ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار كۆرۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياشمۇ؟

      

كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 8
go

كۆرۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياشمۇ؟

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
110 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 18:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دىلىشات قادىر بىدار
كۆرۈۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياشمۇ؟ بۇ بەلكىم سىزگە بىر بىھۇدە سۇئالدەك بىلىندىغۇ دەيمەن؟ سىز بۇ سوئالغا ئويلانمايلا:« ئەلۋەتتە شۇنداق!» دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىيەتتە شۇ تاپتا كۆرۈۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياش ئەمەس! بەلكى سەككىز مىنۇت ئىلگىرىكى قۇياش!
بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تەكرارلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق قۇياش بولسا يەرشارىغا ئەڭ يېقىن بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز ، قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى150مىليونكىلومېتىر بۇلۇپ، ئۇ چىقارغان نۇر بۇ ئارىلىقنى سەككىز مىنۇتتا بېسىپ ئاندىن يەر شارىغا كېلەلەيدۇ، دېمەك بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان كۈن نۇرىنى قۇياش سەككىز مىنۇت ئىلگىرى چىقارغان، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن كۆرۈۋاتقىنىمىز ئەلۋەتتە سەككىز مىنۇت ئىلگىرىكى قۇياش بولىدىغانلىقى ئېنىق.
بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئىچىدە ئاسمان بۆرىسىئىسىملىك ( چوڭ ئىت يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە كىرىدىغان ) يۇلتۇز يەرشارىدىن 10 نۇر يىلى يىراقلىقتا، پادىچى يىگىت ۋە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى بولسا يەر شارىدىن 27 نۇر يىلى يىراقلىقتا بۇلۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان يەرشارىدىن ئەڭ يىراق بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز يەر شارىدىن 80 مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتا.
بىزنىڭ ئاخشىمى ئاسمانغا قاراپ كۆرۈۋاتقىنىمىز ئاسمان بوشلۇقىۋەسان- ساناقسىز يۇلتۇزلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بولماستىن، بەلكى 10 يىل ئىلگىرىكى ئاسمان بۆرىسى يۇلتۇزى، 27 يىل ئىلگىرىكى پادىچى يىگىت ۋە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى، 80 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتىكى يۇلتۇزلار...... ھازىرقى ئاسمان بۆرىسى يۇلتۇزىنى بولسا بىز 10 يىلدىن كېيىن ئاندىن كۆرەلەيمىز......
كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ يۇقىرىقى ھادىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بەك كۆپ. بىز ئادەتتە ئۇتۇق قازانغان، داڭلىق شەخسلەرنى، ئۆز ھايات نەتىجىلىرىدىن پارلاق نۇر تاراتقان چولپانلارنى ئەزەلدىن ناھايىتى تەلەيلىك، ئاشۇ شەرەپلەرگە ئاسانلا ئېرىشكەن دەپ ئويلاپ قالىمىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئۇلار تارتقان جاپا- مۇشەققەتتىن كەلگەنلىكىنى، ئەڭ ياخشى ئىقتىدارنىڭ ھەمىشە جاپادا تاۋلىنىپ، مۇشەققەتتە سىنىلىپ يېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاشۇ شان- شەرەپلەرگە ئېرىشىش يولىدا كۆپ يىل تارتقان جاپالىرىنى، تۈلىگەن بەدەللىرىنى، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز.
مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغانلارنىڭ ئالتۇن مېدال ئالغاندا ھاياجاندىن كۆز يېشىنى توختىتالمىغانلىقىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچە ھېسياتچانلىقىدىن بولغان دەپ تېگىگە يېتەلمەيمىز. تالاي رىقابەتچىلەر ئارىسىدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ جاپالىق مەشىقلەرگە قەيسەرلىك بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنىڭ، نۇرغۇن قۇربانلىق بەرگەنلىكىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئالتۇن مېدال ئاخىرى قولغا كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ كۆز يېشى قىلماي، ھاياجانلانماي تۇرالىسۇن!
يۇقىرىقى ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈشتىكى مەقسىتىمنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز!مېنىڭچە ھەر بىرىمىز كائىناتتىكى بىر تال يۇلتۇزغا ئوخشايمىز، پەقەت ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ نۇر چاچقىنىمىزدىلا 10 يىلدىن كېيىن ياكى 20 يىلدىن كېيىنخەلقىمىزگە پارلاق نۇر چاچقان گۈزەل ھاياتىمىزنى نامايان قىلالايمىز. ئەگەر بىز كەلگۈسىدە ھەممە ئىشتا مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەنمىز، جەزمەن يېتەرلىك ئوغۇت تەييارلاپ، يەرگە كۆپرەك سورتلۇق ئۇرۇق چېچىپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىمىز لازىم.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىشىلەر ھاياتىمىز چاقناتقانپارلاق نۇرلارغا ئالقىش ياڭراتسۇن دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتابىز كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتكە ئالدانماي، تىزلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەي، كېيىن دەسمايە قىلىش ئۈچۈن، تەجرىبە ۋە بىلىملەرنى ئاز- ئازدىن جۇغلاپ بېرىشىمىز، شۇنداقلا ھازىردىن باشلاپ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئوبدان چۈشىنىپ ۋە دەڭسەپ كۆرۈپ، ئۆزىمىزگە لايىق بولغان توغرا ئۆمۈرلۈك نىشان تۇرغۇزۇشىمىز لازىم.
ئاندىن جىمى ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، بارلىق ئىمكانىيىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، بەدەل تۆلەشتىن، جاپادىن، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ئۆمۈرلۈك نىشانىمىزنى يارقىن چاقنىتىش ئۈچۈن توختىماستىن تىرىشىپئېنېرگىيە توپلاپ، كەڭ ئالەمنى بىز چاچقان رەڭگا- رەڭ نۇرلار بىلەن تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ بېزىشىمىز كېرەك.

