ھاۋا ئۆزگەردى ئەيدوستلار، بىلەمسەن قايسى چاغ بولدى؟
ئۇزۇن ياز مەۋسۇمى ئۆتتى، بۇ زالىم قىشيېقىن بولدى. 
تېخى ئۇخلاپ ئاچالمايكۆز، ياتۇرسەن نېمە بولغاندۇ؟
ئايا ئىخۋان يىقىندۇرقىش،يېقىن بولدى يېقىن بولدى.

ياتۇرسەن ئۇيقۇ غەپلەتتە، ئۆلۈكتەك قىمىرلىمايسەن ھېچ،
تەۋەككۇل ۋاقىت ئۆتتى، ئىشلىمەس كۈنلەر يېقىن بولدى. 
سېلىپ ئالۋاڭ يېغىپكەتسە، تېپىش پاختا بولۇر مۇشكۇل،
ھېلىھەم كەتتى تۇ، ئېرخۇاكېتىش، سەنخۇا يېقىن بولدى.
 ھارارەت بەرمىگەي سەنخۇا، لېكىن جايغابولۇر دالدا،
قوپۇڭلار! بۇنىڭ كېتىشىھەم يىراق ئەمەس يېقىن بولدى. 
قوپۇڭلار ئەيبۇرادەرلەر، ئۆلۈشكە بارمۇ مەيلىڭلار،
كىرىشكە ئاز قالدى تۇ،ئېرجىيۇكىرىش،سەنجىيۇ يېقىن بولدى. 
ئىشىتمەيسەن بۇرادەرلەر، قۇلاق پەردىسى ساقمۇ؟
كىكىردەك جىق قىچقىرىپ، يىرتىلىشقاھەم يېقىن بولدى. |