ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر كۈتكۈنىمچە بىر تاتلىق كۈلۈپ(فاتىمە)
كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 4
go

كۈتكۈنىمچە بىر تاتلىق كۈلۈپ(فاتىمە)

Rank: 8Rank: 8

توردا
443سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
697 
تېما
133 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

كۈتكۈنىمچە بىر تاتلىق كۈلۈپ

كۈنۈم ئۆتەر يۇلىڭغا قاراپ،

كۈتۈشلەردە ئەنسىزدۇر تۇيغۇم.

ۋىسالىڭغا زار بولغانسىرى،

تۈندە كەلمەس تاتلىق ئۇيقۇم.

ناخشا توۋلاپ كەلسە تاڭ سەھەر،

سالام قىلدىم ئىگىلىپ يەرگە.

ياپراقلارغا تۈكۈپ ئىشقىمنى،

بارچە دەتنى تۆكتۈم سەھەرگە.

تەشۋىشنى يۈدۈپ ئىزلارنىڭ،

ئۇپۇق تامان بارماقتا گۈگۈم.

كۈتۈشلەرگە چۆكتۈرۈپ مىنى،

ھارغىنلىقتا قويماقتا تۇيغۇم .

بۇلاقلاردا تۈنەيدۇ ئاھۇ،

تىمتاسلىق كۈينى ياڭرىتىپ.

چۈشلىرىمدىن ئىزلەيمەن سىنى،

كۈتكۈنىمچە بىر تاتلىق كۈلۈپ.

ئىككىمىزنىڭ بەختى تەڭ كۈلسۇن

تەشۋىشلەردىن قۇتۇلدى باشىم،

بۇلبۇل ئۇخلاپ قالغان سەھەردە.

سەن يىغلىساڭ ياش تۆكەر قەلبىم.

شوخ كۈلكىلىرىڭ تاشلىنار كۆزگە،.

كۈلكەڭ بىلەن تاپسام تەسەللى،

جۇلالىنىپ تۇرار دىل قەسرىم.

ھايات يۇلىمغا يىڭلىق قۇشۇپ،

ئىرادەڭدىن تەۋرەنمەس تۇيغۇم.

مەمنۇنلۇقتىن كۈلسە جان تىنىم،

كۈلكىلەرنى قىلاي ھەدىيە.

ھاياتىڭغا يىڭى بەت قۇشۇپ،

ھەمراھ بۇلاي مەنزىلىرىڭدە.

ئىككىمىزنىڭ بەختى تەڭ كۈلسۇن،

قەلبىمىزدە ئارمانلار تۈگەپ.

ھايات يۇلىدا تەڭ كۈلەيلى،

بەختمىزدىن شات-خۇرام كۇلۇپ.

مەنبە قەلىمىم

توردا
127سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
255 
تېما
29 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلبىڭىزگە تەششەككۈر

توردا
133سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
566 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈنۈم ئۆتەر يۇلىڭغا قاراپ،
كۈتۈشلەردە ئەنسىزدۇر تۇيغۇم.
ۋىسالىڭغا زار بولغانسىرى،
تۈندە كەلمەس تاتلىق ئۇيقۇم
.

نىمە دىگەن ياخشى كۇپلىتلارگە!

توردا
141سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
551 
تېما
14 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەمىنۇنىلۇقىتىن كۇلىسە جان تىنم ،
كۇلىكىلەرنى قىلاي ھەدىيە .
ھاياتىڭىغا يېڭى بەت قوشۇپ ،
ھەمىرا بولاي مەنىزىلىڭىگە .
بەك ياخىشى يىزىپىسز . نىمە دەپ مەدھىلەشىنى بۇلىمىدىم ، تىلىم ئاجىزىلىق قىلىۋاتىدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن ئەجىرڭىزىگە كۆپ تەشەككۇر . داۋامىلىق تىرشىپ نادىر تىمىلار بولىسا ھارمىغايىسز . خۇشىۋاخ بولۇڭ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
241سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
448 
تېما
204 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەببەتتىن ئىبارات بۇ ئۆلمەس تېما ئارقىلىق ئىچكى ھىسياتنى يارقىن ئىپادىلەپسىز. ئەجىرىڭىزگە رەخمەت. ھارمىغايسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-4 10:20

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-7 02:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.