ئاستىدىكى سىن قويغۇچنى ئىچىۋىتىپ ئاندىن ئوقۇڭ ،شۇنداق بولغاندا ئەسەرگە تىخىمۇ چۆكۈپ كىرەلەيسىز .
مەڭگۈلۈك مۇھەببەت
ۋانكېل سالىم(ھىندىستان)
سەيدۇللا سەمەت تەرجىمىسى

بەزى ئىشلارنى ۋاقىت ئۇنتۇلدۇرالمايدۇ.
1
ئۇلار ئايالنىڭ كىسەل كارىۋىتىنى ئورىۋىلىشقانىدى، چىرايىدىن مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى، ئەڭ ئاخىرقى دەقىقە يىتىپ كەلگەنىدى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگەا نىسبەتەن ئۇ ئايال شۇنداق مۇھىم رول ئوينىغان، يەنى ئۇلارغا ئانا، چوڭ ئاپا، موما، دوست ۋە نەۋرە ئاچا، بولغان، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئالاھىيدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانىدى، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەلدى، ھەممىسىنىڭ كۆڭلى شۇنداق يېرىم ئىدى، چۇنكى، ئۇ ئايال ئەمدى ئۇلاردىن مەڭگۇ ئايرىلىپ، تولدۇرغىلى بولمايدىغان بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇش ئالدىدا تۇراتتى، بۇ ئايال ئىلگىرى ئۇلارغا نۇرغۇن خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى! ئۇلار بۇندىن كېيىن يەنە بۇرۇنقىدەك ئاشۇ خۇشاللىقلاردىن بەھرىلىنەلمەيتتى، ئايال خۇددى ھۇجۇدىدا بىرخىل خىسلەتلىك سېھرىي كۈچ مەڭگۈ يوقىلىدىغان تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ ئازاپلانماي تۇرالىسۇن؟
ئايال تەستە كۆزىنى ئېچىپ، ھالسىزلانغان ھالدا ئەتراپتىكىلەرگە بىر-بىرلەپ قاراپ چىقتى، ئۇنىڭ يەنە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى، قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار ئىدى، شۇتاپتا ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەسلىمىلىرى دولقۇن كەبى مەۋج ئۇرۇۋاتاتتى، ئايال ئوغلىنىڭ ئالدىدا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ھازىر ئوغلى قاۋۇل ۋە ساغلام ئەر، ئىككى بالىسى بار دادا ئىدى. ئەمما، ئۇ تېخى تۇنۈگۈنلا ۋارقىراپ-جارقىراپ تىنىم تاپماي چېپىپ يۇرىيدىغان، يېقىلىپ چۈشسىمۇ چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، شۇ تاپتا تامنىڭ بۇلىڭىدا ئۇيناۋاتقان ئاۋۇ قىزىغا ئوخشاش كەپسىز ئىدى.
ئايال ئەمدى قىزىغا قارىدى، قىزىمۇ ھازىر ئانا بولغانىدى، قىزى ئىلگىرى تولىمۇ تەرسا، باشقۇرۇش تەس قىز ئىدى، ھە دىسىلا ئاچچىقلايتتى، قاچا-قۇچىلارنى يەرگە ئېتىپ يېغلايتتى، غەلۋە قىلاتتى، ئەلۋەتتە، ھازىر ئۇنىڭ بۇ مىجەزلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى، چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ بەڭۋاش، ئۆكتەم بىر ئوغلى بار ئىدى، ھەي ئۇنىڭغىمۇ تەس-دە.
ئايال يەنە سىزداش دوستىنىڭ ئۆزىگە قاراپ ئۈمدىمەي ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولدى، ئىلگىرى ئۇ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەمەسمىدى! ئۇلار بالا ۋاقىتلىرىدا تۇنۇشقان، ئۇ چاغدا ئۆيىدە بۇبالىلار يوق ئىدى، ئەمدى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتكەنىدى،
يەنى ئايالنىڭ جىيەنى- كېلىشكەن بىر يىگىتمۇ بار ئىدى، ئۇ تاقەتسىزلىنىپ پات-پات سائىتىگە قارايتتى، ئېھتىمال چۈشلۈك دەم ئېلىشى توشۇپ قالسا كېرەك، ئۇ ئەزەلدىن شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك يىگىت ئىدى.
