ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىز تورىغا تەكلىپ مۇنبەر مەسئۇللىرىغا ئوچۇق خەت
كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 13
go

مۇنبەر مەسئۇللىرىغا ئوچۇق خەت  

توردا
163سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 05:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مىنىڭ ئىز مۇنىرىگە ئەزا بولغىنىمغا خېلى بىرمەزگىل بولغان بولسمۇ، بىراق مېنىڭدەك ئوقۇپ، كۆرۈپ مەنپەئەتلىنىشنى بىلىدىغان، يېزىشنى ، نەپ بىرىشنى بىلمەيدىغان بىر مۇنبەر ئەزاسىنىڭ مۇنبەرگە باش چۆكۈپ،ئۆز-ئۆزۈمنىڭ ھەرساھە بىلىمىمنى سىناپ كۆرۈش شۇنداقلا مۇنبەر ھەم مۇنبەرداشلار ئۈچۈن ئازتولا نەپ يەتكۈزۈش قىزغىنلىقىمنىڭ قوزغالغىنىغا تېخى ئەمدى بىر ئاي بولاي دىدى.
يېقىندىن بىرى مۇنبەرگە چىقىش ۋاقتىم قىسقىراپ قالغانسېرى مۇنبەرگە بولغان قىزغىنلىقىم ۋە قىزىقىشىممۇ بارغانسېرى تۈۋەنلەپ كىتىپ بېرىۋاتىدۇ، سەۋەبى، مەن ئەسلى مۇنبەرنى يىڭى-يىڭى بىلىملەر ماكانى، تىرىشچان ، ئىجاتچانلار سورۇنى، بىرەر يىڭى بىلىم ۋە ياكى بىرەر يېڭى ئەھمىيەتلىك تىما ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۇنىڭ ئىشتىراكچىلىرى بولغان مۆھتىرەم مۇنبەر ئەھلىنى ئۇنىڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى توغىرىسىدا ئۆز-ئارا مۇنازىرىلىشىدىغان، مۇھاكىمە قىلىشىدىغان شۇنداقلا يېزىلغان تېمىنىڭ جەمىيەتكە، مىللەتكە ئەڭ ئەقەللىسى مۇنبەرگە بولغان ئاز-تولا ئەھمىيىتى توغىرىسىدا ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ، ئورتاق پىكىرداشلار تونىشىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ دانا پىكىر-مولاھىزىلىلىرى جەملىنىدىغان ئىدىراك قاچىسى دەپ ئويلايتتىم ۋە شۇنداق بولىشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.
ئەپسۇس، نۆۋەتتىكى مۇنبەر ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ، ئۇ يول ياقىسىدىكى بىر كىچىك باغچىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ، بەزىلەر بۇ باغچىغا گۈل تېرىسا بەزىلەر ياۋا ئوت چۆپ تېرىۋاتىدۇ. چىرايلىق ئۆستۈرۈلگەن گۈل گىياھلار ياۋا ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ئۆز گۈزەللىكىنىڭ جۇلاسىنى نامايەن قىلالماي مەزگىلسىز توزۇپ كىتىۋاتسا، بەزى ياۋا ئوت-چۆپلەردىن چىچەكلىگەن ئاددى چىچەكلەرنىڭ ھىدى ھەممەياقنى قاپلاپ، پەرۋىشكارلار ئۈزگىسى كەلسىمۇ كۆزى قىيمايدىغان زىننەت ئەڭگۈشتەرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. چېچەك، ئۇ گۈل-گىياھلاردىن بالدۇر تۇزۇيدۇ، بىراق چېچەك شېرىن -شەربەتلىك مېۋىگە ئايلىنىشى كېرەك ئىدى، بىراق ئەپسۇس، مېۋە بەرمەيدىغان چېچەك كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ.....
بىرقانچە كۈندىن بېرى مۇنبەردە 4-قارارلىق سىرلىق مۇكاپات پائالىيەت نەتىجىسى توغىرىسىدىكى تېمىدا باشقۇرغۇچى شاتئاينىڭ مۇنبەرھەققىدىكى بىر قاتار پىكىر تەكلىپلىرى مەزكۇر تېمىنى قىززىتىۋەتتى. ئويلاپ باقسام شۇ پىكىرلەر مىنىڭ مۇنبەردىن قىزىقىشىم سۇۋۇپ قېلىۋاتقانلىقنىڭ مۇھىم بىر تەرەپلىرى ئىكەن.
مەن ئەسلىدە شاتئاينىڭلا ئەمەس، شاتئاينىڭ پىكىرىگە زىتتەك كۆرۈنگەن بىرقىسىم مۇنبەر مەسئۇللىرى ۋە ئەزالارنىڭ پىكىرىنىڭمۇ بەلگىلىك ئاساسى بار دەپ ئويلايمەن. بىراق مۇشۇنداق كەسكىن پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئاساسلىق سەۋەپ نىمە؟
مىنىڭچە شاتئاينىڭ شۇ ئىنكاستا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلىرىگە قارىتا مۇنبەر باشلىقى ۋە باشقا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ، شاتئاينىڭ پكىر-تەكلىپىگە بولغان ئىزاھاتىنى ئاددى بىر ئىنكاس شەكلىدە ئەمەس، پۈتۈن مۇنبەر ئەھلىگە ئەستايىدىللىق بىلەن يىڭى بىرتېما قىلىپ سۇنۇشى كېرەك ئىدى.
ھورۇنلۇقنى مۇنبەر ئەھلىدىلا بارمىكىن دىسەم ئەسلىدە ھۇرۇنلۇقنىڭ مۇنبەر مەسئۇللىرىدىمۇ يەتكۈچە بارلىقىنى ھىس قىلدىم.
شاتئاينىڭ پىكىرى مۇنبەردە شاتئاي باشلىق ئاز بولمىغان بىر قاتار مۇنبەر ئەھلىنىڭ پىكىرى. ھۆرمەتلىك مۇنبەر مەسئۇللىرى سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ، شاتئاينىڭ پىكىرىگە ئوخشاش پىكىر مۇنبەردىكى قايسى خىلدىكى مۇنبەر ئەھلىدىن چىقىدۇ؟
مىنىڭچە بۇ، ئۆزى ئەجىر قىلىپ يىڭىلىق يارىتىشنى ۋە ئۆزى تىرىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆز ئەجىر-مېھنىتىنىڭ مۇۋاپىق جاۋاپقا ئېرىشمەي تۇرۇپ كۆمۈلۈپ كېتىشىنى خالىمايدىغان ئاساسلىق تۆھپىكارلارنىڭ پىكىرى.
نۆۋەتتە مۇنبەردە ھورۇنلۇق ئىنتايىن ئېغىر بىر مەسىلە، بولۇپمۇ يىڭى بىر مەسىلىگە نىسبەتەن، مۇنبەر ئەھلىدە ئەتىراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ۋە پىكىرلىشىشكە ھورۇنلۇق قىلىش بەك ئېغىر، ناۋادا بىرەر تېمىغا نىسبەتەن تورداشلار مولاھىزە ئېلىپ بارغان بولسىدى، ئۇھالدا مۇنبەرمۇ تازا قىزىش بىلەن بىرگە، تېمىلارنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش ئىشلىرىمۇ ئۇنچە سىرلىق ۋە ئاددى بولۇپ قالمىغان، مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ ھەقىقى ئىدىيىسىدىن ئۆتكەن ھالدا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان بۇلاتتى. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ماڭا ئوخشاش مۇلاھىزە ۋە تەپەككۇرغا ھىرىسمەنلەرنىڭمۇ ئانچە-مۇنچە كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى ۋە دانا پىكىرلەردىن ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالغان بولاتتۇق. بىراق بەزى مۇنازىرىلىشىشكە تىگىشلىك بولغان بىر قىسىم تىمىلارمۇ < ياخشى يېزىپسىز>، <جاپا تارتتىڭىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن>،دىگەنگە ئوخشاش ئاددى باھا سۆزلىرى ياكى تىلەكلەر بىلەن يېزىلغان ئىنكاسلار بىلەن بولدى قىلىنىۋاتىدۇ. ھەتتا تېما مەزمۇنىدىن چەتنەپ، شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز نەدىكى بىر تۇتۇرۇقسىز، پۇچەك خۇسۇسى پاراڭلار بىلەن تېمىنىڭ ئاخىرى چىقماي ئاخىرلىشىۋاتىدۇ. بۇمەسىلە يىڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ۋە قابىل بولغان مۇنبەر مەسئۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشىنى كۈتىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟
مۇنبەر مەسئۇللىرى ئۆزەڭلار ھىس قىلدىڭلارمۇ، سىلەردە ھۇرۇنلۇق ئېغىر بۇلۇش بىلەن بىرگە، سىلەردە ئەستايىدىللىق كەمچىل ۋە مۇنبەردىكى مەزمۇنلارغا نىسبەتەن بىخۇتلىق ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا. مەسىلەن ئېيتايلۇق، مۇنبەرگە جىددى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى قۇبول قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلدىڭلار، بىراق سىلەرنىڭ شۇئارىڭلاربۇيىچە مۇنبەردە چوقۇم ئىزى قالغان، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولغان......