
«مەن ئۆزۈمنىڭ ھاياتىنى قايتىدىن باشلىدىم...» بۇ بىر زەھەر چەككۈچى قىزنىڭ زەھەر تاشلىغاندىن كىيىن ئۆزىگە بەرگەن باھاسى. ئەسلىدە ئۇ ئەقىللىق، تىرىشچان بالىلاردىن ئىدى، لىكىن تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىش ئۇنى باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئۇ بارا-بارا ئۆزگەردى، ئوقۇشتىن چىكىندى، ئويۇنغا بىرىلىپ، ئاتا-ئانىسى قاقشاشتى، كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۈرىدىغىنى ئۇ زەھەرگە ئۆگىنىپ قالدى. ئەمما زەھەر تاشلاش ئورنىدىكى ساقچىلار ئۇنىڭغا قايتىدىن ئىشەنچ ئاتا قىلدى. قىنى ئەمدى ئۇنىڭ پۇشايمانغا تولغان كەچۈرمىشىگە قۇلاق سالايلى: ئىللىقلىق بولمىسا ئادەم يولىدىن ئازىدۇ. مەن ئەسلىدە يامان قىزلاردىنمۇ ئەمەس ئىدىم، كىچىكىمدىن ئەقىللىق بولۇپ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭا ئامراق ئىدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، مەن سىنىپتىكى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىم. نەتىجەم يامان ئەمەس ئىدى. لېكىن مەن قايتا-قايتا مەكتەپ ئالمىشىپ يۈردۈم، توختىماي ئۆزگىرىۋاتقان مۇھىتقا كۆنەلمىگەنلىكتىن، ئۆگىنىش نەتىجەم بارغانسېرى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر قېتىم يېڭىدىن بىر مەكتەپكە ئالماشقان ۋاقتىمدا، مۇئەللىم مېنىڭ بۇرۇنقى نەتىجەمنى كۆرۈپ، ئىشەنمىگەن قىياپەتتە: «بۇ سىزنىڭ نەتىجىڭىزمۇ؟»دەپ سورىدى، مەن زۇۋان سۈرمىدىم. نەتىجەم ياخشى بولمىغانلىقتىن مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئاتا-ئانام بارغانسېرى مەندىن ئۈمىدسىزلەندى. ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىسى بارغانسېرى قوپاللاشتى. دادام ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى بولۇپ، قارتا ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. ھەتتا بىر قېتىم سىرتتا يەتتە كېچە-كۈندۈز قارتا ئوينىغان، شۇڭلاشقا ساقچىخانىدىكىلەر دائىم دادامنى يوقلاپ تۇراتتى، كېيىن دادام قىمار ئوينىغان سەۋەبىدىن ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش ئورنىغا كىرىپ قالدى، ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا دادامنىڭ ئەسلىدە بار سەپرا مىجەزى تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى. بىر قېتىم ئۇ مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، مېنى ئۇرۇپ كەتتى، ھەتتا كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. شۇندىن باشلاپ مېنىڭ ئاتا-ئانام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم بارغانسېرى يىراقلاشتى. مەنمۇ بارغانسېرى ئۇلار بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىدىم. مەكتەپتە نەتىجەم ياخشى ئەمەس، مۇئەللىمۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە سىنىپ مەسئۇلىمىز ھەر كۈنى بىزنى سىنىپقا سولىۋىلىپ تاپشۇرۇقنى تاپشۇرغانلارنىلا چىقىرىۋىتەتتى. ئۇ ۋاقتىلاردا كىتابلىرىم دادام تەرىپىدىن كۆيدۈرۇۋېتىلگەچكە، ئامال يوق تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمەتتىم. مەن مۇئەللىمگە چۇشەندۇرسەم مېنى كەتكۈزۈۋىتەتتى. مەن مەكتەپتىن زېرىكىشكە باشلىدىم، تاپشۇرۇقنى قەتئىي ئىشلىمەسلا بولدۇم.