ئايال ئاغزىنى ئۆمەللىدى،— ئوغلىغا ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ئىش يوقلىقىنى، قىز نەۋرىسىنى خۇددى ئۆزى ئوغلىنى باققاندەك، مىھرى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىشىنى ئېيتماقچى ئىدى، يەنە قىزىغا ئىش قىلغاندا كۆڭۈل قويۇشنى، ئويۇن قېپى نەۋرىلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇلارنى باغرىغا باسماقچى ئىدى، ئەمما، ئۇنىڭ بۇ ئىشلانى قىلىشقا ماغدۇرى يەتمەيتتى، پەقەت بوغۇزىدىن بىلىنەر-بىلىمەس خىرىلدىغان ئاۋازنىلا چىقىرالىدى، ئۇلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال گۇررىدە ئۇلىشىپ ئايالغا سۇ ئىچۈردى، جىيەن قىزى ئايالنىڭ يومشاق، جانسىز ، قورۇق بېسىپ كەتكەن قوللىرىنى سېلىدى، ئايال بىرنەچچە يۇتۇم سۇنى تەستە ئىچتى، ئاندىن ھارغىن ھالەتتە بېشىنى لېڭشىتىپ ئۇلارغا سۇنى ئەپ كىتىشكە ئىشارەت قىلدى.
ئايال يەنە كۆزىنى يۇمۇپ ئكزىنى ھېچنىمىنىڭ قۇتقۇزۇپ قالالمايدىغانلىقى ئويلىدى، ھەممە ئىش ناھايتى تىزلا ئۆتۈپ كىتىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلەر ئۇنىڭغا بىرقانچە كۈن ماتەم تۇتقاندىن كېيىن ئۇ ئەزەلدىن بۇدۇنياغا كېلىپ باقمىغاندەك، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى يەنە ئاۋالقىدەكلا داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاھ كىشىلىك ھايات نېمەدىگە رەھىمسىز-ھە! ئايال ئۆزىدە ئازراقمۇ ماغدۇر قالمىغاندەك ھېس قىلدى، جىيەن قىزى تېخىچە ئۇنىڭ قۇلىنى ئۇۋلاۋاتاتتى، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايتى راھەتلەندى، ئېختىيارسىز ئويقۇ باستى، ‹شۈكۈر قىلىشىم كېرەك،-دەپ ئويلىدى، ئۇ،-مەن قانداقلا بولمىسۇن دۇنيادا ياشدىم،باللىرىمنىڭ ھەممىسىنى قاتارغا قوشتۇم، ئۇلار ياراملىق ئادەم بولدى.› ئايال يەنە سېرداش دوستىنى خىيالىغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ياشلىق دەۋرى يادىغا يىتىپ قالدى، ئۇ چاغلار ئادەمنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلمەيدىغان نەقەدەر گۈزەل چاغلار ئىدى-ھە! مۇشۇنداى ئاجىز بىر ئايالنىڭ ئىلگىرى ئاشۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كىممۇ تەسەۋۋۇر قىلالىسۇن. ئويلاپ بۇيەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ كۆڭلى پاللىدە يۇرۇپ كەتتى. خەير، بۇرچۇمىنۇ ئادا قىلىپ بولدۇم، ئەمدى ئارام ئالاي....
2
ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان ناتۇنۇش بىر بوۋاينىڭ توساتتىن ئۈسۈپلا كىرىشى كېسەلخانىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى، ئۇ ئىشىكنى چىكىپلا ئېغىر قەدەم تاشلىغىنىچە كىرىپ كەلدى، ئەتراپقا بىر قۇر نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەدىپسىزلىك قىلغانلىقىنى سېزىپ قالدى:
- كە، كەچۈرۈڭلار، بۇ بېمارنىڭ ئىسمى...مۇ؟ - دېدى ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ،
ئايالنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرى بىر-بىرگە قارىشىپ ئېسەنگىرەپ قالدى، ئايالنىڭ ئوغلى بوۋاينىڭ يېنىغا بېرىپ گەپ سوراي دەپ تۇرىشىغا، ئايالنى سېرداش دوستى ئېغىز ئاچتى:
- شۇنداق،- دېدى ئۇ، ئاندىن ئايالنىڭ ئوغلىغا بېشىنى لېڭشىتىپ ھېچقىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى،
ئوغلى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنىلا گۇمان بولسىمۇ، ھاممىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بوۋاينى توسمىدى،
- كەچۈرۈڭلار، مەن...نى كۈرىۋالسام بۇلامدۇ؟ - دېدى بوۋاي يېلىنغان تەلەپپۇزدا.