دىگەندەك ئاددى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار، مانا ئەمدى قاراپ بېقىڭلار، بۇ ھازىر مۇنبەردە بىر كۆڭۈل خوشى ئويۇنىغا، بىرقىسىم نامزاتلارنىڭ مۇنبەردىكى ئۆزتەسىرىنى بىلىپ باقماقچى بولغان ئەينىكىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. بۇلاردىن ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغىنى ئەينىكىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاللىقانداق سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ۋەزىپىدىن ۋاز كېچىشى ۋەياكى بېشىنى ئىچىگە تىقىپ مۇنبەرگە ماسلشماسلىقى ھەتتا توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا سىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىغان نامزاتىڭلار بەلكىم بىلىمسىز بىر تەلەيلىك بولىشى مۇمكىن.مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ساپاسى مۇنبەر سۈپىتنىڭ موھىم كاپالەتلىرىنىڭ بىرى. ئەجىبا سىلەرگە شۇ نامزاتلار بىلەن يۈز-تۇرانە پىكىرلىشىش پۇرسىتى بولمىسىمۇ، ئۇلار بىلەن تېلىفۇن ۋە ياكى باشقا مۇڭداشقۇلار بىلەن ئاز-تولا پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش تارىخى، جەمىيەت كۆز-قارشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى توغىرىسىدا ئۇلار بىلەن ئېغىزاكى پىكىرلىشىش پۇرسىتىمۇ بولمىدىمۇ؟ توغرا، مۇنبەر مەسئۇللىرىنىڭ جاپاسى ۋە زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ئېغىر، ناۋادا باشقۇرغۇچىلارنى قەرەللىك تەشكىللەپ ۋە ئۇلار بىلەن مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجىرىتىپ پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىلىم -ساپا ئەھۋالىنى ئەتىراپلىق ئىگەللەپ ۋە ئۇنى ئاساس قىلىپ، سەھىپىلەرنى تۈرلەر بويىچە باشقۇرۇشقا ، باشقۇرغۇچىلارنىمۇ باھالىغان تېمىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ئۇلارنىمۇ مۇكاپاتلاشقا مۇۋاپىق ئەھمىيەت بەرسەڭلار ئىشىنىمەنكى مۇنبەرمەسئۇللىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى بېسىمنى مۇۋاپىق يىنىكلىتىشكە پايدىسى تىگىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.
تېما نادىرلاش ۋە مۇكاپاتلاش ئىشلىرىغا قارىتا راسىت گەپنى قىلسام بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق پائالىيىتىڭلار مىنىمۇ ئانچە قىزىقتۇرالمىدى. چۈنكى:
1. تاللاپ مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ، گەرچە تېما ئىگىسىنىڭ تارتقان جاپاسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولسىمۇ، بىراق يېزىلغان تېمىنىڭ سۈپىتى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق ھازىر تېما مۇكاپاتلاشتا، سۈپەت ئەمەس باسقۇچ، يەنى مەلۇم بىر باسقۇچ ئاخىرلاشقاندا ، شۇ باسقۇچتا يېزىلغان، كىملىگىنى بىلگىلى بولمايدىغان باھالاش گۇرۇپپىسى <ياخشى> دەپ بىكىتكەن بىرەر تېمىنى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن زورلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىسىلەر. 2. مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەرلەرگە قارىتا بىرىلگەن ئىزاھات بەك ئاددى ۋە بەك كەمچىل. بۇ بەلكىم يەنە ھۇرۇنلۇق بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇنداق كېتىۋەرسە بۇخىل ئەھۋال كىشىلەرگە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا قارىتا بىرخىل ئۆزبېشىمچىلىق تۇيغۇسى بىرىپ قويىدىكەن.