elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

قۇربان مامۇت ۋە‹‹ تەپەككۇر›› ژورنىلى




     بىر مىللەت تەرەققىياتىدا نەشىر ئەبكارلىرىنىڭ رولى زوردۇر. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى نەشىرىياتچىلىقنى مىللەتنىڭ مەنىۋى رىزىق دەرگاھى، دىگەنىدى.ياخشى بىر ژورنال مۇنەۋۋەر بىر ئۇنۋىرستىتتۇركى، قابىل بىر مۇھەررىر گوياكى شۇ ئۇنۋىرستىتنىڭ مۇدىرىدۇر.
قۇربان مامۇت ئەپەندى ئەنە شۇنداق بىر قابىل مۇھەررىدۇر.مەن قۇربان مامۇت ئەپەندىنى <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژورنىلى ئارقىلىق تونۇغان ئىدىم.     تولۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ ھاياتىم مەزكۇر ژورنالىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇش بىلەن ئۆتكەن.شۇنداقلا ئۆزۇم يازغان ماقالىلەرنى توختىماي يوللاپ تۇراتتىم.ئاخىر نەتىقىسىنى كۆردۇم.2009-يىلىنىڭ باشلىرىدا قۇربان مامۇت ئەپەندىدىن كەلگەن تېلفوننى تاپشۇرۇپ ئالدىم.بۇ مېنىڭ تولۇق 3-يىللىقنى قايتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىم ئىدى.قۇربانكام مېنىڭ ئەسىرىمنىڭ مەزكۇر ژورنالىنىڭ  2009-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ،ئەھۋالىمىنى سۇرۇشتۇردى ۋە ئىلھام ،مەدەت بەردى.ئارقىدىن يەنە ئەسىرىم ئېلان قىلىندى.2009-يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتھانىنى بېرىپ بولۇپ،ئۈرۈمچىگە باردىم.ئۈرۈمچىدە مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ئايالى رەنا مۇئەللىمنى يوقلاپ ئۆتتۇم.ئەتىسىئۈرۈمچىدىن قايتىش ئالدىدا قۇربان مامۇت ئەپەندىگە تېلفون قىلدىم.ئۇ ئازراق ۋاقتى بارلىقىنى ئېيتتى.بىز يول بويدىلا كۆرۇشتۇق.چىرايىدىن كەمتەرلىك،مىھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى.شۇنچە قىلساممۇ،ئاپتورلار بىلەن بىللە تاماق يېمەسلىك ئادىتىم بار ، دەپ تەكلىبىمىنى قەتئىي رەت قىلدى.شۇنىڭ بىلەن يول بويدىلا ئازىراق پىكىرلىشىپ قايىتتۇق.
     تۇيۇقسىز<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>. ژورنىلىدىن ئۇنىڭ ئىسمى غايىپ بولدى.شۇنداقلا ژورنالىنىڭ سۈپىتى كۈنسىرى تۆۋەنلەپ كەتتى.شۇندىلا قابىل مۇھەررىرنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.ۋە قۇربانكام مۇھەررلىكىدىكى مەزكۇر ژورنالىنى غايىبانە سېغىندىم.
    2014-يىلى ئوتتۇرسىدا <،شىنجاڭ ياشلىرى>>ژورنىلىنىڭ <<تەپەككۇر> ئالاھىدە سانى نەشىر قىلىنغانلىقىنى توردىن بىلدىم.بىرە ئايدىن كېيىن ژورنالىنى سېتىۋىلىپ مۇندەرىجە ئاستىدىكى <<ئىجرائىيە باش مۇھەررىر:قۇربان مامۇت>> دىگەن خەتلەر كۆزۈمگە بۆلەكچە ئىسسىق كۆرۈندى.ئۈستازنىڭ يەنە <<جەڭگاھ>> قا قايتىپ كەلگىنىدىن سۆيۈندۇم.ئوقۇماي تۇرۇپلا ژورنالىنىڭ كاتتا چىققانلىقىغا ئىشەندىم.
    ھالا بۈگۈنكى كۈندە <،تەپەككۇر>> ئىككى سان نەشىر قىلىندى.بىر بىردىن ئىسىل ماقالىلەر چىقتى.ئەڭ مۇھىمى يىڭى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر <<تەپەككۇر>>ژورنىلىنى كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن.مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىممۇ،<<ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن>> دېدىم.
     ئاخىرىدا ياشلىرىمىزنىڭ مەزكۇر ژورنالىنى بىر -بىرگە تەۋسىيە قىلشىنى، كىتاب ئوقۇش يىلىدا ئۆزىگە ھەمراھ قىلشىنى تەۋسىيە قىلمەن.ژورنال ئۈچۈن ئەجىر قىلغان بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ قابىل مۇھەررىر قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن.<<تەپەككۇر>>نىڭ كۆكتە تېخىمۇ پەرۋاز قىلشىنى،يامان كۆزلەرنىڭ تېگىپ كېتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن.                                                                        

ebutarik يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ ژورنالنىڭ بىرىنچى سانىنى مەنمۇ تولۇق كۆرۈپ چىققان، ھەقىقەتەن ئېسىل ماقالىلەر بار ئىدى. ئەپسۇسكى داۋامىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىم بولمىدى....

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ماڭىمۇ ياخشى تەسىر بەرگەن.
مۇنبەردىكى قېرىنداشلار تەسراتلىرىنى دەپ باقسا؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 16:41  

بۇ ژورنالنىڭ 2-سانىدىكى پاسئاننىڭ ماقالىسى يارىدى.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 16:48  

مەن سېتىۋېلىپ ئوقۇماپتىمەن. خالىدە ئاچام بىر ھېكايەم بار دېگەنىدى، ئۇنىمۇ ئوقۇماپتىمەن. ھازىر ئۇ ژۇرنالنى تاپالمايۋاتىمەن.

5819 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ ژۇرنال راسلا ئېسىل چىقىۋاتىدۇ.

hakan515 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ ژورنالغا قانداق مۇشتەرى بولغىلى بولىدۇ

zemindar يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 16:43 static/image/common/back.gif
مەن سېتىۋېلىپ ئوقۇماپتىمەن. خالىدە ئاچام بىر ھېكايەم ب ...

«تەپەككۇر« ژۇرنىلى ھازىرغىچە ئىككى سان چىقتى، بۇ ئىككى سان ژۇرنال چوڭ بازاردىكى «بۇلاق كىتابخانىسى»دا بار.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

يالىڭاياق دوختۇر
قۇربان مامۇت

كېسەللەرگە ياغار سىنىپىي مۇھەببەت،
ئىنقىلابنىڭ ئوتى يانغان دىلىدىن.
شىپا تاپتى قانچىلىغان گوڭشېچى،
ئۇنىڭ ئوتلۇق ئەجرىدىن مېھرىدىن.

ئونلاپ بوۋاق ئۇنىڭ ماھىر قولىدىن،
ھۆر ھاياتقا ئاچتى ئوماق كۆزىنى.
يىڭنىسىدىن تىلغا كىرگەن گاس گاچا
ماۋ جۇشى دەپ ئېيتتى تۇنجى سۆزىنى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

باھار جىلۋىسى.
قۇربان مامۇت
گوڭشىچىلار قولىدىن
نۇرلۇق داجەي يولىدىن
ئېتىزلارغا يېشىل تون
ياپقان گۈزەل ئاق ئۆستەڭ.


تۇغدۇردى ئۇ تالاي ئانىنى،
دۇنياغا كۆز ئاچتى كۆپ بوۋاق.
بۈگۈن ئاشۇ تاڭ غۇنچىلىرى
ماۋ جۇشى دەپ ئۆزلەيدۇ ئوماق.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 21:05  

ئىنتايىن سەبى ۋاقتلىرىم، ئىچكىرىدە ئوقۇپ، مۇساپىرچىلىقتا، جەمئيەتتىن ئايرىلغان ياشاش مۇھىتىدا بەكلا دۆت چوڭ بوپتىكەنمىز. تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ، قۇربان مامۇتنىڭ چېقىمىغا ئۇچراپ، ئۈرۈمچىدە تەقسىم قىلىنغان ئورۇنغا ئىشقا چۈشەلمەي يېرىم يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، ھاڭ تاڭ قاپتىكەنمەن.
دۇنيادا بۇ قەدەر زىيانداش ئادەملەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيىتتىم.
قىپ قىزىل ئوردا شائىرلىرىنى بارچە ئاق كۆڭۈل خەلقىمىزگە ئوخشاشلا توغرا چۈشىنەتتىم. ئەپۇ قىلاتتىم. لېكىن ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆيدۈرگۈگە ئوخشاشلا ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن نېرى تۇرۇشتىن باشقا ئامال يوقلىقىنى، يۇلۇقۇپلا قالسىڭىز بالاغا قالىدىغانلىقىڭىزنى ئاندىن ھېس قىلدىم.
شۇندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئەخلاقىغىمۇ ئەسىرىگە قاراپ باھا بېرىدىغان بولدۇم. مەن بۇ جەھەتتە خاتالاشمىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
ئوردا شائىرلىقىنى قىلغۇچى ھۆكۈمررانلارنى ئالداپ قويغانمۇ بولسۇن، شۇ قەدەر زور بىر دۆلەت ماشىنىسىنى ئالداۋاتقان يەردە، سىزدەك بىر ئادەمنى ئالدىماسلىقىغا، يالغانچى ئەمەسلىكىگە قانداق ئىشىنىسىز.
ئوردا شائىرلىقىنى قىلغۇچى مەيلى ئوتتۇز يىل بۇرۇن قىلغان بولسۇن ياكى قىرىق يىل بۇرۇن قىلغان بولسۇن، بۇنداق ئادەملەرنىڭ سىزنى ئورىغا ئىتتىرىش كويىدىلا يۈرىيدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنسىڭىز بولىدۇ.

