bayram يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 12:39:44

مەن تونىغاندەك قىلىمەن،سوتچى يەڭگىمىز شۇدەك

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 12:42:48

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 12:27 static/image/common/back.gif
بۇ ئاچىمىزنى تونۇمىدىڭىزما؟  مەنغۇ نېمىلا دېسە ھە ...

ياق تونىمايمەن، مەن قېرىنداشلىرىغىلا ئەمەس يات-ناتۇشلارغىچە ئىنساني مېھرى بارلارنى تونۇيمەن، بۇنداق ئايالنى كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 12:51:24

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 12:42 static/image/common/back.gif
ياق تونىمايمەن، مەن قېرىنداشلىرىغىلا ئەمەس يات-ناتۇش ...

تونۇپ قويغاننىڭمۇ زىيىنى يوقكەن. مۇشۇنداق ھەدىلەرنىمۇ تونۇپ قالساق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، دوست-يارەنلىرىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن مىننەتسىز مۇھەببىتىگە تېخىمۇ رەھمەت ئېيتىپ كېتىدىكەنمىز. يەنە بۇرۇنقىدەك قوغلىنىپ كەتمىسىلا خېلى ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ قالارمىزمىكىن تېخى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 12:53:13

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 12:51 static/image/common/back.gif
تونۇپ قويغاننىڭمۇ زىيىنى يوقكەن. مۇشۇنداق ھەدىلەرنىم ...

تونىماڭلار بولدى، يۇقۇپ قالىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 14:05:39

ھىلىقى بەگ دۆلەت ئاچىمىز شۇمىكىن ،
مەنمۇ ئىنكاسىنى دائىم كۆرۇپ تۇراتتىم ،گەرچە ھىچكىمگە ئوخشىمىسىمۇ لىكىن ھەربىر ئادەمنىڭ ئويلىغىنى ئۆز ئالدىغا بولىدۇ،ئادەم كۆڭلىدە نىمە بولسا شۇنى دەيدۇ ،پىكىر مەخسەتنىڭ قىلىپى بولمايدۇ.
مۇنازىرە مەيدانى بولغاندىكىن بىر قىلىپتا كىرىپ بەك ياسالمىلىق قىلىپ ئېسىل سۇپەت بولۇپ يۇرگەندىن   كۆڭلىدىكى ھەقىقىي قاراشنى دەپ ئەركىن ئازادە تۇرغان ياخشى ،لىكىن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمىگەن ئاساستا .

rose16 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 14:22:00

kaman1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 07:42 static/image/common/back.gif
بۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى )抑郁症(دىگىنى شۇمىكىنە

ھەئە، خەنزۇچە شۇنداق دەيدىكەن.

tesnim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 14:28:50

مۇشۇ باھانىدا مەنمۇ دەردىمنى تۆكۈۋالايچۇ
مەنمۇ ئىككىنچى بالامغا ھامىلدار بولغىلى 4 ئاي بولاي دېدى. سېزىكىم يوقنىڭ ئورنىدا. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كەيپىايتىممۇ شۇنداق ياخشى، ئائىلە خىزمەتتىكى خېلى ئىشچان، بىر كۈندە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ تۈگىتەلەيتتىم. 2-ئاي كىرگەندىن باشلاپلا كەيپىياتيىم تۇراقسىز، بەدەنلىرىم شۇنداق ئېغىر، چارچاپلا تۇرىمەن. يېېقىندىن بېرى كاللامدا  miserable دېگەن بىرلا ئۇقۇم مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ..ئۆزەمنى ئىنتايىن جاپاكەش، ئىنتايىن بىچارە ھېس قىلىپ نىم جاپا دەپ جىلە بولۇپ ھېچ ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالماي يۈرۈپتىمەن..بۇ خىل روھى ھالەتنى ئوڭشىغىلى بولارمۇ ھە؟ ھېلىتىن بۇنداق بوپ كەتسەم 7-8 ئاي بولغاندا قانداقمۇ قىلارمەن دەيمەن. بىر لىكسيەدە ھامىلدار ئاياللار چوقۇم ئۆزىنىڭ روھى يۈكلىرىنى تاشلىۋېتىشى كېرەك، بولمىسا ھامىلىگە ئىنتايىن زور دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ دەپ سۆزلىگەنتى. ئۆزەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ باقتىم، قورقۇتۇپمۇ باقتىم، ھېچبىر ئۈنۈمى يوق :'(