مەن 2. قارارلىق سىرلىق مۇكاپات پائالىيىتىدە تېما يوللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدىم، كۈلكىلىگى مەن بۇ مۇكاپاتقا قانداق ئىرىشكەنلىگىمنى، بۇمۇكاپاتنىڭ قانداق نەتىجىگە ئاساسەن بېرىلىدىغانلىقىنى ھازىرغىچىلىك بىلمەيمەن. (ناۋادا بۇمۇكاپات يوللىغان تېمىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ بىرىلىدىغان بولسىدى، مەن مۇنبەرنى ھەركۈنى مەنبەسى ۋە مەزمۇنىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىگە قارىماي مۇنبەرنى نەچچە ئونلاپ يىڭى تېما بىلەن توشقۇزىۋەتكەن بولاتتىم.)مەلۇم بىرخىل ئەسەرنىڭ مۇكاپاتلىنىشىدىكى سەۋەپ نىمە؟ بۇنى كىم باھالىغان؟ شۇ قېتىملىق باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار كىم؟ بۇلار چوقۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك ئىدى.
3. باھالىغۇچى خادىملارنىڭ ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ساپاسىغا چوقۇم يوقۇرى تەلەپ قويىشىڭلار كېرەك. مۇنبەر باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ئىسىدە شۇ نەرسە ئېنىق بولىشى كېرەككى ، باغرى يۇمشاق باغۋەن ئۇ ياخشى باغۋەن بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىق ھەرگىزمۇ مۇنبەردىكى ئالاھىدە ئىمتىياز ئەمەس، ئۇ مەسئۇلىيەت.
4. مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنىنىڭ باسقۇچىدا ۋاقىتنى ئاساس قىلماي، يېزىلغان ئەھمىيەتلىك تېمىنى ئاساس قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. قاچانكى نادىرلاشقا تىگىشلىك بولغان ياخشى بىرتېما مۇنبەرگە چىقسا دەل شۇ بىر باسقۇچ. ناۋادا چىقمىسا مۇكاپات سوممىسىنى يىغىپ مەلۇم بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇنى ئەھمىيەتلىك بىرەر ئىشقا سەرپ قىلىشىڭلارنى، مەسىلەن، مۇنبەرگە جەمىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق كىشىلىرىمىزدىن تەكلىپلىك ئالاھىدە مېھمانلارنى چاقىرىپ، مۇنبەر مەزمۇنىنى بېيىتساڭلار، ياكى خەيرى ساخاۋات ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، ئىز مۇنبىرىنىڭ جەمىيەتتىكى، كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرسەڭلار بولىدىغۇ. قىسقىسى، مۇكاپاتنىڭ ئەتىۋارى ۋە ھۆرمىتى بولىشى كېرەك.
ئاخىرىدا مىنىڭ يەنە دىمەكچى بولغىنىم، مەن بىرقانچە كۈندىن بىرى مۇنبەرگە ئۆزۈم تىرىشىپ بىرەر ياخشىراق تېما يېزىپ، مۇنبەر مەزمۇنىنى بېيىتىپ باقسام دىگەن نىيەتتە جەمىيەتتىن ماتىرىيال توپلىماقچى بولغان ئىدىم. بىراق يەنە تۇرۇپ ئويلۇنۇپ قالدىمكى مەن جاپا تارتىپ يازغان نەرسەم بىر-ئىككى ئېغىز ئاددى باھا سۆزى يېزىلىپ بولغىچىلىك <يىڭى-يىڭى> تېمىلارنىڭ كۆپلىگىدە يېرىم كۈندىلا ئارقا بەتكە ئۆرۈلۈپ كىتىدىغاندەك، ئۇنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايدىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم. بۇنداق خىيالغا كىلىپ قالغانلار مىنىڭچە يالغۇز بىر مەنلا ئەمەس. ئادەمنىڭ ئەجرى ئىسراپ بولسا نەپسى ئىزا تارتىدىغان گەپكەن. مىنىڭچە بۇگەپ مۇنبەر مەسئۇللىرىغىمۇ ياقتى ھەقاچان؟ سىلەرنىڭ شاتئايغا دىمەكچى بولغىنىڭلارمۇ مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا بەزى تورداشلارنىڭ ئاز-دۇر كۆپتۇر ئەمگىكى ئۈچۈن ھەقاچان؟بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، بىراق سىلەرنىڭمۇ مۇنبەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلۇنۇپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
(تېمىلارنى تۈرگە ئايرىغان تۈرلەردىن <جەھەرلەنگەن تېمىلار>دىگەن سۆز مۇشۇ ئىملا خاتالىقىدا تۇرىۋاتقىلى خېلى بولدى، تۈزىتىدىغان ۋاقىت كەلدىغۇ دەيمەن)


