روھىي بېسىمنى يىنىكلىتىشتىكى ئەڭ ياخشى تۆت خىل ئۇسۇل روھىي بېسىمنى يىنىكلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى _ باشقىلارغا دەرىت تۆكۈش . ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئونۋېرىستېتنىڭ فىزىيولوگىيە ئىلمىي تەتقىقاتچىللىرىنىڭ بايقىشىچە ، جىمخور ، كۆڭلىدىكىنى باشقىلارغا دىيىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن ، دەرىدنى تۆكۈش روھىي بېسىمنى يىنىكلىتىدىكەن . چۈنكى دەردىڭىزنى باشقىلارغا تۆكسىڭىز ، باشقىلار ھالىڭىزغا يېتىشى بىلەن بىللە ، ئكز تەجىرىبىللىرى ئارقىلىق ياخشى تەكلىپلەرنى بىرىپ ، روھىي بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىشىڭىزگە يارىدەم بېرىدۇ . ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوسىتلىرىڭىز دەردىڭىزنى تۆكىدىغان ئەڭ ئىشەنىچلىك ئوبىكىتلاردۇر . ئاچچىقنى بېسىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى _ راسا يىغلىۋېلىش ، راسا كۈلىۋېلىش ، راسا ۋارقىراش ۋە توختىماي بىر نەرسە چايناشتۇر . ئادەم روھىي بېسىمغا ئۇچىرىغاندا ، بەدىنىدە بەزىي زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولىدىكەن . بۇنداق چاغدا راسا يىغلىۋالسا ، كەيپىيات خېلى ياخشىلىنىپ قالماستىن ، بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، راسا كۈلۈش ئارقىلىقمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن . ئەگەر كۈندە 15 مىنىۇت راسا كۈلۈۋالسا ، روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن . خاپىلىق تارىتسىڭىز ، خىلىۋەت جاينى تېپىپ راسا ۋارقىراڭ ! فىرانسىيە روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش مەركىزى مۇشۇنداق ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىدۇ . ئامېرىكىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە ، %50 تىن كۆپ كىشى « سېغىز چاينىسا جىددىي كەيپىيات پەسىيىپ ، كۆڭۈل ئازادە بولۇپ قالىدۇ » دەپ قارايدىكەن . چۈنكى ، روھىي بېسىمغا ئۇچىرىغاندا سېغىز چايناپ بەرسىڭىز ، دىققىتىڭىز پۈتۈنلەي ئاغزىڭىزغا مەركەزلىشىپ ، كۆڭلىڭىز ئازادە بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز .
روھىي بېسىمنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئۇسۇلى _ مۇزىكا ئاڭلاشتۇر . كىشىلەر روھىي بېسىمغا ئۇچراپ نېرۋىسى جىددىيلەشكەندە ، لەرزان ياكى ئۆزى ياخشى كۈرىدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا ، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سېستىمىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ، كەيپىياتنى تەڭشەش ئارقىلىق قان بسىمىنى چۈشۈرۈش ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ ، روھىي كەيپىياتنى تەدرىجى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن . روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئەڭ ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلى _ كوچىغا چىقىپ نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىشتۇر . ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم ئونۋېرىستېتنىڭ بولۇشىچە ، ئاياللارنىڭ %80 ى نەرسە – كىرەك سېتىۋېلىش ئارقىلىق روھىي بېسىمدىن قوتۇلالايدىكەن . نەرسە – كىرەك سېتقۋېلىش ئەمەلىيەتتە روھىي بېسىمنى ينىكلىتىشنىڭ ئەنئنۋېي ئۇسۇلىدۇر . بۇ ۋاقىتتىكى ئىستېمال « تولۇقلاش خارەكتېرلىك ئىستېمال » دەپ ئاتىلىپ ، كەيپىياتنى ئوڭشايدىكەن . مەنبە :
«جوڭگۇ تەرمىلەر گېزىتى » دىن ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-26 14:26
|