ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر قانۇن بىلىملىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ق ...
كۆرۈش: 28|ئىنكاس: 0
go

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى(191-ماددسىدىن 210)

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
252 
تېما
100 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-2 11:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


191 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم جىنايىتى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى ۋە
ئەتكەسچىلىك جىنايىتىدىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە خاراكتېرىنى پەردازلاش، يوشۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل قىلغان پايدىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، يۇغان پۇل سوممىسىنىڭ 5 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 20 پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، يۇغان پۇل سوممىسىنىڭ 5 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 20 پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) مەبلەغ ئىسچوتىنى بەرگەنلەر؛
(2) مال - مۈلكىنى نەق پۇلغا ياكى پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا ياردەم بەرگەنلەر؛
(3) مېمورىئال راسچوت قىلىش ياكى باشقا راسچوت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مەبلەغنى يۆتكىۋېتىشكە ياردەم بەرگەنلەر؛
(4) مەبلەغنى چېگرا سىرتىغا پېرېۋوت قىلىۋېتىشكە ياردەم بەرگەنلەر؛
(5) جىنايەتتىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەنبەسىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن پەردازلىغان ۋە يوشۇرغانلار؛
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

5 - پاراگراف پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى جىنايىتى

192 - ماددا قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
193 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئالداپ قەرز پۇل ئالغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) مەبلەغ ۋە تۈر قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشتە يالغان سەۋەب ئويدۇرۇپ چىقىرىش؛
(2) يالغان ئىقتىسادىي توختام ئىشلىتىش؛
(3) يالغان ئىسپات - ھۆججەت ئىشلىتىش؛
(4) يالغان مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتىنى كېپىللىككە ئىشلىتىش ياكى رەنىگە قويۇلغان نەرسىنىڭ قىممىتىدىن ئاشۇرۇپ تەكرار كېپىللىك بېرىش؛
(5) باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئالداپ قەرز پۇل ئېلىش.
194 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتى ئالدامچىلىقى قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنىڭ ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش؛
(2) بىكار قىلىنغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش؛
(3) باشقىلارنىڭ پېرىۋوت چېكى، خاس چېكى ۋە پۇل چېكىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش؛
(4) قۇرۇق پۇل چېكى ياكى قالدۇرۇلغان تامغا ئىزى ۋە ئىمزاغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پۇل چېكىگە قول قويۇپ، پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(5) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك كەسكۈچى مەبلەغ كېپىللىكى بولمىغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەككە قول قويۇپ ياكى چەك كەسكەندە يالغان خاتىرىلەپ، ئالداپ پۇل - مال ئېلىۋېلىش.
ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پۇل پېرېۋوت دوكۇمېنتى، بانكا ئامانەت پۇل تالونى قاتارلىق بانكىنىڭ باشقا راسچوتىدىكى دوكۇمېنتلىرىنى ئىشلەتكەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
195 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىل قىلىپ، كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىش؛
(2) بىكار قىلىنغان كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىش؛
(3) كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(4) باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى قىلىش.
196 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، كرېدىت كارتىسى ئالدامچىلىقى قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) ياسىۋالغان كرېدىت كارتىسىنى ئىشلىتىش؛
(2) بىكار قىلىنغان كرېدىت كارتىسىنى ئىشلىتىش؛
(3) باشقىلارنىڭ كرېدىت كارتىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش؛
(4) يامان غەرەزدە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يامان غەرەزدە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش كارتا ئىگىسىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، بەلگىلەنگەن نورمىدىن ياكى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش ھەمدە كارتا تارقاتقان بانكا تاپشۇرۇشنى سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ قايتۇرۇپ بەرمەسلىك قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
كرېدىت كارتىسىنى ئوغرىلىغان ۋە ئىشلەتكەنلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
197 - ماددا ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكىنى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
198 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا نىشانىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسى ھەققىدە سەۋەب ئويدۇرۇپ ياكى زىياننى كۆپتۈرۈپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(3) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى مال - مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلىق سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(5) سۇغۇرتىلاتقۇچى، مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆلۈشى، زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ياكى كېسەل بولۇشىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش.
ئالدىنقى تارماقنىڭ (4)، (5) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن 1 - تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باھالىغۇچى، ئىسپاتلىغۇچى ۋە مال - مۈلۈكنى باھالىغۇچىلاردىن قەستەن يالغان ئىسپات - ھۆججەت بېرىپ باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىرى سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
199 - ماددا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 192-، 194- ۋە 195 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەردىن سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ھەمدە دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
200 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافنىڭ 192-، 194- ۋە 195 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

6 - پاراگراف باج ئېلىش - باشقۇرۇشقا خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى

201 - ماددا باج تاپشۇرغۇچىلاردىن ھېسابات دەپتىرى، ھېساباتقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، يوشۇرۇپ قويۇش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يوقىتىۋېتىش، ھېسابات دەپتەرلىرىدە چىقىمنى كۆپ خاتىرىلەش ياكى كىرىمنى خاتىرىلىمەسلىك، ئاز خاتىرىلەش، باج ئورگانلىرى مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىش ياكى تاپشۇرىدىغان باجنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغان، ئوغرىلىغان باج سوممىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ 10 پىرسەنتىدىن يۇقىرى بولغان، 30 پىرسەنتىگە يەتمىگەنلىرىگە ھەمدە ئوغرىلىغان باج سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە ياكى باج ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن باج ئورگانلىرى ئىككى قېتىم مەمۇرىي جازا بەرگەن تۇرۇپ يەنە باج ئوغرىلىغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئوغرىلىغان باج سوممىسىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئوغرىلىغان باج سوممىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ 30 پىرسەنتىدىن يۇقىرى ھەمدە ئوغرىلىغان باج سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئوغرىلىغان باج سوممىسىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باجنى ۋاكالىتەن تاپشۇرغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، تۇتۇپ قالغان، ئېلىنغان باج پۇلىنى تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغانلاردىن سوممىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ 10 پىرسەنتىدىن يۇقىرى ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغانلاردىن بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىرىنىڭ سوممىسى يىغىندى سوممىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
202 - ماددا باج پۇلىنى تاپشۇرۇشنى زورلۇق ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش يولى بىلەن رەت قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان باج پۇلىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان باج پۇلىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
203 - ماددا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى قەرز قىلىپ، مال - مۈلكىنى يۆتكىۋېتىش ياكى يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باج ئورگانلىرىنى قەرز قالغان باج پۇلىنى ئالالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان باج تاپشۇرغۇچىلاردىن سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قەرز قالغان باج پۇلىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قەرز قالغان باج پۇلىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
204 - ماددا دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئېكسپورتنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تاپشۇرغان باج پۇلىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 201 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ؛ ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ تاپشۇرغان باج پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
205 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كەسكەنلەرگە ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان باشقا تالونلارنى كۆز بوياپ كەسكەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ دۆلەتنىڭ باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولۇپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تالونلارنى كۆز بوياپ كېسىش باشقىلار ئۈچۈن كۆز بوياپ كېسىش، ئۆزى ئۈچۈن كۆز بوياپ كېسىش، ئۆزى ئۈچۈن كۆز بوياپ كەستۈرۈش، باشقىلارغا كۆز بوياپ كېسىشنى تونۇشتۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ بىرەرىنى سادىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
206 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياسىۋالغان ياكى ساتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياسىۋالغان ھەمدە ساتقانلاردىن مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
207 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز ساتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
208 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋالغانلارغا ياكى يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋالغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋالغان ياكى يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋېلىش بىلەنلا قالماي، كۆز بوياپ كەسكەن ياكى ساتقانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 205 -، 206 - ۋە 207 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
209 - ماددا ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلارغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 2 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى قانۇنسىز ساتقانلارغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
3 - تارماقتىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا تالونلارنى قانۇنسىز ساتقانلارغا 2 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
210 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ۋە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ئوغرىلىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ۋە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 266 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-10 07:42

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.