ئەخلاقنامە
ئىلاۋە: مەن ئۆتكەن يىلى يازدا ئۇرۇمچىگە بېرىپ، يەنئەن يولىدىكى بىر كىتاپخانىدىن <ئەخلاقنامە> دېگەن بىر كىتابنى ئۇچۇرتۇپ، شۇ جايدا ئۆرە تۇرۇپلا بىر سائەتكىچە ئوقۇپ چىقىپتىمەن. چۈنكى بۇ كىتاب ئۆزىمىزنىلا ئەمەس پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيلەشتىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەڭگۇشتەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، تۆت پارچە سېتىۋىلىپ، بىر تۇققان قىرىنداشلىرىمغا سوۋغا قىلدىم. مەن بۇ كىتاپنى شۇندىن بىرى ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، ۋاقتىم يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى بۆلۇپ-بۆلۇپ، مۇنبەر يۈزىگە ئەچىقىشنى خىيال قىلدىم. مۇۋاپىق كۆرگەنلەر ۋاقتى بولمىسا ساقلىۋىلىپ، ئىمكانىيەت بولسىلا بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
ئىككى جۈملىلىك ھېكمەتلەر
1. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:
<ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلار جامائەسىگە پايدا يەتكۇزۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك خىسلەتتىن قىممەتلىك نەرسە يوق؛ ئالاھقا شەك كەلتۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلار جامائەسىگە زىيان يەتكۇزۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشتىن ئارتۇق قەبىھ قىلمىش يوق>
2. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: <ئالىمنىڭ سۆھبىتىگە يېقىن تۇرۇڭلار، دانالارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى ئالاھ ھەر دائىم ئۆلگەن قەلىبلەرنى ئىلىم نۇرى بىلەن تىرىلدۇرەلەيدۇ. گويا ئۇزاق يامغۇر سۇيى بىلەن، خازان بولغان مايسىلارنى بىخ سۇرگۈزگەندەك>
3. ئەبۇبەكرى سىدىق مۇنداق دېگەن:
<قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالمىغان كىشى كېمىسىز دېڭىزغا كىرگەن كىشىگە ئوخشايدۇ>
4. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دېگەن:
<دۇنيانىڭ شان-شۆھرىتىنى مال-دۇنيا بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. لىكىن، ئاخىرەتنىڭ شەرپىنى پەقەت ياخشى ئەمەل بىلەنلا قولغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ>
5. ئوسمان ئىبنى ئەففان مۇنداق دېگەن:
<دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش_قەلبدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى. ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش_قەلبدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى>
6. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئېيتىدۇ:
<ئىلىم ئېلىش سەپىرىدە ياشىغان ئادەمگە، جەننەت ئۇنىڭ مەنزىلگاھى بولۇپ بېرىدۇ. گۇناھ مەئىسىيەرلەرنى ئىزدەپ ياشىغان ئادەمگە، دۇزاخ ئۇنىڭ قايتىدىغان جايى بولۇر>
7. يەھيا ئىبنى مەئاز ئېيتىدۇ:
<ئالاھقا ئاسىي بولغۇچى ئالىجاناب بولالمايدۇ، ئۆلۈمدىن قۇرۇقمايدىغان كىشى ئاقىل بولالمايدۇ>
8.ئەئىمىش ئېيتىدۇ:
<تەقۋادارلىقنى دەسمايە قىلغۇچىنىڭ ئىتقادىدىن كېلىدىغان پايدىسىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدۇ. دۇنيالىقنى دەسمايە قىلىدىغان كىشىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يوقىلىپ بېرىشىنى تىل بىلەن سۈپەتلىگىلى بولمايدۇ>
9. سۇفىيان سەۋرىي ئېيتىدۇ:
<ئارزۇ-ھەۋەستىن كېلىپ چىققان گۇناھنىڭ كەچرۇم قىلىنىشىدىن ئۆمىد بار. لىكىن، مۇتەكەببىرلىكتىن كېلىپ چىققان گۇناھنىڭ كەچۇرۇم قىلىنىشىدا ئۆمىد يوق. چۈنكى، مۇتەكەببىرلىك بولسا، ئىبلىسنىڭ گۇناھكار بولىشىنىڭ مەنبەسى. ئارزۇ-ھەۋەسكە ئەگىشىش بولسا، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى>
10. بىر زاھىت ئېيتىدۇ:
<كۇلۇپ تۇرۇپ گۇناھ سادىر قىلغۇچىنى بولسا، ئالاھ ئۇنى يىغلاتقان پېتى دۇزاخقا تاشلايدۇ. يىغلاپ تۇرۇپ ئالاھقا ئىتائەت قىلىپ، ياخشى ئەمەلنى قىلغۇچىنى بولسا، ئاللاھ ئۇنى كۈلدۈرگەن پېتى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ>
11. بىر ھەكىم ئېيتىدۇ:
<كىچىك گۇناھقا سەل قارىماسلىق كېرەك. چوڭ گۇناھلار دائىم كىچىك گۇناھتىن باشلىنىدۇ>
12. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:
<كىچىك گۇناھنى قايتا-قايتا ئۆتكۈزسە، ئۇ كىچىك بولماي قالىدۇ. داۋاملىق گۇناھىنى تىلىگۇچى چوڭ گۇناھقا قالمايدۇ>
13. رىۋايەت قىلىنىشىچە:
<چۇڭقۇر ۋە تۇغرا چۈشەنچىگە ئىگە ئادەمنىڭ غارىسى ئالاھنى مەدىھىلەش. زاھىتنىڭ غەرىزى بولسا، ئالاھقا دۇئا قىلىش. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، چۇڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئادەم ئالاھنى نىيەت قىلسا، زاھىت ئۆز-ئۆزىنى نىيەت قىلىدۇ>
14. بىر ھۆكىما ئېيتىدۇ:
<ئۆزىگە ئالاھتىن بەكرەك ئىشەنچىلىك دۇست تىپىشنى ئويلايدىغان ئادەمنىڭ ئالاھقا بولغان تونىشى ئىنتايىن يۈزەكىدۇر. ئۆزىنىڭ قەبىھ خۇي-پەيلىدىن ئۆتەرەك ئەشەدىي دۇشمىنى بار دەپ تونىيدىغان كىشىنىڭ ئۆزىگە بولغان تونىشى تۆۋەن بولغىنىدۇر>
15. ئەبۇبەكرى سىدىق قۇرئان كەرىمدىكى <كىشىلەر ئۆتكۈزگەن گۇناھ سەۋەبى بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بېرىدۇ> دېگەن ئايەتتىكى <قۇرۇقلۇق> ۋە <دېڭىز> دېگەن ئىككى سۆزنى مۇنداق چۈشەندۇرگەن.
<قۇرۇقلۇق> دېگەن سۆز بولسا ئادەمنىڭ تىلىنى كۆرسىتىدۇ. <دېڭىز> دېگەن سۆز بولسا ئادەمنىڭ قەلبىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئادەمنىڭ تىلى گۇناھ ئۆتكۈزگەندە ئادەمنىڭ روھى ئۈنسىز ياش تۆكىدۇ. ئادەمنىڭ قەلبى زەئىپلەشكەندە ، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ>
مەنبە: <ئەخلاقنامە> ناملىق كىتاب.
داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
|