ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مۇھەببەت لىرىكىلىرى سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي...(مەردان0996)
كۆرۈش: 151|ئىنكاس: 10
go

سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي...(مەردان0996)

توردا
276سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
313 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 10:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي،
ھەمرا قىلىپ سۆيگۈڭنى ئەبەد.
مىسكىن دىلىم يورۇسۇن مىنىڭ،
ھىجرانلاردا ئۆتكۈم يوق پەقەت.

سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي،
كۆرمەي دىسەڭ كۆزلىرىمدە ياش.
كۈلۈپ باققىن تەبەسسۇمىڭدىن،
ھەسەت قىلغاي تۈندىكى قوياش.

سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي،
سەن گۈل بولغىن مەن، بولاي بۇلبۇل.
كۈتەي سىنى تەلمۈرۈپ ھەرچاغ،
كىچە-كۈندۈز ئەزىزىم سۇمبۇل.

سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي،
ساختا سۆيگۈ ئالمىسۇن چىرماپ.
بىردەك بولسۇن ئىچ-تىشىڭ سىنىڭ،
يۈرمەي دىسەڭ زارۇ-زار يىغلاپ.

سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي،
ھىتىرقاشلار كۆچسۇن بىزلەردىن.
باھارلارغا قانماسىن يۈرەك.
تامايىم يوق قاخشال كۈزلەردىن.

سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي.
بەرمەي دىسەڭ قەلبىمگە ئازاپ.
سۆيەلمىسەڭ ئاچما ماڭا سۆز،
ئۆتمە مىنى ھەم ئۆزۈڭنى، ئالداپ.


سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي،
شەرتىم شۇكى ۋىجدانلىق بولغىن.
باغرىڭدا گەر ئۈنسە شۇمبۇيا،
ئىككىلەنمەي سەن ئۇنى يۇلغىن.

سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي،
سۆيگۈ ئەمەس بىلسەڭ سەدىقە.
ھىسداشلىقىڭ قالسۇن ئۆزۈڭگە ،
ھەم تاڭمايمەن سىنى ئۆزۈمگە.

سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي،
ھەۋەس ئەمەس مۇھەببەت بىلسەڭ.
چىن يۈرەكىڭ بەرگىن سوۋغا قىپ،
مەڭگۈ بىرگە ئۆتىمەن دىسەڭ.
مەنبە: ئۆزەم
مەردان ئابلىكىم ئىجادىيتى
2011-يىل28-ئاپرىل پەيشەنبە ئۈرۈمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-28 12:26

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 12:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈلۈپ باققىن تەبەسسۇمىڭدىن،
ھەسەت قىلغاي تۈندىكى قوياش. كۈندىكى قۇياشمۇ يا

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2433 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 12:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ بەك ياخىشى يىزپىسز . داۋامىلىق نادىر تىمىلارنى سۇنىغاىيسز . ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 12:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سۆيسەڭ مىنى چىن يۈرەكتىن سۆي،
ھەۋەس ئەمەس مۇھەببەت بىلسەڭ.
چىن يۈرەكىڭ بەرگىن سوۋغا قىپ،
مەڭگۈ بىرگە ئۆتىمەن دىسەڭ
ئاخرىدىكى بۇ مىسىرانى دوستۇمغا بەكلا ئەۋەتىپ بەرگىم كىلىۋاتىدۇ.قوشۇلامسىز؟

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1571 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 12:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راستىنلا بەك ياخشى يىزىپسىز..........

توردا
276سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
313 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 12:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۆتىنجى قەۋەتتىكى تورداش خالىسىڭىز ھەممىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مىنىڭ باشقىچە پىكرىم يوق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mardan0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-28 12:34

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
886 
تېما
146 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 12:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دۇنيا مىھىرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر...

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2148 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 13:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز ،ھارمىغايسىز،

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
204 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 13:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز ، بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ.

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 14:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز ، مەن ساقلىۋالدىم خاپا بولماسسىز ...................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 10:21

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.