دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار 
دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار، ئىللىق شامال كىرسۇن ئۆيۈڭگە. پەردىلىرىڭنى يەلپۈپ لەرزان، ھۇجۇدۇڭنى سالسۇن لەرزىگە. 
دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار، مۇڭلۇق كۈيلەر ئاڭلانسۇن ساڭا. ئۇخلىغىن ئۇزاق مۇڭلۇق كۈيدىن، بۇ كۈي سىڭسۇن سېنىڭ باغرىڭغا. 
دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار، ھىس-تۇيغۇلۇرۇڭ ئۇچسۇن كۆككە. لەززەت ئالسۇن چوغدەك يۈرەكىڭ، راھەتلىنىپ بۇ مۇھەببەتتە. 
دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار، پەرۋا قىلما خەقلەر سۆزلىسە. ھۇجۇدۇڭدا كۆيگەنگە قارا، تىڭشاپ باققىن قەلبىڭنى يەنە. 
كىپىنەكتەك ئۇچقان كېچە 
كىپىنەكتەك ئۇچقان كېچە، شېۋىرلايمەن يۇلتۇزغا بېقىپ. خىيال بۇلۇپ كىرىپ كىلىدۇ، سەن سالغان ئوت يۈرەكنى قېقىپ. 
سىمايەڭنى ئويلايمەن ھامان، سۈكۈناتتا لىۋېمنى چىشلەپ. شامال بۇلۇپ كىرىپ كىلىدۇ، سەن سالغان ئوت يۈرەكنى قېقىپ. 
شامدەك كۈيۈپ تۇرىدۇ يۈرەك، تاڭ ئاتقۇچە ئىشقىڭدا كۈيۈپ. چۈشتەك خۇددى چىقىپ كىتىدۇ، سەن سالغان ئوت يۈرەكنى يېرىپ. 
مەنبە قەلىمىم |