ئوغلى ھاممىسىغا قارىدى، ئۇ يەنە بېشىنى لېڭشىتىپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆپچىلىك نارازى بولغان ھالدا ئاستا بوۋايغا يول بىرىشتى، بوۋاي تۇتىنى بىرقەدەم-بىرقەدەمدىن يۆتكەپ، كېسەل كارۋېتىغا يېقىنلاشتى، بىر يىگىت تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى.
بوۋاي ئىككى قولى بىلەن ئۇرۇندۇقنىڭ تايانغۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئاۋايلاپ ئولتۇرۋالغاندىن كېيىن يىنىك تىندى.
بۇ بوۋاينىڭ كېسەلخانىغا كىرگەندىن تارتىپ تۇنجى قېتىم ئايالنى يېقىن ئارلىقتىن كۈرىشى ئىدى، بوۋاي خۇددى قېتىپ قالغاندەك، مىدىر-سىدىر قىلمىدى، ھەتتا نەپەسمۇ ئالمىدى، كۆزلىرىدە ھېچقانداق ئىپادە يوق، روھىمۇ خۇددى خىيال دېڭىزىدىكى مەلۇم بىر يىراق ئەسلىمە تەرپىدىن بوغقۇچلىنىپ قالغاندەك ئىدى، ئەمما ئۇ باشتىن-ئاخىرى كارۋاتتىكى ئايالدىن كۆزىنى ئۈزمىدى، قاپىقى پات-پات لىپىلداپ كېتەتتى، كۆز ئىپادىسى بارغانسېرى دەرد-ئەلەملىك، ئېغىر ۋە ئازاپلىق تۇس ئالدى، بوۋاي تۇرۇپ تۇرۇپ نېمىلەرنىدۇر غۇدۇرايتتى، ئاۋازى باشقىلار ئاڭلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە تۆۋەن ئىدى.
بوۋاي شۇ ھالەتتە مىدىر-سىدىر قىلماي ئايالغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى، باشتىن-ئاخىرى كۆزىنى ئۈزمىدى، بوۋاينىڭ چىرايى خۇددى ئېچىنىشلىق ھېكاينى سۆلەۋاتقاندەك تۇس ئالغان، بۇخىل ھەسرەتنى ھەتتا ئۇ ئۆزىمۇ چۈشۈنۈشكە ئامالسىز ئىدى، بوۋاي ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چۆكۈپ كېتىۋاتاتتى، ئەمما يەنە بۇ ئايال دەل ئۆزى ئىزدەپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنى بۇ رېئال دۇنياغا قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغان بېردىن-بېر تارتىش كۈچىدەك، دىققىتىنى پات-پات ئۇنىڭغا مەزكەزلەشتۈرەتتى.
بوۋاي قارىماققا مەڭگۈ مۇشۇنداق ئولتۇرىدىغاندەكلا قىلاتتى، ئەمما ئەڭ ئاخرىدا يەنە نەزىرىنى يۆتكىدى، بوۋاينىڭ كۆزلىرى قىززىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى، تىتىرەپ تۇرغان قۇلىدا چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىرۋاراق قەغەز بىلەن قەلەمنى ئېلىپ، بىر نېمىلەرنى يازدى، ئارلىقتا ئۇ قەلىمىنى توختۇتۇپ، خۇددى مۇشۇنداق قىلسا ئاندىن ئايال باشلاپ كىرمەكچى بولغان ئاشۇ دۇنياغا كىرەلەيدىغاندەك، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئايالغا قاراپ قوياتتى، ئاندىن يەنە يېزىشنى داۋاملاشتۇراتتى، بوۋاي ئاخىرى يېزىپ بولدى، قەلىمىنى يانچۇقىغا سېلىپ، قەغەزنى ئېھتىيات بىلەن قاتلىدى، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ پەرىشان ھالدا ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ قويۇپ بوغۇق ئاۋازدا:
- مەن بۇ باغاقچىنى ئۇنىڭغا بەرسەم بۇلامدۇ؟ دەپ سورىدى.
