- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-18
- تىزىملاش
- 2011-3-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 46سائەت
- جۇغلانما
- 1956
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 375
- تېما
- 121
- توردا
- 46سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 12
- يازما
- 375
- تېما
- 121
|
ئۇيغۇرلار ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى تەجىربە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۇشكە پايدىلىق بولغان توغرا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يىتىلدۇرۇپ ئەسىرلەر داۋامى ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا قالدۇرۇپ كەلمەكتە.
1. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق يىمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىش ؛ نان- ئوتتا قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇ يىمەكلىك تولىمۇ مىزىلىك ، يېيىشلىك ھەم سىڭشلىك، ھېچقانداق زىيىنى يوق ئاساسلىق يىمەكلىك . ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرى سەۋزە بىلەن باش پىيازدىن ئايرىلالمايدۇ. باش پىياز خولىستىرنى تۆۋەنلىتىپ مىكىرۇپ ئۆلتۇرۇپ ،يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ. قان شىكىرىنىڭ يۇقىرلاپ كىتىشنى توسۇش بىلەن بىللە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى گۇڭگۇرت راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. گۈش،سەۋزە،باش پىياز بىلەن شورپا قىلىپ ،نان چىلاپ يىسە تولىمۇ قۇۋۋەتلىك تائام بولىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە ھەسەل ،قىتىق،ياڭاق قاتارلىق يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەسەلنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ساغلاملاشتۇرۇش يېمەكلىكى دېگەن نامى بار بولۇپ ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى سەككىز خىل ئاساسى ئامىنۇ كىسىلتاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. .قېتىقتا كۆپ مىقداردا سۈت كىسىلتاسى بولۇپ ،ئۇ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياڭاق تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ ، تەكشۈرۇشلەرگە قارغاندا دۇنيادىكى يۈزياشتىن ئاشقانلار يۇقىرقى يىمەكلىكلەردىن يىگەن ئىكەن . ھەمدە ياڭاق بىلەن ئۈزۇمنى سوقماق قىلىپ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇق بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر بۇنىڭدىن غىزالىنىپ كەلگەن .
2. سەھەر قوپۇش . بۇنىڭ ساغلاملىق ئۈچۇن پايدىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان . سەھەر قوپۇپ بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئىچكەندە ئۆتكە تاش چۈشۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇ كېچىكىدىن يىغىلغان زەھەرنى زەھەرسىزلەندۇرۇپ ناشتا قىلىش ئارقىلىق بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئەتىگەندىكى ھاۋا تولىمۇ ساپ بولىدۇ. يامغۇر ياغقاندىن كىيىنكى ھاۋا تېخمۇ شۇنداق ، چۈنكى يامغۇر ھا ۋانى تازلاپ ساپلاشتۇرىدۇ.
3. ھەركەت قىلىش . << ھاياتلىق ھەركەت>تە دېگەندەك مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش ئارقىلىق چېنىقىپ بىرىشنى ئادەت قىلغان يۈزياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرى كىچىكىدىن تارتىپ ئەمگەك قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.
4. ئاپتاپقا مۇۋاپىق قاقلىنىپ بىرىش ؛سەھەر تۇرۇپ 30 مىنۇت پىيادە مىڭىپ ياكى ئاستا يۇگۈرۇپ بىرىش كىرەك
5. كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۇش كىرەك ؛ ياخشى ئىش قىلغاندا ئادەمنىڭ كەيپىياتنىڭ جۇشىقۇن ، روھىي جەھەتتە خۇشال بولىدىغانلىقنى يەنە ئادەمنىڭ ئىمىنۇت سىستىمىسىنىڭ ياخشلىندىغانلىقىنى بايقالغان.
|
|