دوپپامغا قاراپ بىرسى سوراپ قالدى:
‹‹بوپقالدىڭ قاچانلاردا مۇسىبەتلىك؟››
يۈرەكنى بېغىشىدىن يۇلۇپ ئالدى.
ئۆكسۈدۈم ئىچ–ئىچىمدىن ئەجەپ دەرتلىك. 
قەلبىمنىڭ قات–قېتىدىن پىغان ئەيلەپ،
بىر سادا فونتان كەبىي چىقتى ئوخچۇپ:
‹‹نېمىشقا كىيمەي ئۇنى مەن ئەزىزلەپ،
ئەجدادتىن ئۇدۇم ئالغان ئۇيغۇر تۇرۇپ؟! 
ھە، ئۇنى بوۋام كىيگەن ھېيت-ئايەمدە،
باش بولۇپ ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپىگە.
ھە، ئۇنى مومام كىيگەن توي–ماتەمدە،
چاي بېرىپ توققۇز قىزنىڭ شەرىپىگە! 
ھەدەمنىڭ ئاتا قىلغان تىلىكىگە،
ئاكامنىڭ تومۇرىدا چوغ كۈۋەجەپ،
گۈل چەككەن سىڭلىم ئۇنىڭ جىيىكىگە،
ئىنىمنىڭ سېماسىنى مۇجەسسەملەپ. 
مەھبۇبەم كەشتىلىگەن مېھرى بىلەن،
پاك سۆيگۈ–مۇھەببەتنىڭ سۈلكىتىنى.
ھەر نەقىش، ھەر گۈلىدە ئەقىل تېرەن،
پارلاتقان ھايات مەنا–ھېكمىتىنى. 
بەيگىدە ئۇتۇپ چىقسام قەھ–قەھ كۈلۈپ،
كىيگۈزگەن دوستلار شەرەپ سەھنىسىدە.
دەرد كەلسە بېشىمغا ئاھ، مىڭ بىر ئۆلۈپ،
كىيگۈزگەن مۇسىبەتلىك پەتىسىدە. 
ھە، شۇڭا چۈشۈرمەيمەن ئۇنى باشتىن،
ئەقىدە، ئىخلاسلارغا قىلىپ تەققاس.
بەك ئېغىر ۋەزنى گويا ئون مىڭ پاتمان،
تاڭ قالار ھەتتا ئۇنى كۆرگەن رەققاس! 
كىيىمەن، ئۇنى ماڭا ئاتام بەرگەن،
بولغىن سەن ئوغلۇم ئەلنىڭ سەركىسى! دەپ.
كىيىمەن، ئۇنى ماڭا ئانام بەرگەن،
ئادەملىك غۇرۇرنىڭ پاك بەلگىسى، دەپ! 
كىيىمەن، مىراسى ئۇ ئەجدادىمنىڭ،
بېشىمدا جۇلالايدۇ زەر گۆھەردەك.
كىيىمەن، كىملىكى ئۇ ئەۋلادىمنىڭ،
كۆرسىتەر يوللىرىمنى پاھ، ھۈكەردەك! 
كىيىمەن، ئاھ، بالاممۇ كىيىپ چوقۇم،
قالدۇرار شەكسىز مىراس نەۋرەمگىمۇ!
دوپپىدۇر ئەۋلادىمغا مەڭگۈ ئۇدۇم،
يادىكار قالغاي چوقۇم چەۋرەمگىمۇ! 
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ |