- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-2
- تىزىملاش
- 2011-1-27
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 28سائەت
- جۇغلانما
- 440
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 42
- تېما
- 21
- توردا
- 28سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 4
- يازما
- 42
- تېما
- 21
|
ئاي كۈلگەن كېچە (ھېكايە)
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)
ئۈنئالغۇدىن ئاڭلىنىۋاتقان لەرزان ناخشا ئاۋازى نۇريەنى بىر ئازمۇ سەگىتەلمىدى، ئۇنىڭ خىيال ئىكرانىدىكى نۇرانە سىماھ باغانسېرى يارقىنىلىشىپ باراتتى. ئۇ ياستۇقتىن ئاستا بېشىنى كۈتۈردى. ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ،سەزگۈلىرى زىڭىلداپ كەتتى. ئۇ شۇتاپنىڭ ئۆزىدە ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلۇقنىمۇ ھېس قىلالمايۋاتاتتى.ئۇنىڭ يۈرەك قاتلىمىدىن ئۈزلىكسىز ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئۇھسنىش ئۇنى بارغانسىرى سەگەكلەشتۈردى. ئۇ بىردەم ھاڭۋىقىپ تۇرغاندىن كىيىن ئاستا -ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ،تام ئەينىكىنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئەينەكتە چاچلىرى چۇۋۇلۇپ،يەلكىلىرىدە قالايمىقان چېچىلىپ تۇرغان،كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان غەمكىن بىر قىز ئۆزىگە تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە><<ساراڭ!>> دېگەن يىقىملىق بىر ئاۋاز ياڭرىغاندەك بولدى.<< توغرا، ئۇ مېنى ھەردائىم ساراڭ دەپ ئەركىلىتەتتى.ئەمدى ھەقىقى ساراڭغا ئوخشاپتىمەن>> ئۇنىڭ يېرىم جىلمايغان ئاغزى ئۆمچەيدى،كۆزلىرى نەملەشتى. كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسە بارا -بارا غۇۋالاشتى.
ئۆز يايرىم سۈيۈملىكتۇر،
شېرىن لەيلى،زۆھرەدىن.
كەتسەم ئارمىنىم يوقتۇر،
يار ئىشقىدا دۇنيادىن.
ناخشا ئۇنىڭ تۇمۇر -تۇمۇرلىرىغا يىغا ئوۋلاشتۇرۋەتتى.<< ئاھ ،مۇرات!>> ئۇ خېلىغىچە ئەينەك ئالدىدا ئۆكسۇپ يىغلىدى.ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ئىسىمنى قايتا -قايتا چاقىردى.
سىرىتتىن <<جاراڭ -جۇرۇڭ >>قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
- ناھايىتى ئىككى چىنە ئىكەنغۇ؟ بالا - قازا كەتكەندۇ! -ئانىسىنىڭ كىمدۇ بىرىگە دەۋاتقان بۇ سۆزى نۇريەنىڭ سەزگۈسىنى يەنە بىر قىتىم لەرزىگە سالدى. ئۇ مۇرات بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت تەقدىرىنى باي چىقىلغان ئىككى چىنىگە ئوخشاتتى. بۇ بىر جۈپ يۈرەكتىكى ساددا ھېسلار دەل مۇشۇ <<ئەتە>> نى ھەدىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ ئويلايدىغان ئاتا-ئانىلىرى تەرپىدىن يەنچىلىپ كىتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ خىيال ئىكرانىغا ئانىسنىڭ بىر سائەت ئىلگىركى سۆزلىرى كىلىۋالدى.
- قىزىم، سەن تەخنىكۇمنى پۈتتۈردۈڭ.مەدىنيەت سەۋىيەڭمۇ تۆۋەن ئەمەس. ياخشى ئويلاپ باق! قاھار بىلەن مۇراتنىڭ قايسىنىڭ شارائىتى ياخشى؟ مۇراتنىڭ ئىككى ئوغلى بار. توي قىلىمەن دەپ تۇرۋالساڭ بوپتىمۇ دەيلى،لىكىن كىيىن ئۇ ساڭا كۆڭۈل بۆلەمدۇ،ئىككى بالىسىغا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ ھازىر ئۇ بالىلار بىر مىتىر رەخىتتە كىيىم كيىپ جىمجىت ئۆتكەن بىلەن ئەتە - ئۆگۈن چوڭ بۇلۇدۇ.ئۆلىنىدۇ.ئۇلارغىمۇ ئېقىل كىرىدۇ.ئۆگەي ئانىنىڭ نامى بەك يامان،ئۇ چاغدا ئۆزۈڭ بەخىتسىز بۇلۇپ قالىسەن.قاھارچۇ؟ ئائىلە شارائتى ئىنتايىن ياخشى.ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى.ئەدەپ -ئەخلاقلىق شۇڭا كىيىنچىمۇ بەخىتلىك بۇلالايسەن.مانا بۇ ئۇلارنىڭ ساڭا ئەكەلگەن تۇنجى چاي سوۋغىسى.
- نىمە قۇبۇل قىلدىڭ؟ - ۋاقىراپ سالغاننىمۇ تۇيمايلا قالدى.
- سەن تېخىچە شۇ گاداينىڭ كويىدا يۈرەمسەن؟ -ئالداش،بەزلەش ئەز قاتمىغاندىن كىيىن ئانا بىردىنلا تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتى.
- چاينى قۇبۇل قىلماي قانداق قىلاتتىم؟ داداڭمۇ، ئۇرۇق -تۇققانلارمۇ شۇنى توغرا تاپقان. بىز سېنى بىقىپ چوڭ قىلىپ ،خىزمەتكە چىقىرىپ قويساقزە،بىزگە بوي بەرمەس بولدۇڭما؟ كۆڭۈلنى دەپ ئاتا -ئانىدىن كىچىدىغان بولساڭ يول بولسۇن،بىدىن كىچىپ مۇراتقا تەگ. ئۈچ بالامنىڭ ئۆشرىسى سەن! بولمايدىكەن بۇ تويدىن قەتتئى قۇتۇلالمايسەن.
نۇرىيە ئانىسى تەڭلىگەن زىبۇ - زىننەت قۇتىسى ئىچىدىكى بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈكنى زەرب بىلەن يەرگە ئاتتى.
- قېيدىساڭ قېيدا .لىكىن قاھارغا چۇقۇم تىگىسەن. ئانا ئۇنۇڭغا ئاليىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ،يەردە چېچىلىپ ياتقان ئۈزۈكلەرنى زىننەت قۇتسىغا سېلىپ، ئۈستەل ئۈستىگە ئاۋايلاپ قۇيدى -دە ،ئىشىكنى گۈپپىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى.نۇرىيە ئۆزىنى تاشلاپ ياتقانچە، مانا ھازىرغىچە يىغلاپ ياتتى.توك يۇرۇقىدا يالىلداپ تۇرغان تەتىللا ياستۇق ئۇنىڭ ھەسرەتلىك كۆز يىشىدا يۇيۇلدى. ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدىكى تاتلىق ھېسلاربىلەن ھازىرقى دەرد- ئەلەم مەڭگۈ يۇيۇلمايتى.بەلكىم ھەر بىر تامچە ياشتا تىخىمۇ يارقىنلىشاتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا مۇراتنىڭ سىماسى پەيدا بولدى. مۇراتنىڭ قاپقارا ،ئويناق ئوت كۆزلىرى ئۇنۇڭغا سېھىرلىك تىكىلىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ خىيالى بارا- بارا تېخنىكۇمدا ئۆتكەن گۈزەل كەچمىشكە يۈزلەندى.
ئۇ كۈن نۇرىيەنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ كەتمەيدۇ. ئادىتى بۇيۇنچە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغان نۇرىيە ئالدى بىلەن دېرىزىنى ئېچىۋەتتى.سىرىتتىن ئېتىلىپ كىرگەن ساپ ھاۋا ئۇنىڭ تىنى شۈركەندۈرۈپ،ئازراق قورىۋىدى. ئۇ تاتلىق ئېڭرىۋەتتى.
- ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ؟ - تاغ سۈيىنىڭ شىۋىرلىشىدەك يېقىملىق ئاۋاز ئۇنىڭ سەزگۈسىنى لەرزىگە سېلىپ،يۈرىكىنى دۈپۈلدىۋەتتى.دېرىزە ئۇدۇلدا مۇرات كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. نۇرىيە چاقماق تىزلىكىدە ياتاقداشلىرىغا كۆز يۈگۈرتىپ چىقتى.يەكشەنبە بولغاچقىمۇ،قىزلار تىخىچە يېنىك پۇشۇلداپ،خان ئۇيقۇسىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۋاتاتتى.
- ھەئە،بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟
- تىز چىقىڭ ،ئوقۇش بىناسى ئالدىدا ساقلايمەن. نۇرىيە تېخىمۇ تېتىكلەشتى. كىيىملىرىنى كىيدى،تاراندى.
-ئەتىگەندە نەگە شۇنچە جاندۇنۇپ كەتتىڭ؟ - دەپ سوردى ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان قارمۇتۇق قىز پەس ئاۋازدا.
- ھىچ نەگە.
- يالغان سۆزلىمە،كۆزلىرىڭدىن ھەممىنى بىلىۋالدىم. مۇرات چاقىردىغۇ ھەققاچان؟ -قىز ئۇزىنىڭ سۆزىدىن ئۆزى پىخلداپ كۈلۈپ كەتتى.
- بوش گەپ قىل ،قىزلار ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن، ھازىرلا كىرىمەن.
- قىپقىزىل كىيمىڭ بىلەن بىر تال ئەتىرگۈلگخلا ئوخشاپ قاپسەن.مۇراتزە ساڭا تېخىمۇ ئاشىق بولدىغان بولدى -نۇرىيە دوستىغا قاراپ ئوماققىنە جىلمىيىپ قويۇپلا ياتاقتىن چىقتى.
ئوقۇش بىناسى ئالدىدىكى پەلەمپەي ئۈستىدە تۇرغان مۇرات،ئەمدىلا كۈتۈرلىۋاتقان قۇياشقا سىڭىپ كىتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.ئۇنىڭ يۈرىكى كۆكرەك قەپىزىگە زەرب بىلەن بىلەن ئۇرلۇشقا باشلىدى.ئۇ مۇراتنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى سىزىپ قەدەملىرىنى ئاۋايلاپ،نازاكەتلىك ئىلىشقا تىرىشتى.لېكىن ئۇنىڭ تىترەك باسقان پۇتلىرى ئۆز ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بارغانسېرى كالامپايلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
- دەم ئېلىشىڭىزغا كاشىلا قىلمىغاندىمەن؟- دىدى مۇرات ئۇنىڭ يىتىپ كىلىشنى كۈتمەيلا.
- ياقەي.
- ئۆيگە بارمايدىغانسىز؟
- چۈشتىن كىيىن تاغام كەلمەكچىكەن.
- يۈرۈڭ! سىنىپتا بىردەم پاراڭلىشايلى.
نۇرىيە ئۈن -تۈنسىز مۇراتقا ئەگەشتى.ئۇ ئۆز سەزگۈسىگە بارغانسېرى ھەيران قالدى.مۇراتنىڭ سالماق يۆتكۈلىۋاتقان پۇتلىرى ئۇنۇڭغا بارغانسېرى سۈيۈملىك كۆرنىۋاتاتتى.
- تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! - دىدى مۇرات جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.
<<تۇغۇلغان كۈن!>>ئۇنىڭ سەزگۈسى داۋالغۇپ كەتتى.<<راس بۈگۈن مېنى تۇغۇلغان كۈنۈم.مۇرات قەيەردىن بىلگەندۇ؟>>
- قانداق بىلدىڭىز؟
- ئىرادە قىلسلا بىلمەيدىغان ئىش يوق،- دېدى مۇرات يۇنچۇقىدىن كىچىكىنە بىر قۇتىنى چىقارغاچ. قۇتىدا بىر تال كىچىك ئۈزۈك يالتىراپ تۇراتتى.
- چىرايلىقمىكەن؟ - ئىتتىك سوردى نۇرىيەنىڭ ئۈزۈككە قاراۋاتقانلىقنى سەزگەن مۇرات.
- گەرچە بۇ جىڭ ئالتۇن بولمىسىمۇ، مۇھەببتىمىزنىڭ تۇنجى خاتىرسى بوپ قالسۇن.كېلىڭ مەن سېلىپ قۇياي. نۇرىيە نىمە دېيىشنى بىلەلمەي،داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. زىننەت قۇتسىنى ئېچىۋاتقان مۇرات ئىتتىك بېشىنى كۈتۈرۈپ،ئۆزىگە ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ تۇرغان نۇرىيەنىڭ كۆزلىرىگە قاراپلا ھۇدۇقۇپ كەتتى.
- ئاددى كۆرۋاتامسىز؟
- ياق ،ياق ! سېزگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. مۇرات ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتتى.ياق! مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئۇنىڭ يۈرىكىنى چىڭ تۇتتى.ئاجايىپ بىر خىل سىزىمدىن لەرزىگە كەلگەن نازۇك تەن يېنىك تىترىدى.مۇرات ئۇنىڭ قولىغا ئۈزۈك سېلىۋاتاتتى.ئۇ مۇشۇ دەقىقىنىڭ گۇۋاھچىسى ھەم جارچىسى ئېدى.
- يېڭى يېشىڭىزدا يېڭىچە نەتىنجە قازنىشىڭىزنى ئۈنىد قىلىمەن. نۇرىيەنىڭ قولى تىخىچە مۇراتنىڭ ئالقىنىدا ئېدى. ئىككى قول جۈپ يۈرەكتىكى كۈيلەرنى بىر -بىرىگە ئۈن -تۈنسىز يەتكۈزۋاتاتتى.يىگىت چاققانلىق بىلەن قىزنى ئۆزىگە تارىتتى.چاچلىرىنى سىلىدى.ئاندىن ئۆزىگە تەئەججۈ بىلەن تىكىلىپ تۇرغان قاپقارا كۆزلەرگە،تىنىمسىز تىترەۋاتقان لالىرەڭ لەۋلەرگە لەۋ باستى.
ئۇلارنىڭ تۇنجى ۋىسال پەيتى دەل نۇرىيەنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالغان تۇغۇلغان كۈنىدە،ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنىڭ نۇرلۇق سەھىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆتكەندى.شۇنۇڭدىن بىرى،ئۇ تۇغۇلغان كۈنىنى پەقەت ئۇنتالمايدۇ.شۇنۇڭدىن بېرى ئۇ تۇنقى ۋىسالنىڭ گۇۋاھچىسىنى نازۇك بارمىقىدىن قەتئى ئاجراتمايدۇ. تېخنىكۇمنىڭ رەتلىك تېرەكلەر بىلەن بىزەلگەن سەيناسى.تالاي ۋىسال كۈيلىرىگە، جۈپ قەدەملەرگە،مەجنۇنلارچە كۈيۈشلەرگە گۇۋا. سەيلە ئۇرۇندۇقلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇلىمۇ قەدىرلىك. نۇرىيە بۇ شېرىن ئەسلىمىسى بىلەن تالاي قىتىم ئۆزىنى بەزلىگەن بولسىمۇ،لېكىن بۈگۈن بۇ ئەسلىمە ئۇنۇڭغا تۇلىمۇ ئازابلىق تۇيۇلۇۋاتاتتى.