ئاخىرى بىر كۈنى مەن مەكتەپتىن ھەيدەلدىم، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئەمدىلا 13 ياش ئىدىم، جەمئىيەتتىكى ئىشلار ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى، مەن جەمئىيەتكە چىقىپ بىر توپ كۆز بويامچىلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلار بىلىمسىز، ئوغرى-يانچۇقچى، بۇلاڭچى، ئۇرۇشقاقلار ئىدى، بۇ تۇرمۇش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى، خەجلەشكە پۇل بار، كۈنلىرىم ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىدى، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئويناشقا كىرىشپ كەتتىم. پۇل تۈگىسە بۇلايتتۇق، مەن دائىم بىر ياخشى ماشنا ئىجارىگە ئېلىپ، ئۇلارنى كۈتەتتىم، ئۇلار بۇلاڭچىلىق قىلىپ بولۇپ ماشىنىغا چىقاتتى، بىز قاچاتتۇق. ئىككى ئايدىن كېيىن، بىزنى ساقچىلار تۇتۇۋالدى، مەن 14 ياشقا توشمىغىنىم ئۈچۈن ماڭا ھۆكۈم ئېلان قىلمىدى، دادام مېنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. دوستۇمنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن مەن 13 ياش ۋاقتىمدا بىرىنچى قېتىم زەھەر چەكتىم. 1998-يىل 9-ئايدا مەن بىكار يۈرگەچكە مېنى بىر قىز قاۋاقخانىغا ھەمراھ بولۇشقا ئاپاردى. مەن بىر مېھمانخانىدا تۇردۇم. بىر كۈنى ئاخشىمى مەن ئۇخلىيالماي ياتسام باشقا ياتاقتىكى ئافاڭ مېنى ياتىقىغا كىرىپ ئويناشقا تەكلىپ قىلدى، مەن ياتاققا كىرىپ، ئۇلارنىڭ قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يۆگەپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم، مەن قىزىقىپ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سۇرىدۇم، ئۇلار بۇ «خېروئىن» دېدى ۋە مېنى ئىككىنى سۇمۇرۇپ بېقىشقا ئۈندىدى. قىزىققانلىقمدىن نەچچە قېتىم سۇمۇرۇپ سالدىم، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئىنتايىن بىئارام بولدۇم، ياتاققا قايتىپ چىقىپ ياندۇردۇم ھەمدە پۈتۈن بەدىنىم قىچىشىپ كەتتى. مەن پەقەتلا بىر قېتىمغۇ، خۇمار بولماس دەپ قاراپتىمەن. لېكىن مەن ھازىر بەك پۇشايمان قىلىمەن، زەھەر دېگەنگە بىر قېتىممۇ تېگىپ قويمايدىغان نەرسە ئىكەن. نەچچە كۈن ئۆتمەي، مەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، پۇلۇم بولمىغانلىقتىن مەن ئۆينىڭ پۇلىنى ئوغرىلىدىم. ئاتا-ئانام بىلىپ قېلىپ پۇللارنى سولاپ قويىدىغان بولدى. مەن ئىشىكنى قومۇرۇپ ئېچىپ پۇللارنى ئوغرىلاپ چىقىپ ئويناپ يۇردۇم، مۇشۇنداق كۈنلەر يېرىم يىل داۋاملاشتى. 1999-يىل 6-،7-ئايلاردا، مەن ئايۈ بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ مەندىن چوڭ، كۆز بويامچىلار ئىچىدىكى داڭقى چىققان كۆز بويامچى ئىدى، بىز بىللە ئوينىدۇق، ھەر قېتىم بىز بىر ئۆيدە خېروئىن چىكەتتۇق. كېيىن مەن يەنە ئىككى قېتىم چېكىپلا خۇمار بولۇپ قالدىم. بىر كۈن چەكمىسەم كۆڭلۈم بىئارام بولاتتى. زەھەر دېگەن ئىبلىس بىلەن ئېلىشقان كۈنلەر نېمىدېگەن ئازابلىق! ئىلگىرى مەن ئۆزۈمنى ئازىراقلا كونترول قىلىسام خۇمار بولۇپ قالماسمەن دەپ ئويلىغانتىم. لېكىن مەن بارغانسېرى ئۆزۈمنى كونترول قىلالماس بوپقالدىم. زەھەر خۇددى ئالۋاستىغا ئوخشاش ماڭا چىرمىشىۋالدى، مېنىڭ ياشلىقىمنى ۋە روھىمنى غاجىلاشقا باشلىدى. مەن زەھەرگە ئېرىشش ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىپ، ئادەم ئالداشقا پىسەنتىمۇ قىلمايتتىم.
