- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-18
- تىزىملاش
- 2011-3-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 46سائەت
- جۇغلانما
- 1956
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 375
- تېما
- 121
- توردا
- 46سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 12
- يازما
- 375
- تېما
- 121
|
ھاراق ئىچىپ ئۇخلىماسلىق؛ بەزى كىشلەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىرەر رومكا ھاراق ئىچىپ ئۇخلاشىنى ياخشى كۆرىدۇ.ئەمەليەتتە بۇنداق قىلىش تامامەن خاتا. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىشىچە، ھاراقنىڭ ئۇيقۇ كەلتۇرۇش رولى ئۇنىڭ زىيانلىق تەسىرىگە قارغاندا ھېچقانچە گەپ ئەمەس.گىرمانىيىلىك بىر مۇتەخەسىسىس ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىزدىنىش ئارقىلىق ،ھاراق ئىچىپ ئۇخلىغاندىن كىيىن ئىككى قىتىم تۇنجۇقۇپ قىلىش ھادىسىسى يۈز بىردىغانلىقىنى ،ھەر قىتىملىق تۇنجۇقۇش 10 سېكىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغانلىقنى ،ئەگەر مۇشۇنداق بولىۋەرسە قان بىسىمى ئۆرلەپ ،ئادەم ئۆزى سەزمىگەن ھالدا يۇقىرى قان بىسىم كىسىلىگە گىرىپتار بولدىغانلىقىنى بايقىغان . ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچىپ ياتسا،نېرۋىلار تىنىچلىنىپ ئادەم تىز ئۇخلايدۇ. كالا سۈتى ھەم كالىتسىي مادىسىنى تولۇقلاپ سۆڭەك بوشىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
سائەت تاقاپ ئۇخلىماسلىق؛ نۇرغۇن كىشىلەر ئاخشىمى سائەت تاقاپ يېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ،بۇنداق ئادەت سائەتنى ئاسراشقا ۋە سالامەتلىككە زىيانلىق ،ئەگەر ئاخشىمى سائەت تاقاپ ياتسا تېرىدىن تۆكۈلگەن كىپەك،تەر ۋە ئورۇن كۆرپىلەردىكى تالا تۈردىكى ماددىلار ناھايىتى ئاسانلا سائەت يۈزىگە يىپىشىدۇ ۋە ئاستا- ئاستا سائەت ئىچىگە كىرىپ ،سائەتنىڭ ئۆمىرىنى قىسقارتىۋىتىدۇ. يەنە بىرى، سائەت ، بولۇپمۇ فۇسفۇرلۇق سائەت تارقاتقان رادىي رادىئاتسىيىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىسىمۇ، لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
گىرىم قىلىپ ئۇخلىماسلىق ؛ ئاياللار ، بولۇپمۇ قىزلار ئادەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزىدىكى گىرىملىرىنى پاكىز يۇيىۋەتمەيدۇ.. شۇنىڭ بىلەن يۈزدىكى گىرىم قالدۇقلىرى تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئىتىۋېىلىپ تەر بەزلىرىنىڭ ئاجىراتما ئاجىرىتىپ چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ،يۈزىگە دانخۇرەك ئۆرلىتىپ گۈزەللىككە تەسەر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزدىكى گىرىم قالدۇقلىرىنى پاكىز يۇيۋېتىپ ياتسا ،گىرىم قالدۇقلىرىنىڭ يۈز تېرىسىىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم ھۇزۇرلىنىپ تېز ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
مەنبە ؛ << ئائىلە ۋە ساغلاملىق >> دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
|
|