ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر خۇتۇن ئالساڭ ماشىسىزنى ئال
كۆرۈش: 562|ئىنكاس: 13
go

خۇتۇن ئالساڭ ماشىسىزنى ئال  

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
25 
تېما
20 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
بولار ئۆيدىن ئۈچ ۋاخ تامىقىڭ.
كىرگىنىڭدە خىزمەتتىن چۈشۈپ،
ئولتۇرىسەن ئۆينىڭ تۆرىدە.

خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
غادايمايدۇ ھىچقاچان ساڭا.
ئۆي ئىشىغا يولاتماس سىنى،
كۈندە كىرسىز تۇرىدۇ ياقا.

خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
ئىزدىمەيسەن بالا باققۇچى.
ئاي ئاخىرى ھەم بىشى ئوخشاش،
كۈلۈپ تۇرۇشى ساڭا ياققۇسى.

خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
پەدازسىز ئۇزدۇر ئول جامالى.
قاتار چاي ۋە رېستۇران ياتتۇر،
جەننىتىدۇر ئۇنىڭغا ئۆيى.

خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
شەھەرلىككە قىلماس ھىچ ھەۋەس.
چىن مۇھاببەت مەڭگۈلۈك ساڭا،
تاغ بىلىدۇ بولساڭمۇ ئەلەس.

خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
تاندۇرمايدۇ ئاتا-ئاناڭدىن.
شۈكرە بىلەن ئۆتىدۇ دائىم،
ھىچ زارلانماس نامراتلىقىڭدىن.

خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
كوجىلىقنى تالاشماس سەندىن.
غورۇرىنى قىلمىساڭ دەپسەن،
ئايرىمايدۇ چېيىڭنى قەندىن.

خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
تاپقان پۇلۇڭ بولار بەركەتلىك.
بەسلەشمەيدۇ چوڭچىلار بىلەن،
شۇندا بولار بالاڭ شەپقەتلىك.

مەنبە: ساقلىۋالغانلىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 8807701314520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-6 19:13

Rank: 8Rank: 8

توردا
449سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
706 
تېما
135 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
8807701314520 يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 19:11
خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
بولار ئۆيدىن ئۈچ ۋاخ تامى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ھەمشىرەم ؟ماڭا بۇ تىيما تۇنۇشلۇق ،ئەسلى بۇ تىيمىنىڭ ئاپتورىنى قۇشۇپ يوللىسىڭىز بۇپتىكەن.ساقلىۋالغانلىرىم دېسىڭىز سىز بۇ تىيمىنىڭ ئاپتوردەك بىلنىدىكەن.

توردا
189سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
272 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇ شىئىرنىڭ تىكىستىلىرىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپتۇ . سىرىتتا ئىشلىمىسە ، مائاشسىز بولسا داۋاملىق ئۆيدە بولىدىغان گەپ . ئۇنداق ئۆيلەر ئادەمگە قانچىلىك ئىللىقلىق بېغىشلايدىغىنىنى ئېغىزدا تەسۋىرلەش قىيىن . ئىشلىدۇق ، پۇل تاپتۇق ، ئايلىقىمىزغا پالانى پۇل مائاش ئالىمىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلىۋالغان بىلەن بۇنداق ئائىلە پۇتۈن كۈچىنى پۇل تېپىشقا قۇيىۋىتىدۇ . ئاشۇ پۇل بىلەن سىرىتلاردا تاماق يەپ ، ئولتۇرۇش قىلىپ كۈلۈپ ئوينىۋالغان بىلەن ئائىلەچۇ ؟ ! بىرخىل سوغوقچىلىق چىقىپ تۇرغاندەكلا بىلىنىدۇ . بۇ جەھەتتە مىنىڭ ئولىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك بولدى . قالغىننى باشقا تورداشلارمۇ ئىنكاس بىلدۈرۈپ باقسۇن . !

توردا
772سائەت 
نادىر تېما
دوست
98 
يازما
1539 
تېما
281 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىرقىىدەك ۋەزىيەتتە تەرەققىياتنىڭ تىزلىكىدە ھەركىم ھەرخىل كەسىپ ۋە خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇنلانماقتا ،
شۇڭا كۆپ قېسىم قىزلارنىڭمۇ ھەر كەسىپ ساھالەردە ھۆكۈمەت ۋە ئىدارە ئورگانلاردا خىزمىتى ئېش ھەققى
بولىدۇ . دېمەك بۇلارنىڭ بىر قېسىملىرى توي قىلغاندىن كېيىن بەلىكىم خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ئائىلە ئايالى بولۇشى مۇمكىن لېكىن بىر قېسىملىرى ئائىلە ئايالى بولامدىم -:ھېم ؟ ئۇنداق ئېش يوق مەن دېگەن پالانى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن

پۇستانى ئۇنۋېرسىتننى پۈتتۈرگەن دەپ يولدىشى تالاش-تارتېش
قېلىشىىمۇ مۇمكىن .........
مېنىڭچە يەنىلا ئايال كېشنىڭ ئايال كېشىدەك شۇنداقلا ھەققىيقى بىر ئانىدەك بولغىنى ئەركېشىنىڭ ئەركەكدەك ھەققىيقى بىر دادىدەك بولغۇنى ياخىشى ....


كىم بېلىدۇ بۈگۈن مائاشسىزنى ئال دەپ چېقسا ئەتە ئۆگۈنلەردە مائاشلىقنى ئال دەپمۇ چېقىپ قالامدۇ تېخى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-7 00:05

توردا
189سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
272 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش dartman119 نىڭ يازمىسى

سىز نىڭ دىگىنىڭىزمۇ ھەرھالدا توغرا . لىكىن مائاشلىق ئاياللارغا قارىغاندا مائاشسىز ئاياللار ئۆيدە بولغاندىكىن پۈتۈن كۈچىنى ئۆي ئىشلىرىغا سىڭدۈرىدۇ . پۇل تېپىشقۇ يامان ئىش ئەمەس . لىكىن ئۆزىنى چىڭ تۇتمىسا ئاشۇ پۇلنىڭ كەينىدىن يۈگۈرەيدىغان بىرخىل ئادەتنى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ . ما ئىشنى پۈتتۈرۋالسام مانچە پۇل كىرىم قىلىمەن . ئا ئىشنى پۈتتۈرۋالسام مانچە پۇل تاپىمەن دەپ ئۆي ئىشلىرىغا بىرىلەلمەيدۇ . بۇنداق بولغاندا ئۆي قانچىلىك ئىللىق بولماقچى . سىز كونىلارنىڭ بىر گىپىنى ئاڭلىمىغانمۇ _ ؟ ! « ئۆينى_ ئۆي قىلغانمۇ ئايال ، ئۆينى_ گۆر قىلغانمۇ ئايال » . ئۆينى ئاساسلىقى ئايال تۇتمىسا . . . . ئەرلەر ئۆي تۇتالامدۇ . بەكرەك ئويلىنىپ بېقىڭلار .

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاقىت چىقارسىلام ماشلىق ئاياللارمۇ ئوز مەجبۇريىتىنى تولۇق ئادا قىلالايدۇ.گەپ شۇلارنىڭ ئىدىسىدە.ھەممە ئش نىيەتكە باغلىق.

توردا
57سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
471 
تېما
90 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش BARNA1 نىڭ يازمىسى

سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن، مىنىڭچىمۇ ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
25 
تېما
20 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش fatima نىڭ يازمىسى

ۋەئەيكۇم ئەسىسالام، قېرندىشىم. بۇ شىئىرىنىڭ ئاپتورىنى بىلىگەن بولسام مەنمۇ يېزىپ قوياتتىم، مەندە بۇنداق شىئىرلار ساماندەك بىراق كۆپىنىچىلىرىنىڭ ئاپتورىنى بىلىمەيمەن، خاتىرەم بۇنداق شىئىرلار بىلەن لىق تولغان، مەن پەقەت باشقىلارنى كۆرۈپ ئىلىھاملانسۇن، ئىبىرەت ئالسۇن دەپلا ئاپتورىنىڭ ئىسىمىنى بىلىمىسەممۇ يوللاپ قويۋاتىمەن. سىز بۇ شئىرىنىڭ ئاپتورىنى بىلىسىڭىز دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن مەنمۇ خىجىلىچىلىقىتا قالمىغان بۇلاتتىم.

توردا
111سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
136 
تېما
63 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بەرنانىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن . ئاياللىرىمىزدا مەيلى مائاشلىق بولسۇن ، بولمىسۇن ، ئىنساب ، بولسىلا ھەممە ئىش جايىدا مېڭىۋىرىدۇ . چاققان ئاياللىرىمىز ، ئويگە ، بالىغا ، تاماققا ھەممىگە ئۈلگىرىدۇ .
نىيەت دۇرۇس بولمىسا ئويدە ئولتۇرغان بىلەن ھەممە ئىش جايىدا تۇرىۋىرىدىغان گەپ . ھەممىسى نىيەتكە باغلىق .

توردا
86سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
496 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايتى توغرا يېزىپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-10 08:28

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.