زەھەر مېنىڭ قەدىر-قىممەت، غۇرۇرىمنى يوقاتتى، زەھەر مەندىكى ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنى يوقاتتى، زەھەر مەندىكى بارلىق راست گەپلەرنى يوقاتتى. زەھەر سېتىۋالىدىغان پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن، مەن ئايۈنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنى ئالداپ شەنشى ئۆلكىسىگە ئاپىرىپ قاۋاقخانىدا باشقىلارغا ھەمراھ بولۇشقا سالدىم، كېيىن ئۇ قىز قېچىپ كېتىپ ئايۈگە دېدى، ئايۈ بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ ئاپام بىلەن سوقۇشتى، مەن يۈزۈم ئىنتايىن چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ، بىر- ئىككى ئادەمنى باشلاپ بېرىپ، ئايۈنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، بېشىنى يېرىۋەتتىم. مېنىڭ زەھەر چەككەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن، دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن خۇددى ۋابادىن قاچقاندەك قاچتى. مەن مىڭ بىر مۇشەققەتتە بىر خىزمەت تاپسام، باشلىق مېنىڭ زەھەر چەككەنلىكىمىنى ئاڭلاپ مېنى چىقىرىۋەتتى. مەن خۇددى باشقلار تەرىپىدىن تاشلېۋىتىلگەن ئەخلەتگە ئايلىنىپ قالدىم. 2000-يىلىنىڭ بېشى، مەن ھايات كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم، شاڭخەيدە پۇل تاپماق ئاسانكەن دېگەننى ئاڭلاپ، ئۇ يەر مەن ئارزۇ قىلىدىغان جاي، مۇھىتنى ئالماشتۇرۇپ باقاي، زەھەر خۇمارىنى يوقىتارمەن، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن بىرگە زەھەر چەككەن ئافاڭدىن 600 يۈەن پۇل ئېلىپ، ئۆزۈم يالغۇز شاڭخەيگە باردىم. بىراق شاڭخەيگە بارغاندىن كېيىن پۇل تېپىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇزۇن ئۆتمەي 600 يۈەننىمۇ خەجلەپ بولدۇم، ئۇنىڭدىن باشقا مەن كىملىكىمنى ئېلىپ بارماپتىمەن، ساقچىلار قاتتىق تەكشۈرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. ئۆيدە مەن يېرىم يىل چەكمىدىم، لېكىن بىر قېتىم سىرتقا چىقىپ ئافاڭنى كۆرۈپ يەنە چېكىپ سالدىم. 2000-يىل 6-ئايدا مەن ئافاڭدىن ئايرىلىش نىيىتگە كەلدىم. دوستلىرىم بىلەن فۇجۇغا بىرىپ ئىشلىدىم، ئۇ يەردە قوغداش ھەققى يىغىدىغان يۇرتدىشىم ئاخەي بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ يۈرەتتى، قارىماققا خېلى پۇلداردەك قىلاتتى، ئۇ مېنى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇ بىر ئايدا مېنىڭ ياتاق، تامىقىنى بېرىپ، يەنە 2000 يۈەن پۇل بەردى. كېيىن مەن يەنە بىر يۇرتدىشىم ئايۇن بىلەن تونۇشتۇم، ئۇ فۇجۇدا ئۇزۇن تۇرغانىكەن، زەھەر چېكىدىغان نۇرغۇن ئادەمنى تونۇيدىكەن. 8-ئاينىڭ بىر كۈنى ئايۇن بىر دوستىدىن 150 يۈەنلىك مال ئاپتۇ، ئۇ مېنى بىرگە قاتنىشىشقا چاقىردى، شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە چېكىپ قالدىم. ئاخەي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا ئاچچىقلاندى، مېنى زەھەر تاشلاتقۇزىمەن دەپ سولاپ قويدى، مەن زەھەر چەكمىگەندىن كېيىنكى پسىخولوگىيىلىك ئىنكاسقا چىدىيالماي، ئۇنى قولۇمنى كېسىپ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دەپ قورقۇتتۇم. ئۇ ئامال قىلالماي ئۈچ كۈن سولاپلا مېنى قويۇۋەتتى، كېيىن ئۇ 2000 يۈەن پۇل خەجلەپ مېنى يۇرتۇمغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى. مەن قايتىپ كەلگەن كۈنى، ئايۈ باش ۋە پۇت-قوللىرىنى كېسىۋاپتۇ. ئاخەي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن مېنى يەنە فۇجۇغا ئەپكەتتى، لېكىن مەن ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە چېكىپ قالدىم. زەھەر مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالدىم.