ئۇ قولىغا قارىدى.ئۈزۈك ئۇنىڭ قولىدا جۇلالىنىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چاچرىغان نۇر مۇراتنىڭ مەردانە سىماسىنى سىزىۋاتاتتى.ئۇ ئۈستەل ئۈسىتىگە قارىدى.قۇتا ئىچىدە بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك يالىلداپ تۇراتتى. ئۇنۇڭدىن چاچرىغان نۇر ئاستا- ئاستا ئۇنىڭ كۆزىگە ئەجەل سىرىتمىقىدەك كۈرۈنۈپ كەتتى.<< ئۆلىۋالىمەن. ئاھ مۇرات ئەلۋىدا !>>ئۇ ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارىدى.دېرىزىدە قايسى كۈنى ئانىسى كۆكتاتقا چېچىش ئۈچۈن ئەكىرىپ قويغان<< د.د.ۋ>> قۇتىسى ھەيۋەت بىلەن گىدىيىپ تۇراتتى.ئۇ ئىغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئاستا بېرىپ دۇرىنى ئەكىردە قولىغا ئالدى ۋە ئەينەك ئالدىغا يەنە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئەينەكتىكى ئەكسىگە ئۇزاققىچە تىكىلىدى.
<<ئەلۋىدا ساراڭ!>>ئۇ ئەينەكتىكى سۈرۈەتنىڭ يۈزىنى سىلىدى.ئاندىن ئۇنى سۆيدى.سۆيگۈ دەردىدە گاراڭلاشقان نېرۋا بىردىنلا ئەسلىگە كەلدى. ئۇ خۇددى مۇرات يۈزىنى سىلىغاندەك،ئەركىلىتىپ سۆيگەندەك راھەتلىنىپ كۈلدى.ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئىچىپ كىرگەن ئانا،ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ دۇرا ئىچىشكە تەمشەلگەن قىزىغا قاراپ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلىدى.
- ساراڭ بولدۇڭمۇ؟! ھۇ دەلتى!...
ئانا ئۇنىڭ قوىلىغا ئېسىلدى.ئانا-بالا ئوتۇرسىدىكى تالاش تارتىش باشلاندى،ئىككى قولنىڭ ئوتۇرسىدا خىجالەتكە قالغان دۇرار، ئېغزى ئۇچۇق بۇتۇلكىدىن ھەر سىڭايان بولغاندا،بۇتۇلكا ئىغزىغا كەپلىشىپ تۈكۈلۈپ تۇراتتى.بىردەمدىلا ئۆي ئىچنى دۇرىنىڭ سېسىق پۇرىقى ئىگىلىدى.جان ئاچىغىدا تۈرمەللەشكەن قول،ئاخىرى نازۇك قول ئۈستىدىن غەلبە قىلدى.ماغدۇرسىزلانغان نۇرىيە جايىغىلا ئولتۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.
- ئۆلۈپ قۇتۇلىمەن دېدىڭمۇ؟- مېھمانلار داداڭ بىلەن توي كۈنىنى بېكتىۋاتىدۇ،ئەمدى كىچىكتىڭ،كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ،ھەلىقى گاداينى ئۇنۇت.بىز سەندىن ئون-ئونبەش ئىشتاننى ئارتۇق يىرىتقان،سېنى يامان يولغا باشلىمايمىز.دىرىزىنى ئىچىۋەت!
ئانا چىقىپ كەتتى.نازۇك بىر مۇھەببەتنى ئۆزىمۇ سەزمەستىن چەيلىۋەتتى.نۇرىيە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ،ئاخشام مۇراتنىڭ دوستى بەرگەن ھېلىقى سالام خەتنى قولىغا ئالدى.
<< سالام نۇرىيە!
