ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › ياخشى فىلىملەر › مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن تونىشقىڭىز بارمۇ ...
كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 7
go

مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن تونىشقىڭىز بارمۇ ؟

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 20:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئىز مۇنبىرىدىكى ناتىۋان خانىم- قىزلار ، ئوت يۈرەك يىگىتلەر كەمىنە گۈلمىرەدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ! سىلەر شىئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن تونۇشقۇڭلار بارمۇ ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭلار مۇنۇ تىمىدا بولسۇن !





شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940-غولجىدا تۇغۇلغان .1958 - يىلى ئاپتۇنۇم رايونلۇق يىزا ئىگىلىك تىخنىكۇمنى پۇتتۇرگەندىن بىرى ئىزچىل تۈردە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .
مۇھەممەتجان راشىدىن 1958- يىلى ئىلان قىلىنغان تۇنجى شىئىرى "ئىلى دەرياسى " بىلەن ئەدەبىيات سىپىگە كىرىپ كەلدى . شۇنىڭدىن بۇيان شائىرنىڭ كۆپلىگەن شىئىرلىرى ھەر قايسى گىزىت ژۇرناللاردا ئىلان قىلىندى . 1986 - يىلى "كاككۇك گۈلى " ناملىق شىئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى .

شائىر تازا قىرانىغا يەتكەن شىئىر ئىجادىيىتى بىلەن جان كۆيدۈرۈپ شۇغۇللىنىۋاتقان يىللاردا "مەدەنىيە ئىنقىلابى " نىڭ بوران چاپقۇنى يىتىپ كەلدى -دە ،ئۇ "تۆت كىشلىك " گورۇھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ، ئازغىنە كەم 20 يىلغا يىقىن ئۇۋالچىلىق تارتتى . ئۇ قايتا ھايات باھارىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ،شىئىر ئىجادىيىتىگە يىڭىچە قىزغىنلىق بىلەن كىرىشتى ، مۇھەببەت- نەپرىتى تىخىمۇ روشەنلەشتى . ئۇنىڭ شىئىرلىرىدا يىڭى ھايات باھارىغا بولغان مۇھەببەت خۇددى چولپاندەك چاقنىدى ، گۈلخاندەك ئۇلغايدى . بۇ جەھەتتە شائىرنىڭ " مەن كىلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش .........." ،"سالام دوستلار " قاتارلىق شىئىرلىرى ئالاھىدە خارەكتىرلىكتۇر .

شائىرنىڭ شىئىر ئىجادىيىتىدە ۋەتەن توغرىسىدا يىزىلغان لىرىكىلار زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ .ئۇ ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق ،ھىسياتلىق مىسرالىرىدا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئەقىدىسىنى نامايەن قىلغان .

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى شىئىرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،ساددا بولۇپ ،ياسالما قوپال ئەمەس .بىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىئىرلىرىدا تىل مەسىلىسىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنغانلىقىنى ھەر بىر شىئىرنى ئوقۇغاندا ھىس قىلىمىز .

مۇھەممەتجان راشىدىن يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ، نەزەر سىلىشقا ، تىمىدا كۆپ خىل بولۇشقا باشلىدى ۋە كۆپلىگەن ياخشى شىئىرلارنى يازدى .بۇ شىئىرلاردا شائىر ئۆزگىچە يىڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى .

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ، شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى ،مىللەتلەر نەشىىرياتى ، شىنجاڭ ياشلار ، ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى ،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن ئىلگىرى كيىن بولۇپ ، "ئانا يەر قەسىدىسى "،"مۇھەببەمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ "،"ئۆمۈر ئىلھاملىرى "،"ھايات دىگەن مانا شۇ "،"ياخشىلارغا ناخشىلار تولا "،"جاھان دىگەن يارالغان شۇنداق "،"ۋاي ئىسىت 15 چۈجەم "قاتارلىق شىئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى .

بىز ئۇنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمىز !

مەنبە : پايدىلىنىش ماتىرياللىردىن ئۆزۈم توپلام قىلىپ يازدىم

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 00:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى شىئىر يازىدۇ.مەنمۇ شىئىرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.شائىرىمىز بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 09:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت گۇلىمىرە ، مەن ھەم بۇ شائىرمىزنىڭ شئرلىرنى بەك ياخىشى كۆرەتتىم . بولىسا داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . مەن سىزىگە ئۇتۇق تىلەيىمەن

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 11:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى شېئىر يازىدىغان شائىر ، مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىدا ئېيتىلغان ناخشىلارنىمۇ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن .رەھمەت سىزگە

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 11:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزگە بەك رەھمەت جمۇ تاتلىق ، ئەھمىيەتلىك تىمىا يوللاپسىز

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
12 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 16:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راستلا بەك تۇنۇشقۇم باتتى،بۇ شائىرىمىز بىلەن.رەھمەت سىزگە.

توردا
23سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
5 
يازما
109 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 17:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە،ياخشى شىئىر يازىدۇ.مەنمۇ شىئىرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
3 
يازما
117 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 00:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەممەتجان راشىدىن دەپ مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئاڭلىغان شېرلىرىنىمۇ تازا يادىلغان..

لېكىن مۇنبەر دۇنياسىغا قەدەم باسقاندىن بۇيان . سىزئانا،مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن شېرلىرىڭىزنى كورۇپ كېلۋاتىمەن .شۇۋاقلاردا تـىخى سىزنى ئاجايىپ شايىركەن دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن ..

ئەمىلىيەتتە سىز سىڭلىمنىڭ ئورنىدىكى قىزكەنسىز ئەمەسمۇ ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:42

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.