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 18:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز، بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
416 
تېما
35 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 19:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مېنىڭچە ھەر بىرىمىز كائىناتتىكى بىر تال يۇلتۇزغا ئوخشايمىز، پەقەت ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ نۇر چاچقىنىمىزدىلا 10 يىلدىن كېيىن ياكى 20 يىلدىن كېيىنخەلقىمىزگە پارلاق نۇر چاچقان گۈزەل ھاياتىمىزنى نامايان قىلالايمىز. ئەگەر بىز كەلگۈسىدە ھەممە ئىشتا مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەنمىز، جەزمەن يېتەرلىك ئوغۇت تەييارلاپ، يەرگە كۆپرەك سورتلۇق ئۇرۇق چېچىپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىمىز لازىم.

تولىمۇ توغرا ئىيتىلغان سۆزلەركەن ! رەھمەت سىزگە !

توردا
510سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2466 
تېما
324 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 19:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ...توغرا بىز ھەممىز بىر يۇلتۇز ئوخشايمىز،ھەممىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقىمىز ۋە كەمچىلىكىمىز بولىدۇ.ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلىدۇرۇپ، كەمچىلىكىمىزنى تۈگىتىپ ئۆزىمىز ئاسماندىكى پانۇس بولالمىساقمۇ شام بولالىساق شۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ ئىش... تىمىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈندۈم

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 19:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 0998cn نىڭ يازمىسى

توغرا دەيسىز ...............

توردا
163سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 21:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن تېخى قىزلارنىڭ ئاستىرونومىيە بىلىملىرى بىلەن خوشى يوق دەپ چاغلايتتىم، مانا قارىسام يېزىلغان ئىنكاسلار ساپلا قىزلارنىڭكەن دىسە!

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 22:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بەك قىزقىمەن.رەھمەتدوستۇم.

توردا
158سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
774 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-14 01:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

توردا
78سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
278 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-14 02:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 14:54

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.