توردا
163سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 11:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەلكىم مىنىڭ يوقىرىدا يازغانلىرىمنىڭ نورغۇنلىرى ئېغىزدا دىيىلمەك ئوڭاي بولغىنى بىلەن ئەمىيىلەتتە ئېلىپ بېرىلماق تەس بولىشى ۋە ياكى بەزى مەزمۇنلارنى ئۆزۈمنى چاغلىماي سەل چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن بولىشىم مۇمكىن. بىراق بۇ قانداقلا بولمىسۇن بۇمنىڭ كۆڭلۈمدە ئويلىغىنىم، مۇنبەر ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىغا موھتاج. قىسقىسى، مەن مۇنبەردە يىڭى بىلىملەرگە نىسبەتەن يىڭىچە ئۇسلۇپتا جانلىنىش بولسا، مۇنبەردىكى تۆھپىكارلارنىڭ ئەجىرى بىكارغا كۆمۈلۈپ كەتمەي ئۇلارغا ئادىل باھا بىرىلسە دىمەكچى.

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 11:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنچىمۇ بۇ ئىشقا باشلىقلار ئاۋال جاۋاپ بەرسە.ھەممىمىز مۇنبەر ھەممە كىشى ياقتۇردىغان بىر ياخشى مۇنبەر بولسىكەن ،بىزمۇ بۇ بۇلاقتىن قانغۇدەك سۇ ئىچسەككەن دەيمىزغۇ.بۇ ئىشلارغا باشقا تورداشلار قانداق قارايدىكىن.ئاڭلاپ باقايلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muslima12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-17 11:59

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
350 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 12:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مېنىڭچە، مۇنبەرنى ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇرۇنقىغا قارىغاندا خىلى زور ئىلگىرلەشلەر بار... مۇنبەردە ئۇنداق، مۇنداق بەزى ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئىشلار بارا-بارا تۇزىلىدۇ.
تورداشلار ، ئىز مۇنبىرى ئۇچۇن ئورتاق كۇچ چىقىدىدىغان بولسا تەرەققىياتتا گەپ يوق. باشقۇرغۇچىلارمۇ مىننەتسىز جاپا چىقىۋاتىدۇ. ئۇلارغا رەھمەت ئىيتىمەن.
ئىز تورىدا يىڭىلىقلارمۇ بولىۋاتىدۇ. قوللاشقا ئەرزىيدۇ. قابىلىيەتلىك تورداشلارنىڭ سانى ھەم ساپاسى ئىشىۋاتىدۇ. ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۇچ چىقىرايلى !
بىزنىڭ ئىزلىرىمىز ، ئىز تورىدا...

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
124 
تېما
60 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 13:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
xanbaئىسىملىك قىرىندىشىمىزنىڭ پىكىرى ئۇرۇنلۇق دەپ قارايمەن.ھەممىز بۇ مۇنبەرگە قىزىقىش ئىچىدە كىردۇق،ئەشۇ قىزىقىشلىرىمىزنىڭ مۇنبەردە مەمنۇنلۇققا ئىرىشىشى بىز ئۈچۈن بەخىت.
مۇنبەر قۇرغۇچىلىرىنىڭ مۇنبەرنى بۇ ھالغا ئەپ كىلىشىمۇ ئاسان ئەمەس.شۇنداق ئىكەن مۇنبەر ئۈچۈن يەنە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ،بىر قىسىم تىما يوللۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىپ پىكىرلىشىپ قۇيۇشى،ئەزالارنىڭ ئۆزلىرىگە يوللىغان ئۇچۇرلىرىغا جاۋاپ يىزىپ قۇيۇشى ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ئەمەس...
مۇنبەرگە ئىنچىكە نەزەر سالسام مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ئىشلەۋاتقان باشقۇرغۇچىلار ئاز ئەمەستەك قىلىدۇ.لىكىن يەنىلا مۇنبەر باشلىقلىرىمۇ ئۇلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيىتسە باشقۇرغۇچى تاللاشتا مۇنبەردە ھەقىقى تالانتى بارلارنى بايقاپ باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ باققان بولسا،ئويلايمەن بەلكىم ھەر قانداق ئەزا باشقۇرغۇچىلىققا قىزىقىدۇ لىكىن ئۇ ئاسان خىزمەت ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ... ئەزا تەلەپ قىلدى دەپلا باشقۇرغۇچى قىلىپ تىكلەپ قۇيۇش،ئۇنىڭ بىلىم سەۋۋىيەسى ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەيلا باشقۇرغۇچى دەپ نام بىرىپ قۇيۇش مېنىڭچە تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا deldax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-17 13:56

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
514 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 14:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا دەيسىز،پىكىرڭزگە قۇشۇلىمەن.
ھەممەيلەن تىرشىدىغانلابولساق چۇقۇم يىڭىچە كۆرۈنۈش يارتالايمىز!

توردا
92سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
336 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 14:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مەنمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن ! ئەمما ئۇنچىلىك دەپ كىتىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ ، چۈنكى ، ئەزالار بەك كۆپ ، باشقۇرغۇچىلار ئاز ، ھەممىنى باشقۇرغۇچىغا ئارتىپ قۇيۇشمۇ توغرا ئەمەس ! شۇ باشقۇرغۇچىلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ، ئۇلارنىڭمۇ بىزنىڭكىدەك شەخسى ئىشلىرى بۇلۇشى مۇمكىن ، ئۇلارمۇ يەنىلا بىزگە ياخشى بولسۇن دەپ ، مۇنبەرنى گۇللەندۈرىمىز دەپ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بىزلەر ئۈچۈن ئۈن - تۈنسىز خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ، باشقۇرغۇچىلارنىمۇ توغرا چۈشىنەيلى دوستلار ، ئادەم دىگەن نۇقسانسىز بولمايدۇ ! شۇڭا ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشىنىپ ، شۇنچە كۆپ ئەزالار كىرىدىغان مۇنبەردىلا ئۇلارغا ئوچۇق خەت يېزىپ يۈرمەي ، شۇ باشقۇرغۇچىنىڭ QQ سى ، ياكى شۇلارنىڭ بوشلۇقىغا كىرىپ يىتەرسىزلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيىشىمىز لازىم ، ئاندىن يەنىلا ئۆزىگە ئالماي قالسا ئۇلارغا ئوچۇق خەت يازساق ئاندىن مۇۋاپىق ، مەن شۇنداق ئويلايمەن !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aski520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-17 14:40

