kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

[خەتلىك فىلىم] ئولىۋېر تۋىست



فىلىم نامى: ئولىۋېر تۋىست
ئەسلى نامى: Oliver Twist
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2005-يىلى
دۆلىتى: ئەنگىلىيە / چېخ / فرانسىيە / ئىتالىيە
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 6.9
رازمىرى: 480*854 / 720*1280 / 1080*1920
چوڭلىقى: 3.39G / 2.3G / 1.21G
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:09:59
رېژىسسور: Roman Polanski
باش روللاردا: Barney Clark, Ben Kingsley, Jeremy Swift

فىلىم ھەققىدە:
بۇ فىلىم ئەنگلىيەلىك يازغۇچى چارلىز دىككېنسېننىڭ 1838-يىلدىكى شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن.
ئولىۋېر تۋىست يېتىم بالا بولۇپ، ئۇنى دىنىي جەمئىيەت بېقىۋېلىپ چوڭ قىلغان ئىدى، ئۇ 9 يېشىدا بالا ئىشلەمچىلەر زاۋۇتىغا ئاپىرىۋېتىلىدۇ، كېيىن جەسەت ساندۇقى دۇكىنىغا شاگىرتلىققا سېتىۋېتىلىپ، كۆپ قېتىم بوزەك قىلىنىدۇ. ئولىۋېر بۇيەردىن قېچىپ چىقىپ، 70 مىل يول يۈرۈپ لوندونغا كېلىدۇ ۋە ئوغرى "زېرەكچاق" بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، يەھۇدىي بوۋاي فەگىننىڭ ئوغرىلىق شايكىسىغا قوشۇۋېلىنىدۇ.
ئولىۋېر تۇنجى قېتىم ئوغرىلىققا چىققان كۈنى، بروۋنلوۋ ئەپەندىنىڭ قولياغلىقىنى ئوغرىلىغان دەپ خاتا تونۇپ قېلىنىپ، كوچىدىلا ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ. ئەمما ياخشى نىيەتلىك بروۋنلوۋ ئەپەندى ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ بېقىۋالىدۇ. بىر كۈنى ئۇ بروۋنلوۋ ئەپەندىگە ياردەم قىلىۋاتقان يولدا، فەگىن بىلەن كەسىپداش بولغان بىل ئۇنى تۇتۇپ كېتىپ، ئۆزى ۋە توبىغا ياردەملىشىپ بروۋنلوۋ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا چۈشۈشكە قىستايدۇ. بىراق كىچىك ئولىۋېرنىڭ بۇنداق قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ ھەمدە بىل تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلىپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ...

كەسمە رەسىملەر:


















بۇ بەتكە كىرىپ، شۈنلېيدىن، بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن ياكى Letv بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

emiran يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

رەخمەت مەن بىرىنجى بوپتىمە چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمسە

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بىر گەپنى مۇششۇ يەردىلا دەۋالاي ...................

كىچىك ۋاقتمىزدا يۇگۈسلاۋىيەنىڭ -كۆۋرۈك ، ۋولتىرنىڭ سارايۋۇنى قۇغدىشى ، قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر  دىگەن كىنۇلىرىنى ،
پاكىستاننىڭ مىراسخور ، مىھر شەپقەت ، تاشيۈرۈك ، ئەرشتىن كەلگەن مىھمان دىگەن كىنۇلىرىنى ........
سىنگاپورنىڭ ئىنتىلىش ، تۈرمدىكى غەزەپ ، ئالماس بىلەن ئۆتكەن ھايات دىگەن تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەن ئىدۇق .

يىقىنقى 10 يىلىنىڭ ياقى بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى يا كىنولىرىنى كۈرۈپ باقماپتىمەن ، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ كىنۇچىلىق ئىشلىرىغا نىمە بولدى ؟ كىنۇ تىلۋىزيە تىياترى ئىشلەشنى توختاتتىمۇ ياكى كىنۇلىرى شىنجاڭغا كىلىپ بۇلالمايۋاتامدۇ ؟ يا مەن بىلمەي قالدىممۇ ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 16:30 static/image/common/back.gif
بىر گەپنى مۇششۇ يەردىلا دەۋالاي ...................

كىچىك ۋاقت ...

