىدىكەنىسز . بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . مەن سىزگە ، سالامەتىلىك تىلەيىمەن .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 10:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باغۋەن ئاكا ، بىز تورداشلارغا مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلەرنى سۇنغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەخىمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:42

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.