باھا سۆز

mamatjan005 ئوغال بالا، ئادەم دىگەن مۇنداق چۈشۈنۈش كىرەك تە.. يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 23:25
nazuk214 توغرا ....توغرا........ياخشى پىكىر............ يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 14:40

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 15:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسىلام،ئەسسىلام..... مەن گەرچە يېڭى ئەزا بولساممۇ ،ئىزتورى ئۈچۈن ھېچقانداق كۈچ چىقىرىپ باقمىغان بولساممۇ ،مەنچە دوستىمىزنىڭ بۇ پىكرى بەك ئورۇنلۇق.... مەيلى مۇنەۋەر مۇكاپاتلىق ئەسەر بولسۇن،ياكى ھازىرقى سىلەر ئېلىپ بىرۋاتقان باشقۇرغۇچى تاللاش بولسۇن،مەنچە شەخىسنىڭ يوللىغان تېمىسىنىڭ ئاز-كۆپلىگى،قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ئەمەس بەلكى ئەمىلىيەتتە شۇ ئىقتىدار بارمۇ-يوق،ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامدۇ-يوق؟ سىلەر تەلەپ قىلدىغان بىكار ۋاختى بارمۇ-يوقلارنىمۇ ئويلىشىپ باقساڭلار ..... بىلەت تاشلاش قارماققا بىر ئادىل بولغان تاللاشتەك كۆرىنسمۇ،ئەمما بۇتوردىن ئىبارەت سوبىيكىتۋىزىمىلقى بار ئورۇن ئۈچۈن ،دوستىمىز دىگەندەك تۇر مەسئۇللىرى نامزاتلارنى چوقۇم ئۆزلىرى تەپىسلىرەك سۈرۇشتۇرۇپ بىكىتسە ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن...بۇرۇنقىلار«سەھرا ئېشىگى بازاردا ھاڭرالمايدۇ»دەپتكەن... كەچۈرۇڭلار ماتەرەپتىن كىرىپلا ئاتىكاچىلىق قىلىپ سالدىم ....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
688سائەت 
نادىر تېما
13 
دوست
30 
يازما
552 
تېما
71 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 15:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالدى بىلەن تىما يوللىغۇچىغا كۆپ تەشەككۇر. گەرچە ئەيىپلەش سەل ئارتۇقچە بوپ كەتكەن بولسىمۇ تىما ئىگىسىنىڭ ئىز تورى ئۈچۈن سۆزلەۋاتقانلىقىدىن بىز تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق.
مەزكۇر تور بىكەت شىركەتنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا بولغاچقا بىكەت مەسئۇللىرى شىركەتنىڭ باشقا ئىشلىرى بىلەنمۇ سەل ئالدىراش بوپ قالدى. تورداشلارنىڭ توغىرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شىركەتتىكى خىزمەتلەر نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا بىز QQ ئارقىلىق تورداشلارنىڭ مەسىللىرىگە جاۋاپ بىرىپ بولالمايمىز. لىكىن قىسقا ئۇچۇرنى ئىمكانقەدەر قايتۇرىۋاتىمىز. تورداشلارنىڭ مۇھىم مەسىللەرنى بىۋاستە 0998_2924444 غا تىلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرىشىنى ياكى ھەل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئادەتتىكى مەسىللەرنى باشقۇرغۇچىلارغا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ.

