ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر پۇل بولمىسا
كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 5
go

پۇل بولمىسا

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
205 
تېما
112 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-11 15:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

رۇزى سايىت
پۇل ئەجەپ نەرسە، چاتاق، پۇل بولمىسا،
يوق مەئىشەت نام-ئاتاق، پۇل بولمىسا،
كەڭ جاھانمۇ تار، دوزاخ، پۇل بولمىسا،
تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق، پۇل بولمىسا،
كونا تاملىقتا قوناق ① پۇل بولمىسا.

بولسا پۇل، ھاجەتلىرىڭ مەقبۇل سېنىڭ،
بولسا پۇل، قالمايدۇ ئېگىنىڭ جۇل سېنىڭ،
گۈل سېنىڭ، بۇلبۇل سېنىڭ، دۇلدۇل سېنىڭ،
بەزمە-مەشرەپ، توي سېنىڭ، مەرغۇل سېنىڭ،
يۈرگىنىڭ شۇ ئاچ قورساق پۇل بولمىسا

پۇل بىلەن كۆكلەيدۇ ئالەم سەبزە رەڭ،
پۇل بىلەن ئۇ مەيدە قاقسا، بۇ كۆرەڭ،
بولسا پۇل، بار «قارىي قۇرئان»دا سۈرەڭ،
كىمنى پۇل تۇرغۇزدى جىم، كۆر، شوخ، تېرەڭ،
كۆز چاپاق،چېھرىڭ ئاۋاق، پۇل بولمىسا.

بولسا پۇل، «جاڭگالدا شورپا» بەزىدە،
«پۇلغا رۇستەم قۇل» شۇ پۇلنىڭ قەرزىدە،
بەزىلەرنىڭ باغرى خۇن پۇل دەزىدە،
پۇل ساقايتقاي بولسا دەرھال نە زېدە،
كولىماي گۆرۇ تاقاق، پۇل بولمىسا.

«پۇل-پۈچەك ــ قەغەز» پەقەت رەڭدار نېمە،
«ئىت يېمەيدۇ بەرسە»شۇنداق خار نېمە،
ھەجمى ئالقانچە، كۈچى داڭدار نېمە،
شۇڭا پۇل كىمدە، قىلۇر ھالدار نېمە،
ھەر قەدەمدە مىڭ توساق، پۇل بولمىسا.

كۆرگىنە، تاڭ سېڭغا پۇلسىز «نوم» قېنى؟②
بەردىمۇ «نوم»، قانچە قىلدى غوم، قېنى؟
نۇشرىۋانمۇ③ بولسا يانچۇق توم، قېنى،
ۋرقىراپ باققانمۇ ئامغا④ بوم، قېنى؟
نەدە نەپ، ھەرقانچە باق، پۇل بولمىسا؟

پۇل نە كويغا سالمىدى نۇرغۇنلىنى،
ئەقلىدىن ئازدۇردىغۇ «تۇيغۇن»لىنى،
دەل شۇ پۇل «مىزان»غا ماس-ئۇيغۇنلىنى،
قىلدى رەت، جىم قويمىدى«تۇرغۇن»لىنى،
بولدى يوللۇقلار مازاق، پۇل بولمىسا.

دوستنى دۈشمەن، يارنى يات ئەتتى شۇ پۇل،
بىرنى مۇھتاج، بىرنى شاد ئەتتى شۇ پۇل،
بىرنى قامچا، بىرنى ئات ئەتتى شۇ پۇل،
مۈشكۈلاتنى قاتمۇ-قات ئەتتى شۇ پۇل،
سۆيگۈگە يەتتى سىناق، پۇل بولمىسا.

پۇل تالاي پۇلپەزنى شۈك ئۇخلاتمىدى،
پۇل چۈشەپ كۈندۈزمۇ جۆيلۈپ ياتمىدى،
تاپتى پۇل، ئىنساپنى بىللە تاپمىدى،
بىرنى ئون قىلسام دېدى، قۇت ئاتمىدى⑤،
كەتتى پانىيدا ساياق، پۇل بولمىسا.

پۇل تۈپەيلى قان چېچىشتى بەزىلەر،
پۇلنى دەپ جان بەردى كۆپ بايۋەتچىلەر،
ساتتى پۇل كۆزلەپ ئىمان، بۇ بەچچىلەر،
«ئېسىت!» دېيىشتى، مويسىپىت ھېكمەتچىلەر:
«ھەي، بۇ پۇل...، ھېچكىم ئاڭا قۇل بولمىسا».

پۇل تېپىپ، پۇل تاپمىغانلار «تۈف!» ساڭا،
پۇل تېپىپ، پەر قاقمىغانلار «تۈف!» ساڭا،
پۇل يېقىپ، ئەل ياقمىغانلار «تۈف!» ساڭا،
پۇل بېقىپ، ئەل باقمىغانلار «تۈف!» ساڭا،
كۆرىمىز، ئالەم ئۇزاق، پۇل بولمىسا.

