ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئاغرىتسىڭىزمۇ كۆڭۈل ئاغرىتماڭ.....
كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 5
go

ئاغرىتسىڭىزمۇ كۆڭۈل ئاغرىتماڭ.....

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2148 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 18:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىللە ئۆتىۋاتقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ زىدىيەتتىن خالىي بولۇش تەس، تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ، بەزىدە ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالماي كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىشىمىز مۇمكىن ، ئەمما بىلىشىمىز كىرەككى ، ئەر_خوتۇنلۇق مىھرى- مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، ئۇزاق مۇددەت ئىناق ، ئىجىل ئۆتۈشكە توغرا كەلسىمۇ ، لىكىن بىرەر ئىغىز زىيادە گەپ-سۆز ياكى بىردەملىك مەسئۇلىيەتسىزلىك ئۇنى نابۇت قىلىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان گەپ-سۆز ،ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشى كۆپ ھاللاردا ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشىنىڭ كەمچىل بولىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.ئەگەر ئەر-خوتۇنلار يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ئۆز نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلاپ ، ئۆز مەيدانىنىلا قوغدىماقچى بولسا ، مەسلىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈزلەنمىسە، نەتىجىدە ئارازلىق تىخىمۇ چوڭىيىپ كىتىدۇ.شۇڭا، زىدىيەت تۇغۇلغاندا، سوغۇق قانلىق بىلەن ئۆزىنى بىسىۋىلىپ، مۇۋاپىق پەيىتتە قارشى تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىش، قىسىنچىلىقنى چۈشىنىش ، كەمچىلىكنى ئەپۇ قىلىش، خاتالىقنى كەچۈرۋىتىشنى بىلىش كىرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا سىز بىر قەدەم كەينىگە يانسىڭىز، كەڭ زىمىننىڭ سىزگە قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى ، بەخىت بىلەن دىل ئازابىنىڭ ئارلىقىنىڭ ناھايىتى يىقىنلىقىنى سېزەلەيسىز.
مۇنداق بىر تەمسىل بار؛ ئەر-خوتۇنلار خاپۇلىشىپ قالغاندا، دىمەيدىغان گەپلەر ئىغىزدىن چىقىپ كىتىدۇ.تاياق كۆتىرىدىغان ئىشمۇ يۈز بىرىدۇ، ھەتتا بۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ بىرسى روھى جەھەتتە ياكى جىسمانىي جەھەتتە قىلىپتىن چىقىشى مۇمكىن، بۇ خۇددى ياغاچقا مىخ قاققاندەك بىر ئىش، بۇنداق ئىش بىر قىتىم يۈز بەرسە ، ياغاچقا بىرتال مىخ قىقىلىدۇ، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن مىخقۇ يۇلىۋىتىلىدۇ، ئەمما ياغاچتا نۇرغۇن ئىزى قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياغاچ ھەرگىز ساق ياغاچ بولالمايدۇ، شۇڭا، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئانچە-مۇنچە خاپۇلىشىشقا ، ئۇرۇش-تالاش قىلىشقا ، ياش تۆكۈشكە ، مۇۋاپىق جازالاشقا بولسىمۇ ، ئەمما شۇ نەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، كۆڭۈل ئاغرىتىشقا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ.
چىمەنگۇل سالىھ تەرجىمىسى..

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 21:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن، توي قىلغاندىن كىيىن چوقۇم دىققەن قىلىمەن.

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 23:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تاياق يارسى ساقايغان بىلەن دىل يارسى مەڭگۈ ساقايمايدۇ.يىپ ئۈزۇلسە ئۇلىغىنى بولىدۇ ،لىكىن ئوتتىردا تۇگۈن قالدۇ.ھەممە ئىشتا سەۋىر تاقەتلىك كەڭ قورساق بولشىمىز كىرەك.

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2433 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 10:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخىمەت سىزىگە . ھەقىقەتەنىمۇ . كىشىلىك تۇرمۇشىتا . ئەر - ئاياللارنىڭ كۈنىدىلىك ئىشلىردا ئۇچىراپ تۇردغان . ئىنىچىكە . ھالىقىلارنى تولۇق يىزىپىسز . دىمىسمۇ دىل يارسى مەڭىگۇ ساقايىمايىدۇ . تىمىڭىزغا كۆپ رەخىمەت نادىرلىرڭىز ئۇزىلۇپ قالىمىسۇن . سالامەت بولۇڭ

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 10:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە بۇ مەسىلنى ھەمىمىزنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىمىزغا توغراكىلىدۇ . بۇ ئىشلار بىر كۈنلەردە بىزنىڭ بىشىمىزغا كەلگەندە ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىپ ،كەڭ قورساق ،ئەپۇچان بولساقلا ئۆتۈپ كىتىدۇ.

توردا
512سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2475 
تېما
325 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 12:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ماۋۇ گەپكە شۇنداق قايىل(كۆينەكىنىڭ ياقسىدىكى كىرىنى يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولغان بىلەن قەلىبتىكى كىرىنى ھەر قانچە ئالىي پاراشوگ بولسىمۇ چىقىرىۋەتكىلى بولماس)تىمىڭىز شۇنداق ياخشىكەن....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 10:21

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.