ئالدى بىلەن سىزگە سالامەتلىك ۋە بەخىت تىلەيمەن. نۇرىيە،بىلىمەن،تولىمۇ قىيىن ئەھۋالغا قالدىڭىز،سىزنى ئازابلاپ قويغۇنۇمنى كەچۈرۈڭ.ئىككىمىزنىڭ سەمىمى مۇھەببىتىمىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىز قولىدا نابۇت بۇلۇپ كىتىشنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئائىلىمىزدىكىلەر سىزلەرنىڭ ئۆيدىن ئۈمۈدسىز قايتىپ چىققان ئاخشام بىر كېچە ئۇىلىمىدىم.پەقەت كۆكتە غەمكىن نۇر چېچېۋاتقان تۇلۇنئايلا مېنىڭ ھەسرىتىمگە گوۋا بولۇپ قالدى.ئېسىڭىزدىمۇ؟،سىز بۇرۇن سىزنى سىغىنسام ئايغا قارايمەن، ئۇ سىز ماڭا كۈلۈپ قارىغاندەك تۇيۇلدۇ>> دەيتىڭىز.بەلكىم شۇ ئاخشام ئايمۇ كۈلمىدىغۇ دەيمەن.
نۇريە مەنمۇ شۇتاپتا تەڭقىسلىق ئىچىدە قىلىۋاتىمەن.ئاتا -ئانىڭىزنىڭ ئويلىغىنىمۇ بەلكىم ئۆزىگە توغرا،ئەمما سىز مېنى چۈشۈنىسىز،چۈشەنگەندىمۇ ياخشى چۈشۈنىسىز. مەن سىز بىلەن دەسلەپتە تۇنۇشقان ئاشۇ كونا ياتاق بىناسى دوقمۇشىدا سىزگە بارلىق كەچمىشلىرىمنى چۈشەندۈرۈپ،ئۆزەمنىڭ تېخنىكۇمغا ئوقۇشقا كىرىشنىڭ ئالدىدا توي قىلغانلىقىمنى،قوشماق پەرزەتىمنىڭ بارلىقنى،ئايالىمدىن ئاجرىشىپ چوڭلار مائارىپ سىنىپىغا ئوقۇشقا كەلگەنلىكىمنى ئېيىتقاندىم. كېيىنچە ئوتۇرمىزدىكى چۈشۈنۈش چۇڭقۇرلاشقاندىن كىيىن سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلدىم، شۇنداقلا بىر قېتىم تۇرمۇش قۇرغانلىقىمدىن ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرزەنىتلىرىم بارلىقدىن خىجىل بولغانلىقىمنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم. بىراقسىز شۇچاغ قاقاھلاپ كۈلىۋەتكەندىن كىيىن ماڭا:
- مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن،سىزنى چەكسىز ھۆرمەتلەيمەن....دەپلا جىم بولدىڭىز.شۇ كۈندىن باشلاپ،يەنى سىزگە بولغان ئامراقلىغىم ھەسسىلەپ ئاشتى، مۇھەببىتىم يەنىمۇ چۇڭقۇرلاشتى. شۇڭا مەن سىزنى ئۆمۈربۇيى ئۇنتالمايمەن.سىزنىڭ ئازابلىنىشىڭىزنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نەپرىتىگە قېلىشىڭىزنى ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا تەڭلىكتە قىلىشىڭىزنى،ئازابلىنىشىڭىزنى ئويلىسام بۇ دۇنياغا تۆرىلىپ قالغانلىقىمغا مىڭ پۇشايمان قىلىمەن. لېكىن مەن سىز بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ مەنىلىك كۈنلەرنى ،ئاي تاماشىسى قىلىپ ئالتە قەۋەتلىك بىنا ئۈستىدە مۇشائىرە ئىيتىشقان بەختىيار مىنۇتلارنى تۇلىمۇ قەدىرلەيمەن،ئۇنۇتالمايمەن.سىز ھەقىقى ياخشى قىز،بىر ئۆمۈر ئىيىتقان ناخشىلىرىممۇ سىزنى كۆيلەيدۇ. مېنى دەپ نۇرغۇن بەدەل تۆۋلىدىڭىز،مەن سىزگە ئىشىنىمەنكى سىز چۇقۇم ياخشى ھەمراغا ئىرشەلەيسىز.باشقىلارنىڭ سەمىمى مۇھەببىتىگە نائېل بولالايسىز.رازىمەن مېنى ئۇنۇتۇڭ،كۆپ ئازابلانماي ئائىلىڭىزدىكلىلەرنىڭ دىگىنىگە ماقۇل بۇلۇڭ.مەن سىزدىن ئۆمۈربۇيى خۇرسەن.شۇنداقلا سىزگە بەخىت تىلەيمەن... دەپ سىزگە سادىق بۇلۇپ قالغۇچى مۇرات >>
ئۈنئالغۇ بىر خىل ئاۋازدا گىژىلداپ تۇراتتى.نۇرىيەنىڭ كاللىسىدىن بىر خىيال كەچتى.ئۇ قېنىق دەملەگەن چايدىن بىر پىيالە ئىچىۋالغاندىن كىين ئاستا بېرىپ ئۈنئالغۇ لىنىتىسنى ئالماشتۇردى. دەل شۇ چاغدا مېھمانلار ئۇزىدى بولغاي،سىرىتتىن ئوپۇر - توپۇر بۇلۇپ ئىشىك غىچ قىلىپ ئېچىلدى دە دادىسىنىڭ:
- خوش ئەمسە مېھمانلار،شۇنداق بولسۇن خاپا بۇلۇشماي قايتىشقايلا ، گىپىمىز بۇيۇنچە توينى ئىسسىقىدا قىلۋىتەيلى. -دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. نۇرىيە دىرىزىنى ئاچتى. چەكسىز ئۈمۈد بىلەن دېرىزە ئۇدۇلىغا قارىدى. سېخى ئاي نۇرىغا تۇيۇنغان زىمىن ئۇنۇڭغا تىخىمۇ سىرلىق تۇيۇلدى. ئۈنئالغۇدىن پەس ئاۋازدا ناخشا ياڭراشقا باشلىدى:
ئەي مېنىڭ قەلبىمگە ئايلانغان دۇنيا،
مەن سېنىڭ ۋىسالىڭدىن ئۈمۈد ئۈزمەيمەن.....
ناخشا ساداسىدىن ئۇنىڭ سەزگۈلىرى سەگەكلەشتى. قەلبىدە ئۈمۈد شامى نۇرلانغاندەك بۇلۇپ چەكسىز سامادا تېمەن ئۈزۈۋاتقان ئايغا قارىدى.ئاي ئۇنۇڭغا كۈلۈمسىرەۋاتاتتى. ئۈنئالغۇدىن ياڭراۋاتقان ناخشا ئاۋازى پۈتۈن بوشلۇقتا جاراڭلاشقا باشلىدى.ئاي بارا -بارا مۇراتقا ئۆزگۈرىۋاتاتتى. بارا-بارا ئۆزىدىن چەكسىز يىراققا ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ،جاراڭلىق، يېقىملىق ناخشا ئېيتىۋاتاتتى. ياق پۈتۈن كائىنات ناخشا ئېيتىۋاتاتتى. ئۇنۇڭغا يېىچە بەخىت ھەم يېڭىچە ئۈمۈد تىلەۋاتاتتى. ئۇ ،بارلىق خىياللاردىن سەگىپ كۆكتىكى ئايغا ئەنسىز قارىدى.ئاينىڭ دودۇمىلاق يۈزى تېخمۇ نۇرلۇنۇپ كەتكەندى. نۇرىيە دېرىزدىن پەم بىلەن چىقىپ،ئەپچىللىك بىلەن ھويلا دەرۋازىسى سىرتىغا قۇلۇپ سېلىپ قۇيۇپ ئېغىر تىنىۋالغاندىن كىيىن كۆكتىكى ئايغا بىر قارىۋىلىپ چەكسىز كېچە قوينىدا ئايغا ئەگىشىپ يۈرۈپ كەتتى.
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ. |
|