پۇلنى تاپ، خەجلە كېرەمدەك كەڭرى سەن،
يول ياسا، مەكتەپ ياسا، تۈر يەڭنى سەن!؛
گەر تاسادىپ پۇل تۈگەپ، بىبەھرى سەن،
ئەل پاناھىغا ئالار، بىجەبرى سەن،
ئەستە تۇرسۇن بۇ ساۋاق، پۇل بولمىسا.

پۇلى بار ئۆكتەمنى گالدار ئاقلىغان،
پۇلى بار بەتنامنى ھەم بار ياقلىغان،
كىمكى پۇلدار مەيلىچە نايناقلىغان،
بولما زىنھار پۇل بىلەن ئويناقلىغان،
تاپ كامال، چاچ خۇشپۇراق، پۇل بولمىسا!

پۇل مۇھىم، پۇلدىن مۇھىم دىل ئاقلىقى،
ئاقمىغاي پۇلنىڭ بىشەم، ھايتاقلىقى⑥،
كىم دۇرۇس يولدا بېيىپتۇ پاكلىقى،
رىزقى پاكقا بار ئاۋام ئامراقلىقى،
ساتما ۋىژدان، سات قىياق، پۇل بولمىسا!

‹ئىشىكنى ئاچماق›تىن غەرەز ئالماشتۇرۇش،
‹ئالغۇ-بەرگۈ›... سودىنى قاملاشتۇرۇش،
يول تېپىش ھەم پۇل تېپىشتا شاش تۇرۇش،
يۇرتنى دۇنيا ۋەزنىگە يانداشتۇرۇش،
ياندىشىش تەس، ھەممە ۋاق پۇل بولمىسا.

بىر ھېسابتا پۇل دېگەن شۇنداق نېمە،
ئەمما پۇلنى تەكتى ھەل قىلغۇچ دېمە؛
كىم زېرەك، ئاقىل، شۇنىڭ پۇل، غەم يېمە،
قويغۇسى پۇلسىز سېنى تەرسىز تەمە،
تاپقۇسى كىم ئەقلى ساق، پۇل بولمىسا.

نائۈمىد قويماس ھاالال قىلغان كىرىم،
يول راۋان بولسا، نېنىڭ قالماس يېرىم،
ئەتىنى كۆزلەپ بۈگۈن تىكتىڭ جىرىم،
پۇل ئاشۇ! كۆپ قالمىدى ــ قىلدىڭ كىرىم،
ئۆز كۈچۈڭدە ئىشىكنى قاق، پۇل بولمىسا

گەپمۇ بار:«پۇل تاپقىچە يۈز تاپ» دېگەن،
«يۈز» دېمەك ــ ئابروي، ئىناۋەت، بىل، ئۆگەن،
نەپسى شەيتان تۆكمىسۇن يۈز، سال يۈگەن،
ھەق-ھالاللىق بىرلە توشسۇن زەر لېگەن،
باشقىنى قىل،«ئۈچ تالاق!»، پۇل بولمىسا.

پۇل نىجىس، پۇل كىر-ھارام، ياق، پۇل ــ ئىمان،
پۇل مۇھەببەت، پۇل ئوزۇق، ياق، پۇل سامان؛
پۇل دېگەن غەم، پۇل توزاق، ياق، خانىمان...
قانچە قىلغىن پۇل نەزەردە بار ھامان،
«قاغىمۇ قىلمايدۇ ‹قاق!...›، پۇل بولمىسا».

بولسا يول داغداملىقى، ئادىل تۈزۈم،
تۇرسا قاشتاش ھەم گىلەم، مەشۇت، ئۈزۈم...
پۇل تېپىشچۈن يول تاپار، بۇ ھەق سۆزۈم،
راستنى يازدىم ئىلچىلىك بولغاچ ئۆزۈم،
ئىشقا ئاشقاي بۇ بۇداق، پۇل بولمىسا.

پۇل، قېنى ئېيتقىنچۇ، كار-بارىڭ نېمە؟
شادلىقىڭ قانداق، يەنە زارىڭ نېمە؟
بىرلا گەپ قىل: بىزگە ئىزھارىڭ نېمە؟
ھەمدىمىڭ، يارىڭ ۋە ئىنكارىڭ نېمە؟
تاپقۇلۇق،بىل، سەن سىياق پۇل بولمىسا!

توردا
237سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2156 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-11 16:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشىكەن رەھمەت سىزگە.

توردا
517سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2517 
تېما
330 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-11 16:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇ شئىرىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن، شۇنداق ياخشى شىئىركەن

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
515 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-11 17:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ناخشىسىنىمۇ ئاڭلىمىغانمۇ؟
(0998)گە

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-11 19:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز دېگەندەك پۇل بولمىسا ھىچنىمە قىلغىلى بولمايدۇ. لىكىن پۇل ھەممىگە قادىرمۇ ئەمەسقۇ ھە!

توردا
517سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2517 
تېما
330 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-11 19:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 13369988177 نىڭ يازمىسى

ياق ئاڭلىماپتىكەنمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 20:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.