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئىدىلۆگىيە كۇرىشى  .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مەن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ياقتۇراتتىم شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى،تەپەككۇرۇم پىشىپ يېتىلگەنسېرى كۆرمەيدىغانلا بولدۇم
ئەقلىيەچى دېھقان كاسىپ ئاپتورلارنىڭ مەشھۇر ئەقلىيە سۆزلىرى،بىر تەرەپلىمە ماقالىلار،تەرەققىياتقا يېڭىلىققا قارشى مۇقاملار…
بۇ ئاكىنىمۇ قوشۇپ بىراقلا ياقتۇرمىدىم ئۇ يورنالنى…

ghazi يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەمەلىيەتتە پەرھات ئەپەندى دىگەندەك تۈمەنلىگەن ساۋادى تۈۋەن ئۇيغۇرلار قۇربان مامۇتنى ياقتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئالدىنىشقا رازى.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنى ئوقۇپ ئامېرىكىغا، غەربكە ئۆچ بوپ قالغانلارمۇ خېلى بار جۇمۇ.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مەن شەخسەن، كۆپ قىسىم يازغۇچىلارنى بەك ئۇلۇغلاپمۇ كەتمەي، ئەيبىنى كوچىلاپ پەسمۇ كۆرمەي، ئاددى ئادەم سۈپىتىدە كۆرىمەن،  ياقتۇرسام ئەسەرلىرىنى ئوقۇيمەن، سېتىۋالىمەن، ياقتۇرمىسام ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايمەن، سېتىۋالمايمەن، مېنىڭ قوللىشىم مانا شۇنداق ئاددى.
ئۇلار مەيلى بۇرۇن ياخشى يېزىپ، ھازىر ناچار يازىدىغان بولسۇن ياكى ھازىر ياخشى يېزىپ ، بۇرۇن ناچار يازغان بولسۇن ئىككىسى ئىككى ئىش،  بىر ھۈنەرۋەننىڭ ياسىغان ھەممە نەرسىسى ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ، خىرىدار پەقەت ياخشىسىنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ، ھەم بۇرۇن ناچار بىر نەرسە ياسايتى دەپ ئەيىبلەپمۇ كەتمەيدۇ .  شۇڭا قېرىنداشلار مەدەنىيەت ئىنقىلابى قوزغاپ، يازغۇچىلارنى پىپەن قىلىدىغان ئىشنى توختاتساق .   

aqturk يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

موللا مۈشۈككام كۆرسەتكەن ئاۋۇ شىئىرلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم ، راستىنلا قۇربانكام يازغانمىدۇ ؟ مەن بىر چاغلاردا « شىنجاڭ مەدەنىيتى » نىڭ مەستانىسى ئىدىم .

ghazi يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:32 static/image/common/back.gif
ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىدىن، دۆتلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان  ...

ئۇلۇغ ئاللاھ ئەقلىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن! تەكەببۇرلۇق، مۇغەمبەرلىك پەردىللىرىنى كۆتۈرۈۋەتسۇن!

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

hakan515 يوللىغان ۋاقتى  2015-03-13 18:03:43 static/image/common/back.gif
بۇ ژورنالغا قانداق مۇشتەرى بولغىلى بولىدۇ
بۇ ژۇرنالغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۈرۈمچى  بۇلاق كىتاپخانسى توپ - پارچە تارقىتىدۇ . ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيىنىڭ قېشىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىدا ساتىدۇ.

moltoshey يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

قەدىرلەشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ
بەت: [1] 2 3
: قۇربان مامۇت ۋە‹‹ تەپەككۇر›› ژورنىلى