ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خانىم قىزلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرغان ...
كۆرۈش: 315|ئىنكاس: 1
go

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرغاندىن كېيىن نېمىلەرگە دىق

توردا
35سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
252 
تېما
100 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۈزۈك سالدۇرۇش ئاددىي،بىخەتەر، ئىقتىسادىي چىقىمى ئاز ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى بولۇپ ،ئېلۋىتىشمۇ قولايلىق ،تۇغۇت ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇ تۇغۇت يىشىدىكى ئاياللارنىڭ رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشمەكتە .شۇنداقتىمۇ ئۈزۈك سالدۇرغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كىرەك.
1.يېڭىلا ئۈزۈك سالدۇرغاندا بالياتقۇ ئاغزى بوش بولۇپ ،ئۈزۈكنىڭ چۈشۇپ قىلىش ئىھتىمالى بولىدۇ. شۇڭا بىر نەچچە كۈن دەم ئىلىش، بىر ھەپتە ئىچىدە ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىش ، ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تۈردە كۆپەيتىپ ،بەدەننى قۇۋەتلەندۇرۇش كىرەك.
2. تازلىققا دىققەت قىلىپ،يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم. ئۈزۈك سالدۇرۇش بىر خىل ئوپراتسىيە مەشغۇلاتى بولۇپ، بالياتقۇ ئىچىكى پەردىسىنى يەڭگىل دەرىجىدە زەخمىلەندۇرشى مۇمكىن.شۇڭا ئوپراتسىيدىن كىيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىك ،سىرتقى جىنسى ئەزانى كۈندە بىر -ئىككى قىتىم ئىلمان قايناق سۇ بىلەن يۇيۇپ بالياتقۇ ياللۇغى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
3.ئۈزۈك سالدۇرغاندىن كىيىن بىر نەچچە كۈنگىچە جىنسى يولدىن ئازراق قان كەلسە داۋالاش ھاجەتسىز ،ئەگەر قان مىقدارى كۆپ ياكى قاناش بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋام قىلسا ،ھەيىز مەزگىلىدىكى ئۆزگىرىش چوڭ بولسا .ئۈزۈك سىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقى،ئالدۇرۋېتىپ قايتا سىلىش لازىملىقنى چۈشەندۈرىدۇ. بەزى ئاياللار ئۈزۈك سالدۇرغاندىن كىيىن ھەيىز دەۋرى ئادەتىكىدەك بولسىمۇ، ھەيىز مىقدارى كۆپىيىپ كىتىدۇ. بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە،تۆمۈر ماددىسى كەملىك ،قان ئازلىق پەيدا بولىدۇ.شۇڭا تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ ،ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش كىرەك. قاناش ئېغىر بولغانلار باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.
4. ئۈزۈك چۇشۈپ كىتىش ياكى ئۈزۈك ئۈستىدىن ھامىلدار بولۇپ قىلىشقا دىققەت قىلىش كىرەك. ئاياللار ئۈزۈك سالدۇرغان دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ،ئۈزۈكنىڭ بار- يوقلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇش لازىم. ئەگەر ئاياللاردا ئۈزۈك سالدۇرغاندىن كىيىن ھەيىز توختاش ،كۆڭلى ئىلىشىپ قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆرۇلسە ،ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش،ھامىلىدار بولغانلىقى ئېنىقلانسا ،سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيسى قىلدۇرۇپ ،ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش كىرەك.
مەنبە؛ <<ئاياللار ۋە تۇرمۇش >> دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.

توردا
264سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
281 
تېما
15 

تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىشقىمۇ كىرگەندىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-10 12:02

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.