ئىچ مىجەز كىشىلەر ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دىيىلىدۇ : « ئىچ مىجەزلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق خارەكتېرى ئەسلىدىنلا تۇغما بولىدۇ ، بۇنداق ئىچ مىجەز ، ئېھتىياتچان كىشىلەرنىڭ خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوقىرى بولىدۇ . » تەتقىقاتتىن ئايان بولىشىچە ، تەخمىنەن بەش ئادەمنىڭ بىرى مۇشۇنداق ئىچ مىجەز ئىكەن ، ئۇلار زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ ، بەزىدە ھەتتا قورقۇنۇچلۇقتەك كۆرۈنىدىكەن . بۇنداق كىشىلەر بالىلىق ۋاقتىدىن تارتىپلا مىس – مىس ، ئاسان يىغلايدىغان ، ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمەيدىغان غەلىتە سۇئاللارنى سۇرايدىغان ، دائىم چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئادەم قىياپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىدىكەن . بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل بولغانلارنىڭ يەكۈنى مۇنداق بولغان : ئوچۇق – يۇرۇق كىشىلەرگە قارىغاندا ئىچ مىجەز ، ئېھتىياتچان كىشىلەر كۆزى كۆرگەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان چاغدا ، چوڭ مېڭىسىنىڭ ئايرىم رايۇنلىرى جانلىنىپ كېتىدىكەن ، شۇڭا ئۇلار ئىنىچكە تەپسىلاتلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئۇلار قارار چىقارغان چاغدا ئالدى بىلەن يېتەرلىك ۋاقىت ئاجىرتىپ پىكىر قىلىپ ، « يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىش » كە ئەھمىيەت برىپ ، ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشتىن باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىكەن . ئۇلار ھەرقاچان بىرلا نىشانغا قاراپ كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىدىغان بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى مۇناسىپ رەۋىشتە كۈچىيىدىكەن … مەنبە : « پىسخىك دوختۇر گېزىتى » بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-3 14:47
|