ئىسمىڭنى ئاتايمەن 
گۈللەرنىڭ ھىدىسىز قىينىلار جېنىم، كۆزلەردىن يىراقسەن كۆڭلۈمگە يېقىن. بۇ ئاشىق قەلبىمگە ئۇيۇقلۇق ئىسمىڭ، ھەر بىر تېنىقىمدا ئىسمىڭنى ئاتايمەن. 
ھىجرانننىڭ قېلىچى تەگسىمۇ گەرچە، يالقۇنلۇق ئاھىمدىن سېنى كۆتەرمەن. مۇقەددەس مەن ئۈچۈن سېنىڭ سۆيگۈڭ، چۈشلەرىمدىمۇ ئىسمىڭنى ئاتايمەن. 
يۈرسەڭ خاتىرجەم باشقا شەھەرلەردە، ئاللاھقا سېغىنىپ تىچلىق تىلەيمەن. ساداقەت ئارمىنىمدىن گۈللەر تىزىپ، زوقلىنىپ شۇنچە ئىسمىڭنى ئاتايمەن. 
تۈنلەرنىڭ قوينىدا ھېسلىرىم ئويغاق، ئەڭ قىزغىن سالامنى يوللاپ تۇرىمەن. ئارچىنىڭ پۇرىقىدا ئىسرىق سېلىپ، ئىشقىمدىن كۆيلەپ ئىسمىڭنى ئاتايمەن. 
سۇنۇلدى ئىشقىمدىن تالاي سالاملار، ئۈمۈد ھىسلىرىڭدە مەمنۇن بۇلارسەن. سالاملىرىم قەلبىڭگەيەتكەن كۈنى، سەنمۇ زوق بىلەن ئىسمىمنى ئاتارسەن. 
مەنبە قەلىمىم |