ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز خىيالخاننىڭ خىياللىرى (2)
كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 3
go

خىيالخاننىڭ خىياللىرى (2)

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 18:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خىيالخان تىلىدىن : ھاۋانىڭ ئىسسىپ كىتىشىگە ئەگىشىپ يەنە خىياللار دىڭىزىغا ڭەرق بولدۇم...... ئاندا -ساندا لەيلەپ يۇرگەن ئاپئاق ۋە چىرايلىق بۇلۇتلار بىلەن بىزەلگەن كۇپكۇك ئاسمان ...... كوز يەتكۇسىز ياپيىشىل كەڭ دالا ...... يىلان باغرى سوزۇلغان سۇزۇك ئىقىن بويلىرى ...... مەغرۇر ئارغىماقلارغا مىنىپ تەبىئەتنىڭ گۇزەللىكىدىن بەھىر ئىلىش ،مەيىن شامالدىن ھوزۇرلىنىش ......( ئۇگۇنۇش بېسىمى ئېغىرلىشىۋاتقان مۇشۇ كۇنلەردە مۇمكىنمۇ؟)
ئارڭىماق توڭىرلۇق گەپ چىقىپ قالدى ، كىچىكىمدىن ئاتلارنى ياخشى كورەتتىم ، ئات مىنىشقا ھەۋەس قىلاتتىم ...ئات توغرىلىق گەپ چىقسا بەيگە مۇسابىقىلىرى ،
ئات مىنىپ قىلغان جەڭ مەيدانلىرى ، ئاتلارنىڭ خەتەرلىك يوللاردىكى يورغىلاشلىرى كۇز ئالدىمغا كىلەتتى ...
... تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم ، ئات مەدىنىيتىمىز توغرىسىدا قانچىلىك نەرسىلەرنى بىلەرمەن ؟ ......


قەدىمكى زامانلاردا غەربىي دىيار (قۇرىغار) نىڭ دائىرسى ھازىرقىدىن كوپ چوڭ ئىدى . پەقەت ڭەربىي شىمال چىگرىسىنى ئىلىپ ئىيتساق ،بالىقاش كولىگىچە بىرىپ يىتەتتى . تۇران تۇزلەڭلىكى بىلەن تۇتاش بولغان غەربىي يۇرتنىڭ جۇغراپىيلىك تۇزىلىشى چارۋىچىلىق ئۇچۇن ئەۋزەل شارائىت ھازىرلىغانىدى . بۇ يەردىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان تۇرانلار چارۋىچىلىقنى ئەڭ دەسلەپتە ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى كۇندۇرۇپ بىقىشتىن باشلىغانىدى ، ئۇلارنىڭ ئاتنى كۇندۇرىشى ياكى ئات مىنىشنى ئۇگىنىشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ڭايات زور ئىفتىرا بولدى ،شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۇزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى . ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەۋرىدىكى قەدىمىنى تىزلىككە ،تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنغا، ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى ......
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئاتنىڭ كۇندۇرلىشى گىرىتسىيەدە 4000 يىللىق ،مىسىردا 3600 يىللىق ،ياۋرۇپادا 2700 يىللىق ، ئىلىمىزدا شىنجاڭنى ئۇزئىچىگە ئالغان ئاساستا 5000 يىللىق تارخقا ئىگە ......
ئاتنىڭ كوندۇرۇلگەن دەۋرى ئەمەلىيەتتە ئات مەدەنىيتىنىڭ رەسمىي باشلانغان دەۋرى بولۇپ ،بۇ خىل مەدەنىيەت ماكان جەھەتتىن ئات كوندۇرۇلگەن ۋە ئاتنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدا ياشايدىغان خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلگەن . بۇيۇك بىرېتانىيە ئېنىسىكلوپېدىيەسىدىمۇ "ئات تۇنجى قىتىم مەركىزىي ئاسىيا رايۇنىدا كوندۇرۇلگەن ۋە تەرەققى قىلغان " دىيىلگەن ...... ئاتنىڭ كوندۇرىلىشى ۋە جەڭدە ئىشلىتىلىشى ئىنسانىيەتنى يىڭى بىر تارىخى دەۋىرگە باشلاپ كىردى . ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا ئۇزىنىڭ ئۇچقۇر ئاتلىرى بىلەن شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ھەركەتلەندۇرگەۇچ كۇچكە ئايلاندى . ئات يايلاق مىللەتلىرىنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرىنى ئاچتى . ئات-__ قەدىمكى زامان مىدىنىيتى ۋە بەدىئي تەپەككۇرىنىڭ كارتىنىسى بولغان ئېپوسچىلىق ئىرادىسىنى مەيدانغا كەلتۇردى . ئات تۇياقلىرىنىڭ شىددەتلىك دۇپۇرلەشلىرى ئىنسانىيەت تەپەككۇرى ۋە ئجادىيەت سىزىمىنى قاناتلاندۇردى ......
ئات ناھايىتى سەزگۇر ،ئەقىللق ،ۋاپادار ھايۋانلارنىڭ بىرى . ئات ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىيادا كوندۇرۇلگەندىن كىيىن تۇرمۇشتا قاتناش قورالى بولۇشتىن باشقا يەنە چارۋىچىلىق ،ئوۋچىلىق ، دىھقانچىلىق قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلدى . مىلاديدىن تەخمىنەن 3500-3000 يىللار بۇرۇن ئاۋۋال چاقا ،ئاندىن ئۇزاق ئۇتمەيلا
ھارۋا(قاڭغا )پەيدا بولغاندىن كىيىن بۇ ھارۋىلارغا ئاتنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئاتنىڭ تۇرمۇشتىكى رولى تىخىمۇ زورايدى ، ئات مىنىپ جەڭ قىلىش تىخنىكىسى بارلىققا كەلدى ... تەتقەقاتچىلار مۇئەييەنلەشتۇرگەندەك ، ئات مەدەنىيتى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۇشتە دەۋىر بۇلگۇچ رول ئوينىدى . بارا-بارا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئات باتۇرلىقنىڭ ، قەھرىمانلىقنىڭ سىموۋلىغا ئايلاندى . ئات شامانىست ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە تەڭرىگە تىلەكنى ئەڭ تىز يەتكۇزگۇچى ئەلچى دەپ قارىلىپ چوقۇنۇش دەرىجىسىگە يىقىنلاشتى . ئەينى دەۋىر رىئاللىقىدا ئاتسىز جەڭلەردە غەلبە قىلغىلى بولمايتتى ، ئوۋ غەنىيمەتلىرىگە ئىرىشكىلى بولمايتتى .
'دىۋانۇ لۇغاتىت تۇرك " تە بۇ نۇقتىنى ئىنىق كورۋالالايمىز . "ئەل ئاتنىڭ يەنە بىر ئىسمى ، ئات تۇركلەرنىڭ قانىتى بولغانلىقتىن ، ئاتنى 'ئەل ' دەپمۇ ئاتايدۇ ، قۇش قانىتى بىلەن ، ئەر ئىتى بىلەن . ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس ، ياردەمچىسىز باتۇر سەپنى يىرالماس " قەدىمكى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا ئاتنى ئۇلۇغلاش تۇپەيلى تەڭرىقۇت ياكى سەركەردىلەر ئولسە ئۇلارنىڭ مىنىدىغان ئىتىنىمۇ ھەمدەپنە قىلىش ئادىتى بولغانىدى . كوپلىگەن ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىدا ئاتنىڭ باش سوڭىكىنى مەڭگۇ تاش ئورنىدا بىكىتىپ قويۇش ئادىتى يىقىنغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنىدى ، قەدىمكى دەۋىرلەردە يەنە ئاتنى مۇقىم پۇل بىرلىكى ئورنىدا ئىشلەتكەنىدى ، ئاتنى ئۇرۇش ،ىارلاشنى ئېغىر گۇناھ دەپ قارىغانىدى ھەمدە ئاتنىڭ يۇگۇرۇكلىكى ،چەبدەسلىكى ،كۇچتۇڭگۇرلىكى ۋە باتۇر لارنىڭ مەدەتكارلىقى بىلەن ئالاھىدە چوقۇنغانىدى .ئاتنى ئۇلۇغلاپ مۇنچاق ئىسىپ يامان روھلاردىن قوغدىغانىدى .
" يىڭى گۇش بىلەن سۇتنى ئېستىمال قىلغاچقا بالىلارنىڭ ئوسۇشىگە ئالاھىدە تەسىر قىلغەن ئارىيانلارنىڭ ..." كىيىنىكى ئەۋلاتلىرى بولمىش تۇركلەرنىڭ مىڭىسىنىڭ
نىسبەتەن بالدۇرراق يىتىلىشى بىلەن ئېستېتىك زوقلىنىش ،گۇزەللىككە ئىنتىلىش ھەۋىسىمۇ بالدۇرراق ئويغانغاچقا ، بۇ قەدەر ئۇلۇغلانغان ئاتتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ھايۋاننىڭ ئۇلارنىڭ سەنئەت ۋە گۇزەللىك قاراشلىرىدا ،تۇرلۇك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا چۇشۇرۇلگەن گۇل-كەشتە نۇسقىلىرىدا ئەكىس ئەتمەسلىكى مۇھىم ئەمەس ئېدى .مەسىلەن قەدىمكى خوتەن خانلىقىغا دائىر پۇللارنىڭ تولىسىغا دىگۇدەك ئاتنىڭ كورۇنۇشى چۇشۇرۇلگەن ، قىيا تاش سىزمىلىرىدىمۇ ئاتنىڭ ئوبرازى كوپرەك كۇزگە چىلىقىدۇ ......
ئات يۇڭ توقۇلمىلار ، كىگىز-گىلەم ،كەشتە نۇسخىلىرى ، ئورۇندۇق-ئۇستەللەر ، بۇت -ھەيكەللەر ،تۇرمۇش ۋە ئۈرپ-ئادەتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە نامايەن بولۇپ تۇرىدىغان ئەنە شۇنداق ئالاھىدە ئوبرازى بىلەن شۇ دەۋىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،جۇملىدىن ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ ناخشا -ئۇسسۇللىرىىغىمۇ بارا-بارا سىڭىپ كىرىپ ئۇزنىڭ سىموۋوللۇق خۇسۇسىيتىنىمۇ توختاۋسىز رەۋىشتە نامايەن قىلىپ تۇرغانىدى ........
( يۇقارقى مەزمۇنلار شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2011.2 سانىنىڭ " ئات مەدەنىيتى ۋە ئۇنىڭ دولان چالغۇلىرىغا كۇرسەتكەن
تەسىرى " دىگەن ماقالىدىن ئىلىندى .)

توردا
690سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
943 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-18 11:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خىيالىي تۇيغۇلىرىڭىز قەدىمدە ياشىغان ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تارىخىنى كۆز ئالدىمدا نامايان قىلدى،ئەر قانىتى ئات، ماشىنىلارغا قارىغاندا ئات مىڭ ياخشى جىما ،

توردا
79سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
278 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-18 13:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزپسېز .

توردا
19سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
137 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-18 17:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزپسېز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 22:52

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.