قانداق يالغاننى تۇقۇسام بۇلار دادام ،ئوغلۇم نېمە ئىش قىلساڭ قىلغىنكى ،يالغان گەپ قىلما!چۈنكى دۇنيادا ھەممىدىن يامان نەرسە يالغانچىلىق.ئادەم كىچىككىنە بىر يالغان سۆز قىلىپ قويدىمۇ،ئۇ يالغانچىلىقنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ. ئاندىن يالغانچىلىقىم ئاشكارلىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ يالغانچىلىقلارنى قىلىدۇ.ھەر بىر يالغانچىلىق ناھايىتى كۆپ ۋە ناھايىتى چوڭ يالغانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىز يالغان گەپ قىلما!دەيىتتى. دادام دىيىشنىغۇ دەيدۇ،لېكىن يەنە ئۆزى ئىنىمنى يالغان ئېيتىشقا مەجبۇر قىلىپمۇ قۇيىدۇ.چۈنكى ئىنىم گۇناھ دىيىشكىمۇ ئەرزىمەيدېغان كىچىككىنە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا ،دادام ئۇنى ئەيىپلەۋېرىدۇ،ئىنىممۇ ئازاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ.نەتىجىدە ،تەبىئىي ھالدا يالغانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ،دادام يەنە نەسىھىتىنى باشلايدۇ. بىر كۈنى كەچتە ئىنىم ماڭا؛ -دادامغا قانداق يالغاننى تۇقۇسام بۇلار؟_دېدى. بىر نەچچە كۈندىن بېرى دادام ئىنىمگە چېچىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى ،ساتىراشقا بېرىپ چېچىنى قىسقارتىشنى ئېيتىۋاتاتتى. ئۇيۇنغا كىرشىپ كەتكەن ئىنىم ساتراشقا بېرىشنى ئۇنتۇپ قالدى.بىر كۈنى ئەتىگەندە دادام ئىنىمغا ساتراشقا بېرىشنى قاتتىق تاپىلاپ؛ -كەچتە ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىمدە سېنى يەنە مۇشۇنداق كۆرگۈچى بولماي،-دېدى. مەن ئىنىمگە؛ -راستىنى ئېيىت،قاچانلا بولسۇن يالغانچىلىقىڭ ئاشكارا بۇلىدۇ،-دىدىم. -راستىنى ئېيتسام دادام خاپا بۇلىدۇ.پۇلنى چۈشۈرۈپ قويدۇم دېسەم قانداق بۇلار؟ -بىر قېتىم شۇنداق دەپ،كېيىن يانچۇڭدىن پۇل چىقىپ يالغانچىلىقىڭ ئاشكارە بۇلۇپ قالغىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ! -ئۇنداقتا مەكتەپتە كىتاب سېتىۋالدىم دەيمەن. -ئەڭ ياخشىسى راستتنى ئېيىت. -ئەمسە ساتىراشخانىدا ئادەم كۆپ ئىكەن،كۈتسەم ماڭا ئۆچىرەت كەلمىدى دەي. ئۇ يەنە بىر مۇنچە يالغانلارنى تۇقۇپ چىقتى،بىراق ھېچقايسىسىنى ياقتۇرمىدى. دادامنىڭ بىر يىقىن يۈسۈپ دەپ ئاغىينىسى بار ئىدى.ئۇ شۇ كۈنى كەچتە ئايالى بىلەن بىزنىڭكىگە كەلدى.ئۇلار كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا دادامنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى.دادامنىڭ ئىشتىن قايتىپ كېلىش ۋاقتى بۇلۇپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى.ئاپام؛-قەيەردىلا بولسا ھازىر يېتىپ كېلىدۇ،-دېدى. -ھېچقاچان بۇنداق كىچىكىپ كەلمىگەن،نېمە بولدىكىنە؟-دېدى ئۇ. -بەلكىم بىر ئىشى چىقىپ قالغاندۇ...-دېدى يۈسۈپ داداش. -ئۇنداق بولسا خەۋەر بىرەتتى ،-دېدى ئاپام. ئىنىم بىلەن ئىككىمىز تامىقىمىزنى يەۋەردۇق،ئاپام دادامنى كۈتۈپ تېخى يىمىدى. خېلى ۋاقىت ئۆتتى.ئىنىم يېتىپ قالدى.يۈسۈپ داداش بىلەن ئايالى قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغاندا ئىشىك قوڭغۇرقى چېلىندى. ئاپام ھاياجانلانغان ھالدا: -مانا كەلدى!-دەپ يۈگۈردى. -بىز مۆكۈۋېلىپ قىززىقچىلىق قىلايلى،-دېدى يۈسۈپ داداش. ئۇ ئايالى بىلەن ياندىكى ئۆيگە كىرۋالدى.راسىتتىن دادام كەپتىكەن،ئاپام: -نەدە يۈرۈيسىز؟ناھايىتى ئەنسىردىم بىرەر ئىشىڭىز چىقىپ قالدىمۇ نېمە؟-دېدى. -دادام ئاغىينەم يۈسۈپ ئاغرىپ قاپتىكەن ،ئۇنى يوقلاپ كەلدىم،-دېدى دادام. -ھە!...بىراق بەك كېكىكتىڭىزغۇ!-دېدى ئاپام. -ئاغرىقنىڭ يېنىدىن بىردەمدە قايىتقىلى بولمايدۇ-دە... -خۇدا شىپالىق بەرسۇن،كېسىلى ئېغىرمىكەن؟ۋاي بىچچارە... دادام خېلى سۆزلىمەكچى،لېكىن يۈسۈپ داداش بىلەن ئايالى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ مۆكۋالغان ئۆيدىن چىقتى.ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ قالغان دادام ئۇلارغا؟ -ھە...سىلەر بۇ يەردىمىدىڭلار؟-دېدى. -ساڭا بىر قىزىقچىلىق قىلايلى دېگەنىدۇق. -دېمىسىمۇ تازا قىزىق بولدى مانا!-دېدى ئاپام كۈلۈپ.ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرشتى.دادام: -ئىنىمنى ياتتىمۇ؟-دەپ سورىدى. -بۈگۈن ساتراشقا بېرىپ چېچىنى ياستىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن ،سىزنى خاپا بۇلىدۇ دەپ يالغان گەپتىن بىرنى تۇقۇپ چىقماقچى بۇلغانىدى.قانداق يالغاننى تۇقۇسام بۇلار دەپ ئويلاپ-ئويلاپ ئاخىرى چارچاپ يېتىپ قالدى،-دېدىم مەن. -كەچ بۇلۇپ كەتتى،سەنمۇ يات!-دېدى دادام. شۇنداق قىلىپ ،ئىنىم ئەتىسى ئەتىگەندە ئەيىپلىنىشتىن قۇتۇلۇپ قالدى. دىمەك: ئادەم بىر يالغاننى تۇقۇغانسىرى، ئارقا-ئارقىدىن تۇقۇشقا يالغانچىلىقنى يۇشۇرۇشقا ئۇرنۇپ،تىرشىپ يالغانچىلىقتىن قۇتۇلالماي ئۆتىدۇ.شۇڭا ھەر قانداق سەۋەنلىك ئۆتكۈزەيلى راس گەپ قىلساقلا، راسچىللىقىمىز ئۈچۈن كەمچىلىكىمنى كەچۈرۋېتىدۇ. مەنبە ساقلىۋالغانلىرىم |