ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 104|ئىنكاس: 7
go

تىللىسا

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 12:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تىللىسا



مۇھەممەد رەھىم


خۇش بولارمەن كۆرسىتىپ ئەيىبىمنى ھەركىم تىللىسا،
مەيلى دوست - يار، مەيلى پۇقرا، مەيلى ھاكىم تىللىسا.

بولمىغاچ ئادەم ئەيىب، نۇقسانۇ ئىللەتتىن يىراق،
رەنجىمەس دانا كىشى ھەتتا مۇلازىم تىللىسا.

تەلۋىلەردىن تىل - ھاقارەت ئاڭلىدىم ئون يىل ئۇدا،
تەۋرىمەس بولدۇم بۈگۈن دۈشمەنمۇ دائىم تىللىسا.

تىللىسا ئارقامغا باقتىم، ماختىسا ئالدىمغا مەن،
بولمىدى باتناش بىلەن مىسقالۇ كارىم تىللىسا.

بۇ ھاياتلىقتا ئۇنىڭدىن ھېچ كىشى خالىي ئەمەس،
يامىنى شۇ ھەممىدىن ئۆلگەندە خەلقىم تىللىسا.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miskar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-7 12:18

توردا
512سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2475 
تېما
325 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 12:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ياقتۇردۇم بۇ شىئىرنى،ھازىر ئالدىدا ماختاپ كەينىدىن ئورەك كولايدىغانلار تولمۇ كۆپ بىر-بىرىگە ئەينەك بولىدىغانلار يوق دېيەرلىك بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 12:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ نىمە دېىگەن ئېسل شېئر بۇ ؟ مەن بەك ياخىتۇرۇپ ئوقىدۇم . ئەگەر ۋاقىتىڭىز بولىسا داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . مەن سىزىگە ئامەت تىلەيىمەن .

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 12:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر ئۇنداق ئادەمنىڭ ئەيىپىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئادەم قالمىدى مىكىن دەيمەن ، ھەممىسى ئالدىدا ماختايدۇ كەينىدە غاجايدۇ ............ تىمىڭىزغا رەھمەت . داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ............

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 14:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش gulimire نىڭ يازمىسى

ئۇنداق بولسا مەن سىزنىڭ ئېيۋىڭىزنى دەپ بىرەي سىز بەك ئۇششۇق.

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1575 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 21:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بەك ياقتۇردۇم ،ساقلىۋالسام بولامدۇ؟

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 23:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش nazuk214 نىڭ يازمىسى

خالىسىڭىز

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
57 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 04:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇ مۇيىسپىت ئەينەكلىرمىز نەدە ! !!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.