ئۇنى نېرۋىسى چاتاق بولسا كېرەك، دەپ گۇمانلىنىشقا باشلىغان بەزىلەر قارشى تۇرماقچى بۇلىۋىدى، ئايالنىڭ سېرداش دوستى يەنە ئارىغا چۈشتى،
- بولىدۇ، ئەمدى قايتىپ كىتىڭ ،- دېدى ئۇ كەسكىن تەلەپپۇزدا.
- بېلىمەن، - دېدى بوۋاي مەيۈسلەنگەن ھالدا،- كېتىدىغان ۋاقىتمۇ بولدى.
ئۇ شۇنداق دېگەچ جىددىيلەشكىنىدىن چىڭ سىقىمدىۋالغان باغاقچىغا قارىدى، بۇنى جاۋاب بەردى دېگەندىن كۈرە، بوۋاي ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىدى دېگەن تۈزۈك ئىدى، بوۋاي كۈچىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاست-ئاستا ئايالنىڭ جىيەن قىزىنىڭ يېنىغا باردى، چۈنكى جىيەن قىزى تېخىچە ئايالنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇراتتى،
- ئەنسىرمەڭ، ئۇنىڭغا دەخلى قىلمايمەن،-دېدى بوۋاي تېتىرەك ئاۋازدا.
بوۋاي مۇلايىملىق بىلەن ئايالنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بارماقلىرىنى ئاۋايلاپ ئاچتى، بۇۋاقىتتا بوۋاينىڭ يۈزلىرى خۇددى قەلبىدە بىرمەيدان دەھشەتلىك ئۇرۇش بۇلىۋاتقاندەك تىتىرەپ كەتتى، كۆزلىرى قىززىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ناھايتى دىققەت بىلەن قارايتتى، ناھايتى ھۇشيار ئىدى، بوۋاينىڭ تاتارغان لەۋلىرىدە شاتلىق تەبەسسۇمى جىلۋىلىگەندەك بولدى، بوۋاي ئاخىرى ناھايتى ئېھتىياتچان، ھەم قولاشمىغان بىر ھەرىكەت بىلەن باغاقچىنى ئايالنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى، پۈتكۈل جەرياندىكى ھەربىر دەقىقىدە ئۇ خۇددى پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن خىيالغا چۆمگەندەك ئىدى، ئۇنىڭ ھەركىتى ئاستا، ئەمما سالماق بولغاچقا، ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ھەر بىر دەقىقە مەڭگۈلۈك ئەسلىمىدەك تۇيۇلاتتى.
بوۋاي تېخىچە ئايالنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرغان بولسىمۇ، كۆزىدىكى ئىپادە يەنە يوقاپ كەتتى، چھرىدىكى بايىقى خۇشال بولغاندەك ئالامەتنىڭ ئورنىنى سۈرلۈك ھەم ئېغىر خىيالغا پاتقان ئالامەت ئېگلىدى، ئارقىدىنلا يەنە بىر چىگىش ھېسىياتقا چۆمگەندەك ئالامەت پەيدا بولدى، بوۋاينىڭ نەزىرى يەنە بىرقتىم ئايالنىڭ جىسمىغا يۆتلەگەن ۋە مۇشۇ سەۋەپتىن رېئالللىقا قايتىپ كەلگەن چاغدا چىرايى ناھايتى ئازاپلىق تۇس ئالدى، بوۋاي ئايالنىڭ باغاقچىنى تۇغقان قوللىرىنى يۇمۇپ قويدىم ئۇنىڭ ھەركىتى بايا بارماقلارنى ئاچقان چاغدىكىدەك سالماق بولماي قالدى،
بوۋاي ئايالنىڭ قۇلقنى يۇمۇپ قويۇپ بېرىپ، خۇددى كۆز ئالدىدىكى كۈرۈنىشتىن ئۆزىنى قاچۈرۈشنى خالىمىغاندەك، زورمۇ-زور كېينىگە بۇرۇلدى، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى، قەدەملىرى بايىقىغا قارىغاندا يىنىكلەپ قالغان، چىرايىدا قەتئىيلىك ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ئىشىكنىڭ يېنىغا باراردىگەندە، توساتتىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ تېخىچە گاڭگىراپ تۇرغان كىشىلەرگە قارىدى
- رەھمەت سىلەرگە،- دېدى، ئۇ پەس ھەم بوغۇق ئاۋازدا،- ھەممىلار ناھايتى ياخشى ئادەملەر، ناھايتى ياخشى ئادەملەر ئىكەنسىلەر،
ئۇ يەنە ئايالنىڭ سېرداش دوستىغا‹رەھمەت سىزگە› دېدى ئاندىن ئىشىكنى يېپىپ چىىقىپ كەتتى.