مۇكاپاتلىق پائالىيەتتىكى باھالىنىش ئەھۋالىغا كەلسەك ئۇنى بىز ئەسلى تىمىدا پۈتۈنلەي ئاپتۇماتىك ئېلىپ بىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، تىما ئىگىسى دىققەت قىلمىغان بولسا كىرەك. ئۇنى سىستىما ھەر دۈشەنبە كۈنى ئاپتۇماتىك ھىساپلاپ چىقىپ تىزىملىكىنى تۇرغۇزىدۇ. بىز پەقەت ئىلان قىلىمىز.

نادىر تىما مۇكاپاتى شۇ ھەپتە ئىچىدە نادىر تىما دەپ باھالانغان تىمىلار ئارىسىدىن تاللىنىدۇ.
تىما يوللاش مۇكاپاتى ھەپتىلىك تىما يوللىغان سانى كۆپ بولغان، تىما تەستىقلانغان شۇنداقلا تىمىسىدىكى ئىنكاس سانى 1 دىن كۆپ بولغان تىمىلارنى ھىساپلايدۇ.
ئىنكاس مۇكاپاتى ھەپتىلىك كۆپ ئىنكاس يوللىغان تورداشنى ھىساپلاپ چىقىدۇ.
تەشۋىقات مۇكاپاتى ئىز مۇنبىرىنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئادىرىسى ئارقىلىق باشقا ئورۇندا دوستلىرىغا تەۋىسسيە قىلغان، ip سانىدا تەكرارلىنىش بولمىغان ھەپ ip مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان تورداشنى تاللايدۇ.
پۈتۈنلەي ئادىل ھەم مۇۋاپىق. تىمىدىن خەۋەرسىزلەر
/bbs/forum.php?m ... o=lastpost#lastpost
بۇ يەردىن كۆرسە بولىدۇ.

شاتئاينىڭ مۇكاپاتلىق پائالىيەت ھەققىدىكى ئىنكاسىنى بىز توغىرا دەپ قارىمىدۇق.
بۇ يىل ئەجەپ غەلىتە بىر يىل بولدى

Rank: 8Rank: 8

توردا
763سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
70 
يازما
1474 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 19:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سىزگە ئاللاھنىڭ سالىمى يار بولسۇن!يازغان تىيمىڭىزنى ئىككى رەت ئۇقۇپ چىقتىم،مۇنبەرگە ناھايىتى ياخشى تەكلىپ-پىكىر بېرىپسىز.sql ئەپەندىممۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ تىيمىڭىزغا چۈشەنچە بىرىپتۇ.....ھەر قانداق مۇنبەرنىڭ ئۆزگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى كەمچىلى بار ئەلۋەتتە! قالغىنى بىزنىڭ-سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا باغلىق.ئىز مۇنبىرى ھازىر بۇرۇنقىدىن خېلى ياخشى بۇلۇپ كەتتى...بولسا يەنە تورداشلىرمىز داۋاملىق تىرشىپ بىر نىيەت بىر مەخسەتتە ئىلگىرلىسەك.....مۇنبەرنى نەدىكى تاينى يوق ئەخلەت تىيما بىلەن توشقۇزماي ،ئەھمىيەتلىك نادىر تىيمىلىرىڭلار بىلەن بىيتىپ تۇرساڭلار.
ھەر قايسى باشقۇرغۇچىلارغا ،تىيمىلارغا نىسپەتەن تەكلىپ-پىكرىڭلار بولسا ئوتتۇرغا قۇيۇڭلار،بىكەت باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىلار ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بولسا چۇقۇم ھەل قىلىدۇ. مۇسۇلمانچىلىقتا ھەممە ئىش ئاستا-ئاستا كەلگىنى تۈزۈك.ھەممىمىز ئۇيغۇر قان-قېرىنداش بولغاندىكىن تالاش-تارتىش قىلماي ئىناق بۇلۇپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپىمىزنى قۇشايلى.

باھا سۆز

aski520 مەنمۇ شۇ قاراشتا ! يوللانغان ۋاقتى 2011-5-18 12:27
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 17:32

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.