2001-يىل 7-ئايدا، مەن فۇجۇدىكى بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا، مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىپ پۇل تاپتىم. بۇ ئىش دەل ئىككى يىل داۋاملاشتى. 2004-يىلى ئەتىيازدا، مەن دوستلىرىم بىلەن زەھەر چېكىۋاتقاندا ساقچىلار بىزنى تۇتۇۋېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئەكىرىپ قويدى. ئىرادىلىك بىلەن زەھەر تاشلاپ، يېڭى ھايات بەرپا قىلىش ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن، مەن يىغلاپ، قاقشاپ، ھەتتا ئۆلۈۋالىمەن دەپ ساقچىلارنى قورقۇتتىم، ئۇلاردىن مېنى قويۇۋېتىشنى ئۆتۈندۇم. ساقچىلار ماڭا سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلدى، مېنى تەربىيىلدى. ماڭا زەھەرنىڭ زىيىنىنى ھەم ھاياتنىڭ پەلسەپىسىنى سۆزلىدى، سىياسىي يېتەكچى ۋى ئەترەت باشلىقى ماڭا: "قىزچاق، سىز قورقماڭ، بۇ ئورۇن سىزنىڭ ئۆيىڭىز، زەھەر خۇمارىنى بېسىش گەرچە ئىنتايىن قىيىن بولسىمۇ، لېكىن بىز كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشساق چوقۇم سىزنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز، زەھەردىن ئىبارەت بۇ ئىبلىسنىڭ قوينىدىن قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز. سىزنىڭ قەدىر-قىممىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز. سىزنىڭ ياشلىق باھارىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز، سىزگە مەنسۇپ بولغان گۈزەل ھاياتىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز" دېدى. ساقچىلار مېنى خۇددى قېرىنداشلىرىدەك تەربىيىلەپ، مېنى قۇتقۇزۇپ، قەلبىمگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى، مەن زەھەر تاشلاشقا قەتئىي بەل باغلىدىم. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مەن سىرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۇپ، ئاتا-ئانامنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدىم، ئادەتتە ئۇلار مېنى كۆپ باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ، زەھەر چەككەن ئىشىمنى ئۇلارغا تىنماي كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەترەت باشلىقى ئاپامنى ئىزدەپ كىلىپ ئۇنىڭغا مېنىڭ زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىمنى، زەھەر چەككەندىن كېيىنكى جاپالىرىمنى ھەمدە مېنىڭ زەھەر تاشلاش قەتئىي ئىرادەمنى ۋە ئىشەنچىمنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئاپامدىن زەھەر تاشلاش ئورنى بىلەن ئوبدان ماسلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، مېنىڭ ئۈزۈل-كېسىل زەھەر خۇمارىنى تۈگىتىشىمگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئاپام ھەر ۋاقىت ماڭا ھەمراھ بولدى، ھەر ۋاقىت ماڭا كۆيۈندى، كېيىن مەن شۇ زەھەر چېكىش مۇھىتىدىن ئايرىلىپ چىقتىم، مەن ساقچى ھەم قېرىنداشلىرىمنىڭ تەربىيىسى ۋە سەمىمىي مېھىر-مۇھەببىتىنى مەڭگۈ ئېسمدىن چىقارمايمەن. قەددىمنى تىك قىلىپ، دىيانىتىمنى ساقلاپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭنى قوبۇل قىلدىم، تا مۇشۇ كەمگىچە مەن زەھەرنى قايتا چەكمىدىم، يۇرتۇمدا شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ، تاكسى شوپۇرى بولۇپ قالدىم، كۈنلىرىم ئىنتايىن ئازادە، كەيپىياتىممۇ ئىنتايىن ياخشى، مەن ئۆزۈمنىڭ ھاياتىنى قايتىدىن باشلىدىم.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-8 03:00
|