3
ئايال پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ھۇشىغا كېلىپ، ئوغلىنىڭ ئىچى تىتىلداپ تۇرغانلىقىنى، كېلىنىنىڭ ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى، جىيەن قىزى يەنىلار كارۋاتنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، ئەممە ئايالنىڭ قۇلىنى قويىۋەتكەن، چىرايىدىن گاڭگىراش ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى، يەنە بىر تەرەپتە ئايالنىڭ قىز ئولتۇراتتى، ئۇ نىمىگىدۇر ناھايتى قىززىقسىنىپ قالغاندەك تۇراتتى،
- نېمە بولدى؟- دېدى ئايال ھەيرانلىق نەزىرىدە قىزىغا قاراپ.
- ناتۇنۇش بىر ئادەم كېلىپ سىزگە بىر باغاقچىنى تۇتقۇزۇپ قويدى.
- نېمىكەن ئۇ؟
قىزى ئايالنىڭ كۆزىدىن ھەممىنى چۈشىنىپ، ناھايتى قىززىقسىنمغا ھالدا باغەقچىدىكى خەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.
ئاپتاپ، قوياش ھامان ئۆرلەيدۇ،
گۈل-چېچەكمۇ ئېچىلار بۇندا.
ئۇلار سېنى كۈتەر زارىقىپ،
چۈشتىن ئويغانغىن سەھەر قوينىدا.
ياشانساممۇ مەن ھازىر بۇنداق،
تۇرار سوۋغىتىنىڭ يەنىلا يىڭى.
يۇرىتار ئۇ پۇتۇن ئۆمرۈمنى،
ئوخشار سەھەردىكى كۈلكەڭگە تېخى
ساڭا بولغان سۆيگۈم مەڭگۈلۈك،
تاشلاپ كەتمە جېنىم.
شۇ ئەسنادا ئايال ئارقا تەرەپتە تۇرغان نەۋرىسىنىڭ ‹ئاھ، ئاپتاپ!› دەپ تەكرارلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى.
- باغاقچىنى ماڭا بەر.
بۈگەپ ئۇلارنى چۆچىتىۋەتتى، چۈنكى ئايال بىرئېغىزمۇ گەپ قىلمىغىلى بىرقانچە كۈن بولغان ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى زەئىپ بولسىمۇ، ئەمما بىر تۇرۇپ بۇيرۇقتەك، بىر تۇرۇپ ئۆتۈنۈشتەك ئاڭلىناتتى، رەت قىلىش تەس ئىدى.
ئۇ باغاقچىنى قۇلىغا ئېلىپ ئالاھىيدە قىزغىنلىق بىلەن چىڭ سىقىمدىدى.
- ئۇ كەلدىما؟- ئايال بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرغان سېرداش دوستىدىن زەئىپ ئاۋازدا سورىدى.
-ھەئە،- دوستى بېشىنى كۆتۈرمەي پەس ئاۋازدا جاۋاب بەردى.
ئايال ئۈندىمەي پۈتۈن دىققىتى بىلەن تۇرۇسقا تىكىلىپ ياتتى، كۆزلىرىدە يوقاپ كەتكىنىگە نۇرغۇن يىللار بولغان ياشلىق نۇرلىرى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
شۇ ئەسنادا ئايالنىڭ قۇلىقىغا يەنە كارۋاتنىڭ يېنىدا ئويناۋاتقان كىچىك نەۋرىسىنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ‹ئاپتاپ!› دەپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى.
دەل مۇشۇ چاغدا كوچىنىڭ مەلۇم بىر يىرىدە بىر بوۋاي قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ كېتىۋاتقاچ يېنىدا ئادەم يوقتەك بوقۇلداپ يېغلايتتى، ھەسرەتلىك ياشلىرى ئۇنىڭ قىززىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن توختىماي تۆكۈلەتتى.
مەزكۇر تەرجىمە ئەسەر‹ دۇنيا ئەدەبىياتى › ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى.