بەڭگىلەر مارشى(ساتىرا)
(ئاتەش ماكان )

كېلە دوستۇم بىر نەپەس ،
ھوزۇرلۇنۇپ چېكىمىز .
تۈتۈن بىلەن قايغۇلار ،
ئۇچۇپ كەتسۇن چېكىمىز .

ئوڭغا تارتماي ئىشىمىز ،
تېرىكسەكمۇ چېكىمىز .
جاھان كارى شۇنداقكەن ،
زېرىكسەكمۇ چېكىمىز .

خوتۇن -بالا خاپا قىپ ،
چېچىلساقمۇ چېكىمىز .
ئىشلار پىشىپ خوشلۇقتىن ،
ئېچىلساقمۇ چېكىمىز .

خيال سۈرۈپ كەچلىرى ،
ئۇخلىمايمۇ چېكىمىز .
سەھەر تۇرۇپ قوساقنى ،
توقلىمايمۇ چېكىمىز .

ئىشقا بارساق ھېچ ئىشنىى ،
قىلماي تۇرۇپ چېكىمىز .
ئەيىپلىسە باشقىلار ،
رەنجىسەكمۇ چېكىمىز .

دوستلار بىلەن جەم بولۇپ ،
سورۇنلاردا چېكىمىز .
ئادەملەر جىق توپلاشقان ،
ئورۇنلاردا چېكىمىز .

كىتاپ ئۈچۈن بەش-ئون كوي ،
خەجلىمەيمىز چېكىمىز .
كۈن دە شۇ پۇل «كۈل» بولسا ،
ئاغىرمايمىز چېكىمىز .

چەكمەپتىكەن ئەجدادلار ،
ئەمما بىزلەر چېكىمىز .
چەكمىگەنگە زورلايمىز،
كېڭىيىدۇ سېپىمىز.

ئۆرگىلەپمۇ چېكىمىز ،
چۆرگىلەپمۇ چېكىمىز .
چىقسا كاردىن ئۆپكىلەر ،
مۇرادلارغا يېتىمىز . 
|