جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ماي :
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش سەھىيە سىستېمىسى تاماكىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش مۇساپىسىدا دەسلەپكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تاماكىنى كونترول قىلىش خىزمىتىدە ئالدىدا ماڭغان.
ئىگىلىنىشچە، سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، باش ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى سەھىيە بۆلۈمى، قۇراللىق ساقچى قىسىم ئارقا سەپ بۆلۈمى باشلامچى رول ئويناش ئۈچۈن، 2009-يىلى 20-ماي بىرلىشىپ «2011-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە داۋالاش سەھىيە سىستېمىسىنىڭ تاماكىنى كونترول قىلىش توغرىسىدا قارار» چىقارغان. 2010-يىلى قىسىمدىكى بارلىق سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئاز دېگەندە %50 داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئىس تۈتەكسىز ئورۇن قىلىپ قۇرۇپ، 2011-يىلى سەھىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتىدا ئومۇميۈزلۈك تاماكا مەنئى قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياۋ شياۋفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋالاش سەھىيە سىستېمىسىدا ئالدى بىلەن ئىس-تۈتەكسىز مۇھىت يارىتىش-ھەم داۋالاش سەھىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم بىمارلارنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشتىكى بىر قېتىملىق ئەمەلىيەت.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |