- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-19
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 209سائەت
- جۇغلانما
- 3838
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 951
- تېما
- 133
- توردا
- 209سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 43
- يازما
- 951
- تېما
- 133
|
يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقاچقا يېڭى مۇھىتىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرىگە قىزىقسىناتتىم.ئۇزۇندىن بېرى بۇ جاينىڭ قىز-يىگىت تويىنى كۆرۈپ بېقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. يېقنىدا بىر خىزمەتدېشىمىنىڭ تويى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ تويغا باردىم. ئالدىمىزغا داستىخان سېلىغاندىن كىيىن ساھىبخان ھېلىقىنى دەپ شەرەتلىۋېدى بىر قانچە يېشىك ھاراق ئېلىپ كەلىدى. مەن تولمۇ ھەيرانلىق بىلەن مۇشۇ ھاراقىنىڭ ھەممىنى ئىچىپ بۇلالامدۇق؟ دەپ سورىسام ئولتۇرغانلار بۇ ھاراقمۇ يەتمەيدۇ تېخى دېيىشىتى،ئانغىچە توي قىلىغان بىر نەچچەيلەن ئۆزىنىڭ تويدا قانچە يېشىك ھاراق ئىچىكەنلىكىدىن ماختېنىپ سۆزلەشتى .شۇنداق قىلىپ ھاراق ئىچىش ۋە زورلاش باشلاندى. قىزنى يۆتكەپ كېلىشىكە ماڭغۇچە بىز بۇ ھاراقلانى ئىچىپ بولۇشىمىز كېرەك ئىكەن. شۇنداق قىلىپ پىچىلىمىغان توخۇدەك شاشلىشىپ قىزىنىڭ ئۆيدە ئۇسۇل-پۇسۇلنى يېرتىۋىتىدىكەنمىز ھاراق ئىچىمىسە ئۇسۇل ئوينىيالمايدىكەن دە، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇلار ئوڭغۇل -دوڭغۇل دەسىشىپ قىزنى يۆتكەشكە ماڭدى قىزنى ئېلىپ چىقىقۇچە يىگىتىلەر ئىشىك ئالدىدا ئۇسۇل ئويناپ تۇردىغان بولغاچقا ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئىككىكەيلەننىڭ قوللىرى تېگىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇلار شۇ يەردىلا چاپان سېلىشىپ مۇشتى، ئېتىشىپ كەتتى.ھاراق مۇشۇنداق ئاقىۋەت كەلتۈرەتتى.دەپلا قالدىم. بىز تەرەپتە تويدا ھاراق ئىچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئىچىشنى ئويلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى چوڭلار تويدىن ئاۋال توينىڭ باشتىن ئاخىرى خۇشال-خورام ئازادىلىك ئىچىدە ئۆتۈشى ئۈچۈن تەربىيە بىرىدۇ، شۇڭا تويىمىز چوڭلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن تولمۇ پىلانلىق ،شاد-خورام تۈگەيدۇ، بۇ يەردە ياشلار ھاراقنى چوڭلارنىڭ ئالدىدىلا ئوچۇق-ئاشىكارە ئىچىدىغان ھەم چوڭلارمۇ ياشلارغا ئۈلپەتلىشىدىغان بولغاچقا مويسىپىت مۆتۋەرلەر بۇ ئىشىقا ئىشقا ئېغىز ئېچىپ نەسىھەت قىلىمايدىكەن شۇڭا مۇشىت ئېتىشىلارغا ھېچ كىم ئارلاشمىدى.بىر كىشىمۇ ھاراق ئىچىكەندىن كىيىن مۇشۇنداق بولاتتى. دىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن كارى يوق ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنىت ئىدى.ئەمما بىزنىڭ كۆڭلىمىز چىۋىن يەۋالغاندەك بۇلۇپ قالىدى. مەن كۆڭلۈمدە(توي دېگەن ئۆمرىدە بىر قېتىم كېلىدىغان خاسىيەتلىك پەيىت تۇرسا خۇشال كۆڭۈل ئاغرىتىماي ئۆتكەنگە يېتەمدۇ)دەپ ئويلايتى. ئەمما كىيىن بارغان بىر قانچە تويغىمۇ تەكرارلانغان ئېغىر ھاراق ئىچىش ۋە زورلاش،ھاراق ئىچىمىسە توي قىزىماسلىق تويى بولغان يىگىت يېشىك-يېشىكلەپ ھاراق تەييارلىمىسا تويغا كەلمەسلىك ،كەلسىمۇ توينى قىزىتىپ بەرمەسلىكىتەك روھى پۈچەكلىك، ناچار پىسىخكىلىق ئىللەتلەر قەلبىمىنى ئازابلاپ ئېچىنىش ھىسىياتىم بىلەن ئاچچىق تولغاندىم. يۇقۇرقىلار ئۇلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىدىكى خۇنۇكلىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم. بۇ ئەخلاق قارشىدىن ياتلىشىپ روھىيىتىمىزنى زەئىپلەشتۈرگەنلىك باشقىلارنىڭ تويغا قۇت تىلەش سەمىمىي كۆڭلۈمىزنى ئىپادىلەش ئورنىغا يەپ ئىچىشنى مەقسەت قىلىپ قاتنىشامدۇق؟ بىزگە نېمە بولاۋاتقاندۇ؟ ئادەتتىكى چايلىرىمىز ئولتۇرۇشلىرىمىز ھاراقىسىز قىزىمىسا،ئۆمۈرىمىزدە بىر كېلىدىغان يىگىت تويىمىزمۇ مەسىت-ئەلەكچىلىكتە پەيزىنى سۈرەلمەي ئۆتسە ؟ !قۇرماقچى بولغان ئائىلىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمىنى چۈشكىنىلىك،مەستىلىك،زەبۇنلۇق بىلەن باسىساق كەلگۈسىمىزنى قانداقمۇ گۈزەل رومانتىك مۆلچەرلىيەلەيمىز؟
ئارىمىزدا ئۆز تويلىرىغا ئاتالغان پۇللارنى مەكتەپكە ياكى يېتىم-يېسىرلار ئورنىغا ئىئانە قىلىۋاتقان ياشىلارمۇ بار لېكىن بۇ خىل ئېسىل روھقا قارشى ئۆزىنىڭ ئىچىكەن ھارىقىنىڭ قانچە يېشىك بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىۋاتقان مەنىۋىي پۈچەك ياشلارمۇ ئاز ئەمەس ھاراق ئچىمەي توينى قىزىتىش پەقەت سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى مەسىلە خالاس سىزدە پەقەت شۇنداق قىلالايدىغان كۈچلۈك خاراكتېرى غورۇر ئىشەنىچ بولسىلا!ئۆمرىمىزدىكى خۇشال مۇھىتلىرىمىزنى تېخىمۇ خۇشاللىقىقا چۈمدۈرۈش ئۇسۇلى پەقەت ھاراق ئىچىشىلا ئەمەس .بۇ بىزدىكى ناچار خاراكتېر (بەيگە ئات بىلەن ياخشى، توي يات بىلەن )دېگەندەك تويمىزغا كۆپلىگەن ناتۇنۇش كىشىلەرنى چاقىرىپ ئۇلارنى بەھۇزۇر مېھمان قىلىساق ،مەردانە ناخشا-ئۇسۇللىرىمىز بىلەن قوشنا-قۇلۇم تونۇش-بىلىشىلەرگە مەشىرەپ بەرسەك ساخاۋەتلىك قوللىرىمىز بىلەن ئاجىزلارنى يۆلسەك ھىچ بولمىغاندا تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىمەي مىھىرى-مۇھەببەت ئۇرۇقلىرنى چېچىسىىساق مۇقەرەركى تويمىز ئەھىيىتى قىممىتى بىلەن شاتلىق كەۋسىرىگە چۆمۈلۈپ ھالىقىلىق چىرىمىغان بەرىكەتلىك ،بەخىتىلىك ئائىلىمىزگە مۇستەھكەم ئۇل ھازىرلىنىدۇ. قەدىرلىك توردېشىم سەمىڭىزدە بولسۇن ھاراقسىزمۇ توي قىزىيىدۇ ، گەپ سىزدە قىزىتالىغۇدەك ئىشەنىچ كۈچ مادارىنىڭ بار-يوقلىقىدا.
روزى مۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ
|
|