esiyan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 09:12:13

راس گەپنى قىلغاندا  ژورنال ئ‍وقوپ باقمىغىلى ئ‍ۇزۇن بوپتۇ،شەخسى پىكىرىم شىنجاڭ مەدىنىيىتى قۇربان مامۇت بار ۋاقتىدىمۇ بىر پاتمان گەپ دۆۋۋىسىدىن ھاسىل بولغان مەشىق دەپتىرىلا ئ‍ىدى خالاس،بۇ ژورنالغا قارىغاندا تەڭرىتاغ ژورنىلى ھەر ھالدا ھەر ھالدا بوپ قالىدۇ،،

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 09:25:35

beliver يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 08:51 static/image/common/back.gif
موللا مۈشۈككا، سىز ياقتۇرىدىغان بىرەر ئەدىب بارمۇ؟؟!

جىق.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 09:34:31

بىر خوشخەۋەرنى دەپ قوياي راست.
دوستۇم ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلار توپلىمى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە نەشر قىلىنىپتۇ.
يەنە يېقىندا ئىسپانچىسى نەشىر قىلىنىدىكەن.
بىز مانا مۇشۇنداق شائىرلىرىمىزدىن پەخىرلەنسەك بولىدۇ.

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 09:34:40

كىچىك چاغلىرىمدا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ،باش كۆتەمەي كىتاپ ئ‍وقاتتىم،بۇ يازغۇچىلار قالتىس تۇيۇلاتتى،چەتئ‍ەل يازغۇچىلىرنىڭ ئ‍ەسەرلىرى بىلەن سىلشتۇرۇپ،بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزدا نىمىدۇ بىر نەرسە كامدەكلا ھېس قىلاتتىم،چەتئ‍ەل يازغۇچىسى ئ‍ىمىل زولانىڭ بىر يەھۇدى سودىگەر ئ‍ۇچۇن ھەقنى ياقىلاپ چىققان ئ‍ىشلىرى سەبى قەلبىمنى لەرزىگە سالغان ئ‍ىدى،بىزنىڭ يازارمەنلىرىمىزنىمۇ شۇنداق بۇيۇك ئ‍ويلايتىم،چوڭ بولدۇق ئ‍وزەم ئ‍ەسەرلىرىنى چوڭ بىلگەن نەچچە يازار بىلەن سورۇنلىرىدا بىللە بوپ،شۇنداق سەسكەندىمكى ،شۇندىن بېرى بۇ نىقاپلىق نامدارلارغا  خەق قانچە ماختىسۇن،ھە دەپلا قويىدىغان بولدۇم، مۇشۇ دەۋىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئ‍ىچىدە پەرھاتكام ئ‍ەڭ جىق زىيانكەشلىككە ئ‍ۇچىرىغان كىشى،پەرھاتكامنىڭ رەنجىشى ھەق،،بۇ يەردە نۇرغۇن سۆز قىسقارتىلدى............خۇلاسەم بىزدە ئ‍ىككى يۇزلۇك ئ‍ادەملەر توپى غەلبە قىلىغلىق،

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 10:11:34

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى قۇربان مامۇت ئەپەندىنىڭ ئەجىر سىڭدۈرىشى بىلەن ئاممىغا يۈزلەنگەن،ئامما قوللىغان ئۇيغۇر مەتبۇئات ساھەسىدىكى سەركە ژورنالغا ئايلانغان.بۇنداق دىيىشىمدە مەزكۇر ژورنالنىڭ تراژى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان،يەنە كېلىپ بۇ ژورنال ھېچقانداق ئېلان-تەشۋىقات قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئامما ئۆز رايى بىلەن سېتىۋېلىپ ئوقىغان،ئەمدى بەزىلەر ئېيتقاندەك بۇ ژورنالدىكى سۈپەتسىز ئەسەرلەرگە كەلسەك سان كۆپىيىپ مۇئەييەن چەككە يەتكەندە ئاندىن سۈپەت مەسىلىسى پەيدا بولىدۇ،بەلكىم باشلانغۇچ ھالەتتىكى ئاپتۇرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا يۇقىرى تەلەپلەر قويۇلمىغان بولۇشى مۇمكىن،لېكىن ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئابلەت ئابدۇرەشىد بەرقى،ئابدۇرېھىم دۆلەت،يۇسۇپجان سەمەت قاتارلىق  مۇتەپەككۇرلارنىڭ ماقالىسىمۇ مۇشۇ ژورنالدا ئېلان قىلىناتتى،ئەگەر ئۇلار بۇ ژورنالنى سۈپەتسىز ھېس قىلسا ئىدى ئەسەرلىرىنى ھەرگىز بۇ ژورنالغا بەرمىگەن بولاتتى،ژورنالنىڭ مۇھەررىرلەر تىزىملىكىدە قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ئىسمى كۆرۈنمىگەندىن باشلاپ بۇ ژورنال سۈپەتتىن راستلا چۈشۈپ كەتتى.يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان تەپەككۈر ژورنىلىدىن شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ ئەينى يىللاردىكى سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئەمدى پەرھاتكامنىڭ پىكىرىگە كەلسەم شۇ ۋاقىتتىكى قىسمەتلىرىڭىزگە ھېسىداشلىق قىلىمەن،ئۇيغۇر ئۈچۈن قۇربان مامۇت ئاكىمۇ لازىم،سىز پەرھات تۇرسۇنمۇ لازىم.دۇنيادا پەيغەمبىرىمىزدىن باشقا100% لىك ساپ ئادەم مەۋجۇد ئەمەسكەن،بەزى ئىشلارغا توخۇنىڭ نىجاسىتىنى چوڭقۇر كۆمىۋېتىپ ئۇنىڭ تۇخۇمىدىن پايدىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلساق ھەممىمىزگە ياخشى دەپ ئويلايمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 10:13:10

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 09:34 static/image/common/back.gif
بىر خوشخەۋەرنى دەپ قوياي راست.
دوستۇم ئەخمەتجان ئوسمان ...

ئىزدىسەم بىردىلا چىقتى:handshake
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.
شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى چۈشەنمەكمۇ ماڭا خېلى تەس كىلىدۇ.:lol
ياپۇنچىسىنى ئازراق ئوقۇپ بېقىپ بولدى قىلىشنى قارار قىلدىم:lol

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 10:14:10

كىتابنىڭ رەسىمى بولسىمۇ يوللىڭە، كۆرۈپ باقىلى... :lol

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 10:15:57

مۇنداقلا سورىدىم، ئەپسىز بولسا يوللىماڭ... :lol

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 10:17:06

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 09:25 static/image/common/back.gif
جىق.

ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ،سىز ياقتۇرىدىغان يازغۇچىلارنى دەپ بىرىڭە،ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ باقايلى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 10:40:19

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 10:15 static/image/common/back.gif
مۇنداقلا سورىدىم، ئەپسىز بولسا يوللىماڭ...

ماڭا دىگەنما؟
ئىنكاسنى ئوقىغىنىمدا يوللىمايدىغان بولۇپ بوپتىمەنغۇ:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 10:41:10

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 10:17 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ،سىز ياقتۇرىدىغان يازغ ...

34-قەۋەت

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 10:46:47

ئېنگىلىزچە،ياپۇنچە ئىسپانچە ئىكەنيا:(

311 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 15:22:26

311 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 15:28:39

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 15:34:23

311 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 10:28 static/image/common/back.gif
بۇنىڭدىن 15يىللار ئىلگىرىغۇ دەيمەن. مۇشۇ جورنالدىن بىر ...

:lol

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 15:54:09

مەن ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرنال ۋە ھەر قايسى نەشرىيات تەھرىر بۆلۈملىرىدىكى مۇھەررىرلەرنىڭ ئىچىدە بىردىنبىر ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم-قۇربان مامۇت!

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 17:36:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 18:06  

خۇنەنجىلەرگە بولۇپ بەرمىسۇن...

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 19:54:33

311 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 15:28 static/image/common/back.gif
بۇنىڭدىن 15يىللار ئىلگىرىغۇ دەيمەن. مۇشۇ جورنالدىن بىر ...

ئالامەت قىزىق ئىنكاسكەن ماۋۇ.:lol
.بۇرۇن كىچىك چاغلاردا مۇشۇ ژورنالنى قاتتىق ئىخلاس بىلەن ئوقۇيتۇم،مۇشۇ كىتاپتىكى ،ھىكمەتلىك گەپلەر، ماقالىلەرنىڭ تەسىرىدە ،ئەخمەقلەرچە ياشاپ خېللى بۇنۇمغا يىگەن مەنمۇ .ھازىر غەرىپ جاھانگارلىرىنىڭ ئىدىيىسىدە ياشاۋاتىمەن .

311 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 21:07:53

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 22:58:08

شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ نۇرمۇھەممەد توختى يازغان  ‹ خوتەن مەدھىيەسى› ناملىق ئەسىرىنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىغا ھۆرمىتىم بار. ئاشۇ ئەسەرنى ئوقۇمىغانلارغا بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بەت: 1 [2] 3 4 5 6
: قۇربان مامۇت ۋە‹‹ تەپەككۇر›› ژورنىلى