- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-14
- تىزىملاش
- 2011-4-13
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 1سائەت
- جۇغلانما
- 19
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1
- تېما
- 1
- توردا
- 1سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 1
- تېما
- 1
|

(بىر دوستۇمنىڭ قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋىتىپ دورا ئىچىۋىلىپ خامۇش ھالىتىدىكى سۆزى تەھرىرلىنىپ يىزىلدى )
[مەن كەتتىم ، ھەممە نەرسەمنى ھەتتا ھاياتىمدا تاشلاپ كەتسەم بولمايدىغان ،سەن ۋە مەن ئۈچۈن ئەڭ موھىم بولغان ،ئاتا-ئانامدىن قالغان بۇ ئۈچ ئىغىز ئۆينىمۇ قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتىم . مىنىڭ بۇسەپىرىم ئۈچۈن قايغۇرما ،مەن بىلىمەن ،مىنڭ كىتىشىم سەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىغىر زەربەبولۇپ قالىدۇ .ئەمما مەندە نىمە ئامال ؟مەن چىدىشىم ئەڭ بولمىسىمۇ يە بىر ئاي چىداپ سىنىڭ قورسىقىڭدىكى پۇشتۇمىنڭ يورۇق دۇنياغا كۆزئاچقىننى كۆرۈشۈم كىرەك ئىدى، ئەمما مەندە ئامال بولمىدى ،بۇنىڭ سەۋەبىنى مەن ساڭا مۇشۇ خەت ئارقىلىقلا دىيىشنى توغرا تاپتىم ،يۈز تۇرانە دىيىشكە مىنىڭ رايىم يوق قىسقىسى سىنىڭ مۇنچاق -مۇنچاق ياش تۆكۈشىڭنى خالىمىدىم ،سىنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغىنىم ئۈچۈن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن
ئەنەكۆز ئالدىمدا 8 يىل بۇرۇنقى سىمايىڭ ،سەن منىڭ دوستۇم ئىدىڭ مەن ئۈچۈن ھەممنى قىلدىڭ ،ھەتتا ئوخشاش جىىنستىكى دوستلۇق مىھرىدىن ئاشۇرۇپ قىلدىڭ ئۇچاغلاردا بىزدە قىلچىمۇ غەيرى ھەۋەس يوق ئىدى
مەن نامراتلىق سەۋەبىدىن ئانامنى داۋلىتالماي ئانام بۇدۇنيادىن بۇرۇنلا كەتتى ،سەن مەندىنىمۇ بەكرەك قايغۇردۇڭ
دادام رھمىتى 3يىل چىداپ مىنى 20ياشتا داغدا قويۇپ كەتتى ،دادام كەتكەن كۈنى دەل سىنىڭ تويۇڭ بولغان كۈن ئىدى ،سەن بۇنى ئاڭلاپ قىزلار ئۈچۈن ئەڭ موھىم بولغان بەخىت بوسوغىسىدىن ئاتلىماي توينى بۇزۇپ دادام ئۈچۈن نەزىر ،مەن ئۈچۈن قۇربانلىق بەردىڭ كىممۇ سەندەك ئاخمىقانە ئىش قىلىدۇ؟
گەرچە بۇچاغدا سەن بىر مەكتەپتە مۇئەللىمە ،توي يىگىتى شۇمەكتەپتى مۇئەللىم ئىدى ،توينى بۇزۇشۇڭمۇ مەن ئۈچۈن بولدى بۇ توي ئاخىردا سىنىڭ جاھىللىقىڭ بىلەن 20000يۈەنلىك يىگىت مىلىنى قايتۇرۇش بىلەن ئاخىرلاشتى
سەن گەرچە بۇيىگىت بىلەن ئارلىشىپ ئۆتمىگەن بولساڭمۇ ،بۇ توينى بۇزماسلىقىڭ كىرەك ئىكەن
تويۇڭ بۇزلۇپ 1يىلدىن كىيىن سەن ماڭا <بولدى ئىكككەيلەنننىڭ دوستىلىقى بۈگۈن بۇزۇلسۇن ،توي قىلايلى >
دىگەن چىغىڭدا مىنىڭ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ بۇنى قوبۇل قىلالمىدىم ،ئاخىردا يەنىلا سىنىڭ جاھىللىقىڭ بىزنىڭ دوستلۇقىمىزنى بۇزدى ،بىز ئاددى توي قىلدۇق ،تويدىن كىيىنىكى ئالتە ئاي بىزنىڭ ئەڭ بەختلىك ۋاقىت بولدى (مەن ئۈچۈن ) ئالتەئايدىن كىيىن مەن بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتقۇم كەلدى چۈنكى سەن خالىمساڭمۇ سىنىڭ ئىش ھەققىڭنى خەجلەشتىن بارا بارا خىجىل بولدۇم ،سىز جاپا تارتىپ قالىسىز دىگىنىڭگەچۈشەنچە بەردىم ئاززراق چۈشەندىڭمۇ قانداق ئىش ھەققىڭنى دەيكۈەن (رەنىلىك قەزىر)قىلىپ 80000 يۇەننى ماڭا تۇتقۇزدۇڭ ،مەن گەرچە ھىچ ئىش ئويۇمدا بولمىسىمۇ بۇ پۇلنى بىلىمگە باغلاپ بىر ئاي بازار چۆگىلدىم بىر ئايدىن كىيىنكى مەلۇم بىركۈنى مەن بىر دوستۇم بىلەن بازار ئايلىنۋىتىپ بىر دۇكانغا كىرىپ قالدۇق بۇيەردە تۇرلۈك مەن بىلمەيدىغان ئويۇنچۇق بارئىكەن ،دوستۇم 100يۇەنگە نومۇر سالدۇرۇپ 1سائەتتتلا 3000يۇەنىلىك سودا قىلدى ، سەن بىلمەيدىغان( سىنىڭ نەزرىڭدىكى پاختا تىجارىتى) مەخپى شىرىك تىجارىتىم مۇشۇ ئىش بىلەن باشلاندى ،ئەمدى ئويلىسام بۇمىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتا باسقان بىر قەدىمىم ئىكەن ،شۇكۈندىن باشلاپ مان ساڭا يالغان سۆزلىدىم ،سەن ماڭا ئىشەندىڭ چۈنكى مەن سىنىڭ بۇرۇنقى سەمىمى دوستۇڭ ھازىرقى< مەجبۇرى >ئىرىڭ ئىدىم .مەن بۈگۈن ھىچنىمە بىلمەيلا بۇتىجارەتتىن1000يۇەن پايدا ئالدىم بۇمۇ مىنىڭ تۇنجى ھەم ئەڭ كۆپ ئالغان پايدام ئىدى ،مەن81000يۇەننىڭ ئىگىسى بولدۇم ،مەن ھىساپلاپ كۆردۈم ،شۇچاغدىكى ئويۇم بويىچە بولغاندا <بىركۈندە مىڭ يۈەن ،بىر ئايدا 30000يۇەن مۇشۇ بويىچە ھىساپلىسام بىريىلدا 360000يۇەن پايدا > بانكا قەرزى 80كۈندىلا تۈگەيتتى ئەمما ئۇنداق بولمىدى بىر ئايغا قالماي بۇ پۇل تۈگدى ئەسلى بۇقىمار ئىدى مەندىكى بارلىق ئىستەكلەر يوقالدى
يىغلىدىم ساڭا نەچچە رەت ئەينەن ئەھۋالنى دەي دىدىم ئەمما دىيەلمىدىم چۈنكى .............
مىنىڭ ئۆيگە كەلمەيدىغان ۋاقتىممۇ شۇنىڭ بىلەن باشلاندى ،
داۋامى بار
|
|