تىتىدىم سۆيگۇنى لەززىتى قەندەك!
ھەيرانمەن تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە، ئۇچۇراتقاچ جاھاننىڭ بۇ گۈزىلىگە. قايىلمەن ئاللاھنىڭ خىسلەتلىرىگە، تۇتاشتى ئوتلىرىڭ يۇرەكلىرىمگە.
كۆرسەممۇ ھەردائىم قىينىلىپ يۈردۈم، قىلالماي كۆڭلۈمنى زادىلا ئىزھار. كۆزلىرىڭ خومالىق ، لالىدەك چىھرىڭ ، كۇلكەڭ شوخ ،روھىڭدا ئەيىپ يوق زىنھار.
تەغدىركەن ئۇچۇرۇشۇپ باغچىدا بۈگۈن، تويماستىن قارىدىم چىھرىڭگە ئۇزاق. سۆزلىرىڭ يېقىملىق ،ھەسەلدەك شېرىن، بولمامدۇ پەرھاد ۋە شېرىندەك بولساق؟
چىن سۆيگۇ-گۈل كەبى چاچىدۇ پۇراق ، پۇرايمەن ھىدىڭنى قۇچۇقىڭ ئاچقىن. غۇنچىدەك بويلۇرۇڭ ، چاچلىرىڭ ئۇزۇن، داغلىدىڭ يۇرەكنى،يىنىمدا قالغىن.
قەلبىڭ پاك، خۇش پىچىم ، يوقتۇر ھىچ ئىللەت ئۆتەمسەن ھاياتتاھەمرايىم بولۇپ؟ دەيمەنغۇكۈلكەڭدىن تەنلىرىم يايراپ، قوينۇڭغا سەپ قويسام يۈرەكنى يۇلۇپ.
قىزىرىپ يۈزلىرىڭ ۋىللىدا گۈلدەك دېدىڭغۇ:"بولامسەن بىرجان،بىرتەندەك؟" شاتلىقتىن قۇچاغلاپ باغرىمغا بېسىپ، تىتىدىم سۆيگۈنى ،لەززىتى قەندەك! 
مەنبە:يازمام |