يۇيۇنغاندا تېرىلەر تازلىنىپ،روھى كۆتۈرۈلىدۇ ھەم بەدەن ساغلاملىقنى ئاشۇرۇپ ،ھەرخىل تېرە كېسەلىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ياز كۈنلىرى ھاۋا ئىسىسق،تەر كۆپ چىققانلىقتىن يۇيۇنۇپ تۇرغاندا بەدەننىڭ پاكىزلىقغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، زىيادە يۇيۇنغاندا ۋە يۇيۇنۇش ئۇسۇلى توغىرا بولمىسا تېرە زەخمىلىنىدۇ.
بەزىلەر لۆڭگە ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن بەدەننى قاتتىق سۈرتىدۇ. تېرە بولسا ئادەم بەدىننىڭ بىرىنجى مۇھاپىزىت توسىقى بولۇپ، مىكرۇبلارنىڭ بەدەنگە كىرىشىنى توسىدۇ. ئەگەر تېرىنى زىيادە ئۇۋلىغاندا تېرە زەخمىلىنىپ ،مۇھاپىزەت رولى ئاجىزلىشىدۇ. ئىشقارلىق سوپۇن ۋە بەزى يۈز سوپۇنلىرى تېرىنى غىدىقلايدۇ.ئەگەر سوپۇننى تېرىگە كۆپ قىتىم سۈرتۈپ يۇيغاندا تېرىنىڭ ئۈستىدىكى بىر قەۋەت ياغلار بەدەن سىرتىدىكى كىرلەر بىلەن چىقىپ كىتىدۇ. نەتىجىدە تېرە بىۋاستە ھاۋا بىلەن ئۇچىرشىپ ، ئاسانلا قىچىشىدۇ ھەم تېرە ياللۇغى كىلىپ چىقىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قورساق بەك توق ھەم ئاچ ۋاقىتلاردا يۇيۇنماسلىق كىرەك. چۈنكى سۇنىڭ بېسىمىدىن نەپەس قىيىنلىشىش،يۈرەك سىقىلىش ،ھەتتا ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ. ئەگەر قورساق ئاچ ۋاقىتتا يۇيۇنسا باش قېيىش،تەرلەش، ھەتتا ئايلىنىپ كىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلىدۇ.
مەنبە؛ <<ساغلاملىق ئۈچۇن 100 كۆرسەتمە>> دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
ئاز تاماق يېگەندە ئۇرۇقلامدۇ؟
ئورۇقلاشنى تىلغا ئالغاندا ، كىشىلەر كۆپىنچە تاماقنى ئازراق يېيىشنى تەكىتلەيدۇ ،پەقەت يالغۇز تاماقنى كونترول قىلىش بىلەنلا ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ھەركەت قىلمىغاندا بارلىق ئورۇقلاش تەتبىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ. ئەگەر زىلۋا بولاي دېسىڭىز ،ھەرىكەت قىلىش ،تاماقنى كونترۇل قىلىشتىن مۇھىم. تۆۋەن ئىنىرگىيەلىك تاماق يىگەندە ،بەدەن ئىغىرلىقى تۆۋەنلىسىمۇ، بەدەندىن چىقىپ كەتكىنى سۇ ۋە ئاقسىلدۇر. قەنىت ماددىسى سەرىپ بولغاندا سۇمۇ بىللە خۇرايدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ،مۇسكۇلدىكى ئاقسىل ۋە شېكەر مەنبەسى سەرىپ بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئۇسۇلدا ئورۇقلىغاندا ھالسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئىيتىقاندا ،ھالسىزلانغاندا ئادەمنىڭ ھەركەت قىلغۇسى كەلمەيدۇ. تاماقنى كونترۇل قىلىپ، نەچچە ھەپتىدىن كىيىن بەدەندىكى مايلار ئازلايدۇ. ئەگەر تاماقنى كونترۇل قىلىشنى توختاتقاندىن كىيىن ئادەم يەنە سەمىرىيدۇ. دېمەك ، بۇنداق ئورۇقلاش مۇۋاپىق ئەمەس.
مەنبە؛ << ساغلاملىق ئۈچۇن 100 كۆرسەتمە>>دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-5 13:54
|