rose16 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھامىلدار مەزگىلدىكى خامۇشلۇق كېسىلىدىن ياردەم

خامۇشلۇق كېسىلى دېگەن گەپ ماڭا بۇرۇندىن قورقۇنۇچلۇق ئاڭلىناتتى. يېقىندىن بۇيان ئۆزەمدە شۇ خىل كېسەل بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالدىم. ھامىلدار بولغىلى 6 ئايدىن ئاشتى. ئالدىنقى ھامىلدارلىق تارىخىمدا بۇنداق ھېس قىلىپ باقمىغان. بۇ قېتىم ئەنسىرەپ قالدىم. خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى مەندە باركەن. بۇ كېسەلنىڭ ئائىلەم ۋە ئائىلە ئەزالىرىمىغا بولغان يامان تەسىرىدىن بەكرەك ھامىلىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.. ئازابلىق يېرى بۇنى ھېچكىم كېسەللىك دېمەي مىجەزى ئوساللىشىپ كەتتى، ئۆزگىرىپ كەتتى دەپ قارايدىكەن... ئىزدىنىشتىكى خانىملارنىڭ مۇشۇنداق بىر تارىخى بوپ باققانمۇ؟ يا بۇنى كېسەللىك دەپ قارىمامدۇق؟ مەن ئۆزەمدىكى ئالامەتلەرنى توردىكى تەپسىلاتلارغا سېلىشتۇرۇپ دەپ باقاي:
1.كەيپىياتى داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.(بۇ مەندە باركەن)
2.ھېچنىمىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ( بۇ مەندە نىسبەتەن بار، بۇرۇن قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ئىشلارغىمۇ خوشال بولمايدىغان بولۇپ قالدىم)
3.ئۇيقۇسى تەرتىپسىز( بۇ مەندە بار، بەزى كۈنلىرى كېچىدە بىر ئويغىنىپ كەتسەم تاڭغا ئۇلىشىمەن. بەزى كۈنلىرى بالدۇر ئۇخلاپمۇ ئەتىسى پەقەت ئۇيقۇمغا قانمىغاندەك تۇرىمەن)
4.ئاسان چارچايدۇ، ئىچى سىقىلىدۇ(بۇمۇ مەندە باركەن)
5.قەدىر قىممەت قارىشى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. كىچىككىنە ئىشنىمۇ چوڭ خاتالىق دەپ ساناپ، ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ.(مەنمۇ شۇنداق)
قوشۇمچە: قاپىقىم بەك ئېغىر، كۆزۈم يۇمۇلۇپ كېتىپ بارغاندەك ھېس قىلىمەن پات پات.
بۇنىڭ سەۋەبىنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئېرسىيەت، ئادەتتىن تاشقىرى ھادىسىلەر، تۇرمۇشتىكى ئازابلىق ئۆتمۈشى بىلەن باغلىۋېلىش دېگەندەك گەپلەرنى دەپتۇ. مەن ئۆزەمنىڭ ئەھۋالىنى بۇ سەۋەبلەرگە تازا باغلىيالمىدىم.
ئاخىرىدا تەجىرىبىسى بارلارنىڭ مەسلىھەتىنى كۈتىمەن. بىر كۈن بولسىمۇ خوشالراق ياشىغۇم بار.  گەپ قىلىشمۇ جىق خوشياقمايدىغان، دېگۈم بار گەپلەرنىمۇ نېمە پايدىسى دەپ دېمەي ئولتۇرۋېلىپ بارىمەن. ئىرادەم بەك ئاجىزمۇ يا مەندىكى كېسەل ئېغىرمۇ بىلمىدىم...
مەن پايدىلانغان تور بەتلەر:
http://baby.familydoctor.com.cn/a/201305/446857.html
http://zhongyi.ifeng.com/yiyuzheng/yyzdbx/290992.shtml

419 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

mastura يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

سىزدە بولۇۋاتقان ئىپادىلەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەندە ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك كۆرۈلگەن نورمال ھادىسە. سىز خوشال بولسىڭىز بولىدىغان بىر ئىش، بەدىنىڭىزدىكى ھورمون دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بالىڭىزنىڭ ساغلام يېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
سىز بۇنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى دەپ ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ بىئارام قىلماڭ. ئادەتتە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، قىلسىڭىز كەيپىياتىڭىز ياخشى بولىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ كۆرۈپ دىققىتىڭىزنى شۇ ئىشلارغا بۇراڭ. بالىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بوۋاقلارغا دائىر كىتاب ئوقۇڭ، بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ، قالايمىقان خىيال قىلماڭ. بىز ئاياللار بالىمىز تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى دۇنيادا ئېرىمىزنىڭ باشقا ئىنسان يوقتەك قىلىپ كېتىمىز، ئۇلار بىر كۈلۈپ قويسا يايراپ، بىر خاپىلاپ قويسا پۈتۈن دۇنيانى ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋازدەك تۈگىشىپلا كېتىمىز، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە. لېكىن بۇ سىزنىڭ ئەڭ قەيسەر بولىدىغان ۋاقتىڭىز، ھازىردىن باشلاپ زىممىڭىزدە ئاجايىپ ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ، بالىڭىزنىڭ دۇنيادا ئەڭ يېقىن ئادىمى سىز ئىكەنلىكىڭىزنى، دۇنيادا سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىنساننىڭ قورسىقىڭىزدىكى بالىڭىز ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ تۇرۇڭ. بەك ئاچچىق، بەك تاتلىق، ھورمۇنلۇق يېمەكلىكلەردىن نېرى تۇرۇڭ.
ئاندىن سىزنىڭ بايانلىرىڭىزدىن سىزدە ۋىتامىن كەمچىلدەك ھېس قىلدىم، ھامىلىدارلار ۋىتامىنى ئىستېمال قىلىۋاتامسىز؟
ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە سېزىكىڭىز قانداقراق بولغانتى؟

rose16 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

تەكلىپلىرىڭىزگە رەھمەت. 4ئاي بولغاندا ۋىتامىندىن بىر قۇتا يەپ بولدى قىلدىم. كېيىن كالتىسىي تولۇقلىغان. ھازىر ۋىتامىن يىمەيۋاتىمەن. سېزىكىم 4 ئايغىچە سەل قاتتىق بولغان. كېيىن ئوڭشىلىپ كەتكەنتىم. ئىلگىرىكى بالامدا سېزىكىم قاتتىقتى. ئەمما ماندا پاسسىپ كەيپىياتتا بوپ باقمىغان. ما قېتىم باشقىچىرەك ھېس قىلىپ قالدىم. راس دەيسىز يولدىشمىزنىڭ كەيپىياتىمۇ بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بارغانچە تاشلىنىپ قېلىنىۋاتقاندەك. بىچارە بوپ قالغاندەك... خامۇشلۇق دېگەن تېخى بىر يېقمسز گەپكەن دەڭە، ئادەمنى بىر قسما قىلىپ

mastura يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ۋىتامىن تولۇقلاشنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇڭ. ھامىلىدارلىق ۋىتامىنى ئىچىدىكى ب تىپلىق ۋىتامىنلار ئۇيقۇ كەملىك ۋە چارچاش ھالەتلىرىڭىزنى يوقىتىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. بالىڭىزنىڭ نورمال يېتىلىشى ئۈچۈن ئاۋۇ خامۇشلۇق دېگەن گەپنى 100% كاللىڭىزدىن چىقىرىۋېتىپ، ئوزۇقلۇققا ۋە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ. دوستلىرىڭىز بىلەن سىرتلارغا چىقىڭ، ئىچىڭىز پۇشۇپ قالسا ماڭا ئۇچۇر قىلىڭ، ۋېيشىنغا قوشۇۋېلىپ ناخشا ئېيتىپ بېرىمەن. :lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مەندىن يىنىككەنسىز، مەن ھەر دائىم يەڭگىگەن كۈنى مەن ئۆلۈپ قالىمەن، يېڭى تۇغۇلغان بالام مېنى كۆرەلمەي يىتىم قالىدۇ دەپ يىغلاپلا يۈرەتتىم، نەدىن تاپقاندىمەن ئاشۇ گەپنى، ئىش قېلىپ شۇ گېپىمگە ئۆزەم بەك ئىشىنەتتىم، ئاي-كۈنۈم يېقىنلاشقانسىرى ئۆيدىكىلەردىن بىرەرسى كۆڭلۈمنى ئاغرىتىپ قويسا، ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئادەمگە نىمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ ئىدىيەرىمدىن ئۆتمەي بەك ئازاپلىناتتىم. بىراق بالا تۇغۇلۇپلا قارىسام ئۇ خىياللارنى ھېچيەردىن تاپالمىدىم.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 20:54 static/image/common/back.gif
مەندىن يىنىككەنسىز، مەن ھەر دائىم يەڭگىگەن كۈنى مەن ئۆ ...

قىلغان گەپ-سۆز،ئىىش ھەركىتىنىڭ ھەممىسى يۇمۇردە بۇ ئادىشىمنىڭ:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

Toghrak يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 21:01 static/image/common/back.gif
قىلغان گەپ-سۆز،ئىىش ھەركىتىنىڭ ھەممىسى يۇمۇردە بۇ ئا ...

راست ھامىلدار ئاياللار نورمال بولالمايدۇ، ئۇلاردا ھەر قانداق ئۆزگۈرۈش بولىۋىرىدۇ، ئەڭ ئۇستا پىسخىلوگلارمۇ بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنى داۋالاشقا ئامالسىز قالىدۇ. جۈملىدىن مەنمۇ شۇنداق.{:181:} ئويلاپ باقسام ھەر قېتىملىق ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇشۇ خىل ھالەت تەكرارلىنىپتۇ.
1-نازۇكلىشىپ كېتىدىكەنمەن، باشقىلارنى چۈشەنگىلى ئۇنىماي، توختىماي كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقا سالىدىكەنمەن، شۇنداق بولغاندا ئەتىراپىمدىكىلەرنىڭ تاقىتى ئەڭ ئاخىرقى چەككە ئاسانلا يېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مېنى تازا مۇھىم ھېساپلىماس بولۇپ قالىدىكەن، ھەر قانچە دىققەت قىلسىمۇ، ئۆزىگە( بۇ ئالاھىدە مەزگىل، يول قوياي!) دەپ تەكىتلەپ تۇرسىمۇ، مېنىڭ ئۆز دۇنيارىمغا بېكىنىۋىلىشىمدىن ھاسىل بولغان يولسىزلىقىم ئۇلارنى ئامالسىز قالدۇرىدىكەن.
2-يۇقارقى سەۋەپتىن باشقا يەنە، ئۆزەمنى ھېچكىم قىلمىغان ئىشنى قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىۋىلىش. ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان بۇۋاقلارنى كۆرۈپ تۇرساممۇ، ھامىلدارلار باھار كېلىشى بىلەن كوچا-كويلاردا يامراپ يۈرسىمۇ، نەزىرىمدە مەن ئۆزەم بىر تەنھا، قالتىس تەۋللۇت مەندىن سادىر بولارمىش، ئۇلار مەندەك سېزىك تارتالمايدۇ، ھەممىسىدىن مېنىڭ سېزىكىم ئېغىر، ئۇلار مەندەك قىينالمايدۇ، مەن بەك جاپاكەش، ئۇلار بەك بەخىتلىك، ئەتىراپىدىكىلەر ئۇلارنى بەك ئاۋايلايدۇ، نىمە قىلغىنىغا مەن ئېرىشەلمىگەن ئىمتىيازغا ئۇلار ئېرىشىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئايىقىمنى كەيگۈزۈپ قويىۋاتقان ئېرىمنى يۇغان قورسىقىم توسىۋىلىپ كۆرەلمەي تۇرۇپ.
3-ۋەھىمە، باشتا دىدىم، خۇددى بىر يەردىن چاقىرىق كەلگەندەك بوشانغان كۈنۈم بالا بىلەن تەڭ جېنىممۇ چىقىپ كېتەرمىش، بۇنىڭغا بەك ئىشىنىمەن، بارلىق نىرىپلىرىم، ئەڭ ئۇششاق ھۆجەيرىلىرىم مۇشۇ گەپكە مەندىن بەكىراق ئىشىنىدۇ، چوڭ مىڭەم ئىزچىل مۇشۇ ئۇچۇرنى تارقىتىدۇ.
بىراق نەتىجە دەل ئەكسىنچە، جان ئۇنداق ئاسان چىقمايدىكەن، تاكى ئەجەل يەتمىگۈچە.

شۇڭا تېما ئىگىسى سىڭلىمغا دىمەكچى بولغىنىم، سىز مەن بولماڭ، بەلكى مەننىڭ نەزىرىدىكى باشقىلار بولۇڭ!

bayram يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ،بالىڭىزنىڭ ساغلام،ئوماق تۇغۇلىشىغا تىلەكداشمەن

rose16 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 19:58 static/image/common/back.gif
ۋىتامىن تولۇقلاشنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇڭ. ھامىلىدارلىق  ...

مەستۇرە ھەمشىرەم،ئۆزەملا بىلىمەن ئەمما ماڭا جىق رىغبەت بەردىڭىز جۇمۇ. ۋىتامىن تولۇقلاشنى داۋاملاشتۇراي.راستىنى دېسەم دوستلىرىمدىنمۇ قېچىپ يۈردۈم مۇشۇ مەزگىللەردە. ھەممە ئىش مەنىسىزدەك تۇيۇلۇپ... سىزنى ۋېيشىنغا قوشۇۋېلىشنى ئەلۋەتتە خالايمەن... سىزنىڭ تۇرمۇش پوزىتسىيەرىڭىزدىن بەكمۇ زوقلىنىمەن...

rose16 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 21:44 static/image/common/back.gif
راست ھامىلدار ئاياللار نورمال بولالمايدۇ، ئۇلاردا ھە ...

رەھمەت شەھلا ھەدە. مەن چوقۇم تىرىشىپ باقىمەن. ئىنكاسىڭىزدىن بەكمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى )抑郁症(دىگىنى شۇمىكىنە

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 21:44 static/image/common/back.gif
راست ھامىلدار ئاياللار نورمال بولالمايدۇ، ئۇلاردا ھە ...

  بۇ چاغدا ھەممىدىن يامىنى تاماق يىيەلمەسلىكى، بەك تەتۈر ئىش مۇشۇ....

safiya816 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 21:44 static/image/common/back.gif
راست ھامىلدار ئاياللار نورمال بولالمايدۇ، ئۇلاردا ھە ...

ماۋۇ گەپلەرگە تازا كۈلۈپتىمەن، كەيپىياتىممۇ شۇنداق كۆتۈرۈلۈپ قالدى ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇپ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 08:11 static/image/common/back.gif
بۇ چاغدا ھەممىدىن يامىنى تاماق يىيەلمەسلىكى، بەك تە ...

شۇ ئەمەسمۇ، ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يەتمەي قالارمىكىن دىگەنسىرى نىمە پايدا قىلسا شۇنى يىگۈسى كەلمەس بولۇپ كېتىدۇ، بەزىلەر باركى دۇنيادىكى ھەممىدىن يىرگىنىچلىك نەرسە مۇشۇ تاماق دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ، خۇددى مەندەك.{:181:}
بىر زامانلاردا سىمۇنىت زاۋۇتىدا ئولتۇراتتۇق، ئۇ ۋاقىت دەل ئىككىنچى ئوغلۇمغا ھامىلدار ۋاقىتلىرىم، ئۆيىمىزدىن چىقىپ ئازراق ماڭساق، بازارغا چىقاتۇق، كىچىككىنە بۇ يەرنىڭ ئىچكى ئەزاسى بەكلا تولۇق بولۇپ، كوچىنىڭ بېشىدىن بىر كىرسە ئاياقلاشقىچە توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نىمە تېپىلاتتى، خۇيزۇلارنىڭ ئۈگرىخانىسىنىڭ جىقلىقىدا پۇتلۇشۇپ ماڭغىلى بولمايتتى، ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا قويىۋالغان كىچىك ئوچاقلىرىدىكى قۇمۇش قاسقاندا تاكى چۈشتىن كېيىنگىچە كاللەك يېسۋىلەك، پىياز، قارمۇچ، كاۋۋىچىن، يەنە تېخى كۈنجۈت مايلىرى ئارلاشتۇرۇلغان قىيمىدا ئەتكەن مانتىلار پىشىپ تۇراتتى، ئاھ خۇدا، بۇرنۇمنى ئېتىۋىلىپ نەپەس ئالالماي قالاتتىم، ئاشۇ قۇمۇش قاسقاننىڭ يىرىق-يىرىقلىرىغا، ھەر بىر قۇرۇتىلغان ئوت سېلىنغان تەگلىكىگە سىڭىپ كەتكەن نەچچە يىللىق ماي-داشماقلىرى ھوردىلىپ قايناپ چىقىپ ئۇدۇل ماڭىلا پۇرايتتى، نىمىشقا مۇشۇلارنى ئۆرۈپ-ئۆرۈپ، ئۇرۇپ چېقىۋەتمەيسەن دەپ ئېرىمغا بەك خاپا بولاتتىم، خۇددى ئۇ شەھەر باشقۇرۇشنىڭ باشلىقىدەك باتناپ-يامانلاپ. ئاشىخانا ئاچقانلارغا بولسا چەكسىز دۈشمەنلىك بىلەن قارايتتىم.

419 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

419 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

419 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 11:01 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ بۇ چاغدا كۆڭۈل بەك نازۇكلىشىپ كېتىدۇ. ئەتراپى ...

توۋا{:187:}

mastura يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 12:23 static/image/common/back.gif
توۋا

بۇ ئاچىمىزنى تونۇمىدىڭىزما؟ {:181:} مەنغۇ نېمىلا دېسە ھەيران قالمايمەن ئىشقىلىپ.

bayram يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

مەن تونىغاندەك قىلىمەن،سوتچى يەڭگىمىز شۇدەك
بەت: [1] 2
: ھامىلدار مەزگىلدىكى خامۇشلۇق كېسىلىدىن ياردەم