ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئاجايىپ گىزىتلەر.....
كۆرۈش: 71|ئىنكاس: 4
go

ئاجايىپ گىزىتلەر.....

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2148 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 11:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

داستىخان گىزىتى

فىرانسىيەنىڭ پارىژدا چىقىدىغان <<كاۋاۋىچىنلىق تۇز>> گىزىتى، زەھەرسىز مەتبەئە مىيىدا سۇ ئۆتمەس قەغەزگە بىسىلغان . بۇ خىل گىزىتنى مىھمانخانا ياكى ئاشخانىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە سىلىپ داستىخان ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، خىرىدارلار بىر تەرەپتىن تاماق يىگەچ، بىر تەرەپتىن داستىخان ئۈستىدىكى شۇ كۈنلۈك خەۋەرلەرنى كۆرەلەيدىكەن.

يىگىلى بولىدىغان گىزىت

ئىسپانىيەدە ئىلگىرى پۇراقلىق ، زەھەرسىز ئالاھىدە مەتبەئە مېيىدا ئۇن قەغىزى ئۈستىگە بىسىلغان بىر خىل گىزىت نەشىر قىلىنغان ، ئوقۇرمەنلەر گىزىتىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇنى يۆگەپ پىچىنە ئورنىدا يىسە بولىدىكەن.

ئىسمى ئەڭ ئۇزۇن گىزىت

1703-يىلى1-ئاينىڭ2-كۈنى، روسىيەدە رۇس تىلىدا <<موسكىۋا پادىشاھلىقى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن بىلىۋىلىشكە ۋە خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان ھەربىي ئىشلار ۋە باشقا ۋەقەلەرگە ئائىت خەۋەرلەر گىزىتى >> ناملىق بىر پارچە گىزىت نەشىر قىلىنغان . بۇ ئۇزۇن گىزىت نامى گىزىتنىڭ رولى، فۇنكىسىيىسى ، ۋەزىپىسى ۋە خەۋەر قىلىش دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.

بىر جۈملىلىك گىزىت

بىر كۈنى بىلگىيەنىڭ چارلىروي شەھرىدىكى ئوقۇرمەنلەر شۇ جايدا نەشىر قىلىنغان <<ئىقتىساد قىلىش گىزىتى>> نىڭ بىر سانىنى تاپشۇرىۋىلىپ ناھايىتى ئەجەپلەنگەن ، 18 بەتلىك بۇ گىزىتنىڭ ھەممە بىتى قۇپقۇرۇق بولۇپ ، پەقەت بىرىنجى بىتىگە چوڭ قىلىپ <<ئىرساك ئەپەندى بولمايدۇ!>> دىگەن خەت بىسىلغان . ئەسلىدە بۇ گىزىتنى قوشۇۋالغىنىمغا ئۇزۇن بولمىغان فىرانسىيەنىڭ گىزىت شاھى لوبۇر ئىرساك ئەپەندىگە چىقىرىلغان بولۇپ ، بۇ گىزىتنىڭ مۇخپىرلىرى ۋە مەتبەئە خادىملىرى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇق ئاق گىزىت چىقارغان ئىكەن.

مەنبە<<پەن ۋە تۇرمۇش>>

توردا
112سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
14 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 12:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نېمە دىگەن غەلىتە !!!!!

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
889 
تېما
147 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راستىنىلا غەلىتىكەن، بۇنداق غەلىتە ئىشلار كىيىنىچە مۇشۇ بىزنىڭ يەرگىمۇ كېلەرمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم

توردا
135سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
802 
تېما
48 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 18:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا!

توردا
63سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
169 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 19:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.