- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-11
- تىزىملاش
- 2011-5-8
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 1سائەت
- جۇغلانما
- 25
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 3
- تېما
- 1
- توردا
- 1سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 3
- تېما
- 1
|
بۈگۈن يېڭى ئەزا بولغانتىم تېخى يېڭى كەلداخۇنمەن ،قارشى ئالارسىلەر؟
چاقىلىق ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربىي تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى ۋە تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 600 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 580 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 202 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. چاقىلىق ناھىيىسىگە 1 رايون، 3بازار، 5 يېزا، 16 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ 36 - تۇەنى مەيدانى ۋە ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش باشقارمىسى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 913 كىلومېتىر.2010- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 67 مىڭ 900 يۈز، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 38.38% نى، خەنزۇلار 56.07% نى، باشقا مىللەتلەر 5.55% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كىلومېتىر يەرگە 0.13 ئادەم توغرا كېلىدۇ. مەملىكەت بويىچە نوپۇسىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ئەڭ ناھىيىدۇر. چاقىلىق ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پىشامشان، كرورەن خانلىقىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە پىشامشان ۋىلايىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە شىچېڭ (تاش قەلئە) قورغىنى قۇرۇلغان. چاقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 24 - يىلى ( 1898 - يىلى) تايىپ ھاكىم قويۇلغان. ئۇ شىنېڭ ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان (بۈگۈنكى لوپنۇر ناھىيىسى)، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 29 - يىلى ( 1903 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرۈلۈپ، نامى پىشامشان دەپ بېكىتىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى (1920 - يىلى) قاراشەھەر ۋىلايىتىگە ئايرىپ بېرىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن كورلا ۋالىي مەھكىمىسىگە ئايرىلىپ بېرىلگەن. 1959 - يىلى پىشامشان دېگەن نامى چاقىلىق دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلدى. يېرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى ئېگىز، شىمالىي تەرىپى پەس، ئالتۇنتاغ ناھىيە تەۋەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 29.39% نى، چۆللۈك، قۇملۇق 57.6% نى، تۈزلەڭلىك، بوستانلىق 13.1% نى تەشكىل قىلىدۇ. 14 ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا - ئېقىنى بار. يەر ئۈستىدىكى سۇ بايلىقى 370 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياۋا قوتاز، ياۋا ئېشەك، قاڭشارلىق بۆكەن، قارا بويۇن، قارا بويۇن تۇرنا، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلەردىن قارلەيلىسى، ياۋا ئەپيۈن گۈلى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، كالىي تۇز، تاشپاختا قاتارلىقلار بار. ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چۆل قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 43.6℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 27.2℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 118.7 كۈن 30℃دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 3082.2 سائەت. 10℃ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 4353.9℃، قىروسىز مەزگىل 235 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 17.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2902.2 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدىن يېزا ئىگىلىك ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 2200 گېكتار ( 33 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 11 مىڭ 300 گېكتار ( 169 مىڭ 500 مو) تەبىئىي توغراقلىق، 1 مىليون 133 مىڭ 300 گېكتار (17 مىليون مو) ئوتلاق. 20 مىڭ گېكتار ( 300 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاشلىق، مايلىقدان، كېۋەز ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋا كالا، قوي، ئاساس قىلىنىدۇ. سانائەت جەھەتتە ئېلېكتر قۇۋۋىتى، تاش پاختا، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تاش پاختا تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 315، 218 - دۆلەت تاشيولى ناھىي تەۋەسىدىن ئۆتۈپ، شىمالدىن كورلىغىچە، شەرقتىن چىڭخەي ئۆلكىسىگە، غەربتىن چەرچەنچىگە بولغان قاتناش ترانسپورت تورى شەكىللەندۈردى. سانلىق پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. كرۇرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، مىرەن قەدىمكى قەلئە خارابىسى، قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى بار، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى،ئالتۇنتاع-لوپنۇر كۆلى ياۋا تۆگە قوعداش رايونى،كىروران حارابىسى،مىرەن حارابىسى قاتارلىقلار بار
2010-يىلى چاقىلىق ناھيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا كەلگەن كىرىمى شىنىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە بىرىنچىلكىكە شۇنداقلا غەربى شىمالدىكى 12ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدىمۇ بىرىنچىلىككە ئېرىشىتى . بۇ مەلۇمات قانداقتۇر كۆپتۇرۇپ يۇللانغان بولماستىن چاقىلىق خەلقىنىڭ چىلانچىلىق ئارقىلىق ھالال بېيغانلىقىنىڭ مەھسۇلى . ئىشەنمىسڭىز چاقىلىققا كىلىپ كۆرۈپ كىتىڭ .
نۇپۇس قۇرۇلمىسغا كەلسەك چاقىلىق ئەزەلدىنىلا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ،كىروراننىڭ ۋارىسىلىرى بولغان تىپىك لوپ مەدەنىيىتىنى (دىققەت بۇ خوتەننىڭ لوپ ئەمەس . بەلكى لوپنۇر كۆلى ۋادىسىدىكى لوپ ) مەنبەقىلغان .خوتەن -قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيتى يۇغۇرۇلغان بىر ئالاھىدە ماكاندۇر . چاقىلىق خەلقى يەنە چاقىلىق سەنمى ، چاقىلىق مەشرىپىنى ھازىرغىچە ساقلاپ يەتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ ئۇمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىدىكى سەرخىل گۈللەردۇر .
چاقىلىق ناھيىسىنىڭ شىنىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، ئۇ ئىچكىرگە تۇتىشىدىغان ئىككىنىچى يول .(بىرىنىچىسى شىڭىشىڭيا ) . ئۇ يەنەچىڭخەي- شىزاڭ ئۆلكىلىرى بىلەن چىگرالىندۇ .
ئۆتمۈشتە چاقىلىق خەلقى چىگرا قوغداش ئۈچۈن كۆپ بەدەللەرنى تۆلىگەن .
چاقىلىق ناھيىسىنىڭ زىمىنى شۇنچە چوڭ بولىشغا قارىماي ئىكلوگىيىسى تولىمۇ ئاجىز بولۇپ ، سۈيى ئاز بولۇپ بۇ تەبئى نوپۇسىنڭ ئاز بولۇشى ، تەرەققىياتنى بوغۇپ قويغان .
يېقىنىقى ئون يىل مابەينىدە چاقىلىق خەلقى نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەپ بېيىشىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى . خوتەن -چىڭخەي تۆمۈر يولىنىڭ ياسىلىشى ، چاقىلىق -ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيۇلىنىڭ ياسىلىشى كىروران ئايرۇدۇرۇمىنڭ ياسىلىشى چاقىلىقنىڭ كەلگۈسىنى تېخمۇ پارلاق قىلغۇسى !
ئۆزۈمنىڭ توپلىغانلىرىم
|
|