ۋالتىر... ، جېرىكو، قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر ، كۆۋرۈك دىگەندەك كىنولاردىكى فىئودال ئىدىيىلەر  ياشلارنى زەھەرلەپ قويمىسۇن دىگەندۇ ;P

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بەك خۇش بولدۇم، ئالدىنقى ھەپتىلەردە تېخى «تۇمانلىق شەھەردىكى يېتىم بالا»-يەنى ئولىۋېر تىۋېستنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى دېككىنىسنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغان، ئەمدى كىنوسىنى كۆرىدىغان بولدۇم.  بولسا «ئىككى شەھەر ھەققىدە قىسسە»نىمۇ تەرجىمە قىلساڭلار...
«تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت»نى داۋاملىق كۈتىمەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

سۈزۈكلۈك دەرىجىسىمۇ يۇقىرىدەك قىلىدۇ..

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ روماندا ماڭا نانسىنىڭ سەرگۈزەشتىسىمۇ بەك تەسىر قىلغان... بىچارىنى بەك ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 16:30 static/image/common/back.gif
بىر گەپنى مۇششۇ يەردىلا دەۋالاي ...................

كىچىك ۋاقت ...

مىراسخورنى كۆرسىڭىز بۇلىدۇ، قالغىنى ئەخلەت

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 16:39 static/image/common/back.gif
بەك خۇش بولدۇم، ئالدىنقى ھەپتىلەردە تېخى «تۇمانلىق شە ...

«تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» نىڭ تەرجىمىسى تۈگىدى، تەييارلىنىۋاتىدۇ، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىمىز.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

نېمانداق ياخشى... {:112:}{:112:}

Alisher يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Alisher تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 19:41  

كۆرۈپ بولغانلار   تەسىراتىڭلارنى ئورتاقلاشمامسىلەر  

udun007 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

letv 云盘 نىڭ كومپىيۇتىر نۇسخىسى يوقمۇ؟

يانفۇن نۇسخىسى نورمال، لىكىن كومپىيۇتىر نۇسخىسى يوق. چۈشۈرسەم TV نۇسخىسىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

تور بىكىتىڭلاردا  تۈركىينىڭ بىر كىنوسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقاپ كىتىپتۇ.
چۈشۈرەلمىدىم.

boran120 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

    بالا ۋاقتىمدا بىر قېتىم كۆرگەن . دىسەم ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈشتە ‹‹ماركو روشى ›› دىنمۇ ئىشىپ چۈشىدۇ.ھەقىقتەن ئىسىل فىلىم.كىيىن بۇنىڭ دىراممىسى، ناخشا - ئۇسۇللۇقى يەنە بىر قاندىقى ئىشلەندى . شۇندىمۇ مۇشۇ فىلىمگە يىتىدىغىنى يوق.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 19:49 static/image/common/back.gif
letv 云盘 نىڭ كومپىيۇتىر نۇسخىسى يوقمۇ؟

يانفۇن نۇسخىسى ...

PC نۇسخىسى بار، چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://cloud.letv.com/static/r.php?a=plw&t=5

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 19:53 static/image/common/back.gif
تور بىكىتىڭلاردا  تۈركىينىڭ بىر كىنوسىنىڭ چۈشۈرۈش ئاد ...

قايسى فىلىمنىڭ؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

http://kowruk.cn/?a=show&id=828

mohsin يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

« چالېقۇشى » نىڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق نۇسخىسىمۇ يوققۇ  تور بېتىڭلاردا ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 16:30 static/image/common/back.gif
بىر گەپنى مۇششۇ يەردىلا دەۋالاي ...................

كىچىك ۋاقت ...

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشىنى تەھلىل قىلسىڭىز سۇئالىڭىزنىڭ جاۋۋابىنى تاپالايسىز .
يۇگسىلۋاگىيە، شەرقى گىرمانىيە ھازىر يوق .
پاكىستان ، چاۋشەننىڭ فىلىملىرى دىپلۇماتتىك مۇناسىۋەتنىڭ نەتىجسى .
سىنگاپۇرنىڭ كىنوسى ،سىنگاپۇرنىڭ مالايسىيادىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنىڭ نەتىجىسى .
ھازىر قويۇلىۋاتقىنى 92-يىلى كۆرىيە بىلەن دىپلۇماتتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كىيىنكى كۆرىيە تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە مۇناسىۋەت ياخشىلانغاندىن كىيىنكى ھىندىستان ھىكايە فىلىملىرى .

kawsar0202 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:36

مېنىڭ كۆرگىنىم باشقا نۇسخىسى ئوخشىمامدۇ؟  ئوخشاش فىلىم كۆرنۈشلەر سەل پەرىقلىقتەك تۇردۇ. قارغاندا باشقا نۇسخىسىمۇ باركەن.
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] ئولىۋېر تۋىست