hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 11:02:58

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 21:55 static/image/common/back.gif
قايسى فىلىمنىڭ؟

شەپەرەڭ پالۋان تېخى پۈتمىدىمۇ؟ پىلان جەدىۋېلىڭلاردا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق لېكىن كىنو تىزىملىكىدە تۇرىدۇ؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 12:04:45

پۈتۈپ ئېلان قىلىنىپ بولدى، ئۇنىڭ پۈتكەن تەييار خېتىنى باشقىلار تەمىنلەپ بەرگەچكە، تاماملانغان ۋاقتى يېزىلمىغان.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 12:35:27

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 23:55 static/image/common/back.gif
قايسى فىلىمنىڭ؟


Fakat Müzeyyen Bu Derin Bir Tutku

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 10:42:04

ئامېركىلىق مەرگەن دىگەن فىلىم چىقامدۇ ياكى پىلاندا يوقمۇ ؟
مۇمكىن بولسا پىلانىڭلاردىكى فىلىمدىن تور بېتىڭلاردا ئېلان قىلىپ بىزنىمۇ خەۋەردار قىلىپقويساڭلار پىلانىڭلاردىكى فىلىمنىڭ باشقا يېزىقتىكىسىنى كۆرمەي تۇرساق بەك ياخشى بولاركەنتۇق  .

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 12:55:18

بۇ پىكىر ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. بولسا بىرەر ئايلىق پىلانىڭلارنى چىقىرىپ قويساڭلار بىز باشقا تىلدىكىسىنى كۆرمەي ساقلاپ تۇرساق ياخشى بولىتى.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 14:35:46

asalam يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 10:42 static/image/common/back.gif
ئامېركىلىق مەرگەن دىگەن فىلىم چىقامدۇ ياكى پىلاندا يو ...

بۇ فىلىمنى تېخى پىلانغا ئالمىدۇق.
پىلانىمىزدىكى فىلىملەرنى ماۋۇ يەردىن كۆرەلەيسىز:
http://kowruk.cn/?a=about&id=56

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 14:42:14

hanjar01 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 12:55 static/image/common/back.gif
بۇ پىكىر ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. بولسا بىرەر ئايلىق پىلا ...

پىلانغا ئېلىپ قويۇپ قىلىپ بولالمىساق ياخشى بولمىغۇدەك دەپ ئويلاپ، تەرجىمانلارغا تاپشۇرغان فىلىملەرنىلا چىقىرىپ تۇرۇۋاتقان، ئەمما تەرجىمە قىلىشنى پىلان قىلغان ئەمما تاپشۇرمىغان فىلىملەرنىمۇ ئېلان قىلىپ قويساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 22:26:44

ئەمدى كۆرۈپ بولدۇم،ھەقىقەتەن ئىسىل فىلىمكەن.
Please sir,i want  some more ,مۇشۇ بىر ئىغىر گەپ ئولىۋىرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى دىيىشكە بولىدىكەن،مەينەت كوچىلار،تۇمان باسقان لوندۇن،نەنسىنىڭ ئۆلىمى،سوغۇق چىرايلار.لىكىن ئولىۋىر تەلەيلىككەن يەنىلا.
مەن بارغانسىرى مۇشۇنداق ئىغىر فىلىملەرگە ئامراق بولۇپ قىلىۋاتقان ئوخشايمەن،نۇرى بىلگە جەيلان سودا فىلىملىرى ناھايىتى تىزلا ئۇنۇتۇلۇپ كىتىدۇ ،سەنئەت فىلىملىرى ئۇنتۇلمايدۇ دەپتىكەن،مۇشۇنداق فىلىملەرنىڭ ئادەمگە تەسىرى چوڭقۇر بولىدىكەن، ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن،ئاسان ئۇنتۇلمايدىكەن.

pusat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 11:11:02

ماۋۇ كىنونى تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىپ باققان بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى
ئېنگىلىزچە نامى : The Cobbler
خەنزۇچە نامى: 鞋匠人生

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 20:48:52

بەك ھۇزۇرلىنىپ كۆردۈم. رەھمەت.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 22:52:38

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 20:48 static/image/common/back.gif
بەك ھۇزۇرلىنىپ كۆردۈم. رەھمەت.

مەن فىلىمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويدۇم ،  كىتابنى تېخى ئوقۇمىدىم ،  سىزچە كىتابنى ئاۋال ئوقۇيمۇ ، ياكى فىلىمنى ئاۋال كۆرەيمۇ ؟

ئەسلى ئەسەرگە نىسبەتەن ، سىزچە فىلىم قانداقراق چىقىپتۇ  ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 23:35:27

5ياشلىق قىزىم تاماق ئاشۇرۇپ قويمايدىغان بولدى بۇنى كۆرۈپ…ياندىن بايان قىلىپ زىرىكمىگەننىڭ پايدىسى ماۋۇ…ھى ھى

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 08:33:03

مۇشۇ چەتئەلنىڭ كىچىك بالىلار رول ئالغان فىلىملەرنى كۆرسەم ئۇلارنىڭ رول ئېلىش ، خارەكتېر يارىتىش قابىلىيىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 09:38:49

دىككىنىسنىڭ يانابىر ئەسىرى بۇلدىغان ،زۇلمەتلىك دۇنيا دەپ  ۋاقتىڭلا  بۇلسا  شۇنىمۇ  تەرجىمە قىلۋەتسەڭلا بەك ياخشى بۇلاتتى، مۇشۇ يازغۇچىنىڭ ئۇزى  تۇغرۇلۇق مەلۇمات بۇلسا بىلدىغانلا يۇللىۋەتسەڭلا ،بەك تەسىرلىككەن يازغان ئەسەلىرىنىڭ ھىممىسى .

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:29:24

چارلىز دىككىنىسنىڭ ئەسىرىمۇ بۇ؟ «قوش شەھەر ھەققىدە قىسسە» دىگەننى ئۇقىغان، ناھايىتى ياخشى ئەسەركەنتۇق. قارىغاندا بۇمۇ چۇقۇم ياخشى ئەسەردىن ئىشلەنگەن كىنو

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:03:55

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 22:52 static/image/common/back.gif
مەن فىلىمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويدۇم ،  كىتابنى تېخى ئوقۇمىدى ...

فىلىم بەزى پېرسوناژلارنى قىسقارتقاننى دېمىگەندەك بەك ئېسىل ئىشلىنىپتۇ،  مېنىڭچە يەنىلا ئاۋۋال كىتابىنى ئوقۇڭ... بولمىسا، ھېساب بولۇپ قېلىپ ئوقۇش خوشياقمايدۇ. كىتابى پۈتۈن جىسمى بولسا، كىنو پەقەت سۆڭىكى...

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:16:03

uzakyul يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 09:38 static/image/common/back.gif
دىككىنىسنىڭ يانابىر ئەسىرى بۇلدىغان ،زۇلمەتلىك دۇنيا  ...

دېككىنىسنىڭ سىز دىگەن ئۇ فىلىمى « خارلانغانلار » دىگەن نامدا بىر - ئىككى يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرچە خەتلىك تارقىتىلغان . ئاقبۈركۈت تورىدا .

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 20:00:04

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 19:16 static/image/common/back.gif
دېككىنىسنىڭ سىز دىگەن ئۇ فىلىمى « خارلانغانلار » دىگە ...

مىنىڭ دىگىنىم ئۇپىرا نۇسىخىسىدىكى،  بىر قىزنىڭ ئازاپ- ئۇقۇبەتلىك تۇرمۇشى تەسىۋىرلەنگەن، سىز دىگىنىمۇ شۇممۇ؟بەك ئىچىنىشلىق دۇنيادا پەقەت ياخشى ئادەم يۇقتەك.شۇنداقلا ئاپتۇر تۇغرۇلۇق بىر نەرسە بىلسىڭىز تەمىنلىسىڭىز بۇپتىكەن ،ئۇنىڭ باللىقتۇرمۇشى بىلەن ئەسەرلىرنىڭ مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟ئاۋارە قىلدىغان بۇلدۇم ، رەخمەت.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 20:08:55

uzakyul يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 20:00 static/image/common/back.gif
مىنىڭ دىگىنىم ئۇپىرا نۇسىخىسىدىكى،  بىر قىزنىڭ ئازاپ- ...

ۋىكتور ھيۇگونىڭ ئەسىرى ئۇ.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 20:42:15

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 20:08 static/image/common/back.gif
ۋىكتور ھيۇگونىڭ ئەسىرى ئۇ.

زۇلمەتلىك دۇنيا ، ھىيۇگۇنىڭ ئەسىرىمۇ ياكى خارلانغانلارمۇ؟مەن خارلانغانلارنى ھىيۇگۇنىڭ ئەسىرى دەپ بىلدىكەنمەن.
بەت: 1 [2] 3
: [خەتلىك فىلىم] ئولىۋېر تۋىست