ئەمدىلا 20دىن ئاشقان بىر قىزنىڭ ئاتىسىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن 50دىن ئارتۇق ئىشچىسى بولغان بىر تىككۇچىلىك كارخانىسىنى باشقۇرۇپ، روناق تاپقۇزۇش ئاسان ئىش ئەمەس.ئۇ ئەشۇ كارخانىنىڭ ئىزچىل بۇ رىقابەتكە تولغان دەۋردە پۇت تېرەپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىزدىنىشى، ئەلا مۇلازىمەت مىخانىزىمنى تۇرغۇزۇشى، سۇپەت ئۆتكىلىدسىن ئۆتىشى، كەڭ خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇشى كېرەك.ئۇ مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن كېچە-كۈندۇز تېرىشتى.بۇنىڭ بىلەن ئەجىرىنىڭ مىۋىسىنى كۆردى .ئەڭ مۇھىمى يۇرداشلىرىدىن قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئەمما يول تاپالمايۋاتقانلارنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلدى.ئۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ شىجائەتلىك، تېرىشچان، كۆيۈمچان،خىسلىتىنى نامايەن قىلدى.ئىمانى ،پەزىلىتى،مىللى كىيىنىش ئادىتى بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولدى.مەن بۇ شېئىرىمنى ئەشۇ كارخانىچى سىڭلىمغا بېغىشلايمەن.
قايىلمەن دىلمدىن سىڭلىم 
ئىز بېسىپ ئاتاڭنىڭ ئىزىدىن سىڭلىم، ئەجىرىڭدىن چىكەڭگە گۇللەر قىسىپسەن. بولغاچقا روھىڭدا،روھى ئەجداتنىڭ،
بۇ تىلسىم جەڭگاھقاقەدەم بېسىپسەن. 
بىر ئاجىز، مەسۈمە، يۇمران مايسىتىڭ، ۋەلېكىن باغلاپسەن قەيسەر ئېرادە. نوزۇگۇم، رىزۋانگۈل...روھى قەلبىڭدە، قايتمىغىن يولۇڭدىن ئالغا ئىلگىرلە. 
ھەممە ئىش باشلىنار دەسلەپ كىچىكتىن، بوشاشماي ئىزدەنسەڭ گۈللەر كارخاناڭ. زورويۇش باغلىقتۇر قىلغان ئىشىڭغا، چىقسادەپ نامىڭنى، كۈتەر ھەم ئاتاڭ.
رىقابەت خىرىسى بولسۇن ئېسىڭدە، بازارنى كۈزەتكىن ھەركۈن، ھەر زامان. يېڭىلىق يارىتىش قىلغان كەسپىڭدە، بولسۇنكى نىشانىڭ ، ماڭغىن شۇ تامان. 
ئەل قىزى، ئويلاپسەن ئەلنىڭ غېمىنى، سىلاپسەن تۇرمۇشتا قايغان بېشىنى. مىھرىڭدىن مىڭ رازى دوست ۋە قېرىنداش، ئۆز ئىشىم دىگەچكەئۇلار ئىشىنى.
ئۇيغۇرنىڭ قىزىسەن ،ياغلىق بېشىڭدا ، بارچە گۈل ھۆسنۇڭگە قالار ھەيرانە. پاك ۋىجدان، سۆيۈملۈك، بولغاچ ۋاپادار، يىگىتىڭ سۆيگۈڭگە تەشنا،پەرۋانە... 
قەلبىڭدە مۇستەھكەم ئىتقاد، ئىمانىڭ، يەتكۈزگەي مەنزىلگە ئەجىر، دۇئايىڭ. قايىلمەن دىلىمدىن ھەر بىر ئىشىڭغا، روناق تاپ ھەسسىلەپ ئاشسۇن دۇنيايىڭ. 
مەنبە:يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-27 00:11
|