rose16 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 14:29:46

ئىزدىنىش تارىخىمدا تېما يېزىپ قىزىقارلىق ئىنكاسلارنىڭ ئىككى بەتكە يەتكىنىمۇ تۈنۈگۈننىڭياقى كەيپىياتىمنى خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۋەتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئەڭ بۈيۈك روھى تېرەكتىن باشقا ھېچنىمەم يوقتەكلا يۈرگەن.. ئاخشامنىڭياقى بەزى ئىشلارنى قايتا ئويلاپ، ئاكتىپ ئۆزگەرمەكچى بولىۋاتىمەن.
راستلا دۇنيا مېھىر مۇھەببەت بىلەن گۈزەلكەن.سىلەرگە رەھمەت..

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 14:49:46

419 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 11:01 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ بۇ چاغدا كۆڭۈل بەك نازۇكلىشىپ كېتىدۇ. ئەتراپى ...

توۋۋا، قېنى ياقام......

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 14:55:22

tesnim يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 14:28 static/image/common/back.gif
مۇشۇ باھانىدا مەنمۇ دەردىمنى تۆكۈۋالايچۇ
مەنمۇ ئىككىن ...

راست دەۋاتامسىز؟ بىر ھەپتە رۇخسەت سوراپ يېنىمغا كېلىپ تۇرۇپ كېتەمسىز؟

tesnim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 15:08:59

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 14:55 static/image/common/back.gif
راست دەۋاتامسىز؟ بىر ھەپتە رۇخسەت سوراپ يېنىمغا كېلى ...

شۇنداق قىلغان بولسامغۇ تازا ياخشى بولاتتى..نەچچە ئاي بولدى ئىشخانىغا بېرىپ ئىشلەۋاتقان، بالام يېنىمدا، ئۇنى بېقىپ ئىككى ۋاق تاماق قىلىپ ئىشلەپ دېگەندەك كۈن كەچ بولغاندا ھوشۇمدىن كىتەي دەپ قالىمەن. ئىشلىمەيمەن دەپ خېلى جېدەل قىلدىم..ئۇنامدىغان.
سىلەر تەرەپكە بېرىپ كىلەي دىسەم ھازىر ۋىزىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قارا پېتى تۇرۇغلۇق دەڭە، ئۇزارتىش ياكى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى يۇيغۇزۇپ نورمال چىقىپ كېتىشكە بولماي تۇرىۋاتىدۇ مەن قاتارلىق نۇرغۇنلار. تەكشۈرۈشتە بايقىلىپ نۇرغۇن جەرىمانە تۆلەپ بەش يىلغىچە كىرەلمەس بولۇپ چىقىپ كېتىۋاتقانلار بار. شۇڭا ئۇياق بۇياققا ماڭالماي تۇرۇپ قالدۇق..بەلكىم مۇشۇ ئىشلارمۇ قوشۇلۇپ تەسىر قىلدىمۇ كەيپىيات نۆلدىن تۆۋەن بىر يەرلەردە يۈرىدۇ كۈندە.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

gulbike يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 20:41:53

مەنمۇ دەردىمنى تۆكىۋالاي :'(:'(
بىرىنجى بالامدا ھېچقانداق بولمىغانىدىم ، ھەتتا سىزىك ئالامەتلىرىمۇ بولمىغان ، كەيپىياتىممۇ بەكلا ياخشى بولغان ،ئېرىممۇ كۆپ ھەمرا بولغانىدى ،...
لىكىن ئىككىنجى بالامغا ھامىلدار بولغىلى ئالتە ئاي بولدى ، ببىرىنجى بالامغا ئوخشاش ئالاھىدە سېزىكلىك جەريانىم بولمىدى لىكىن كەيپىياتىم بەكلا تۇراقسىز ، يىغلىغۇملا كىلىدۇ ، ئۆزۈمنى شۇنداق بىچارە ھىس قىلىپ ، ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى بولمايۋاتقاندەك ، تاشلىنىپ قىلىۋاتقاندەك ، ئېرىممۇ مەندىن يىراقلاپ كىتىۋاتقاندەك ، شۇنداق تولا خىياللارنى قىپ ئۆزۈمنى ئازاپلاپ يۈرىۋاتىمەن ، بۇنى ھامىلدارلىقتىكى نورمالسىزلىقتۇ دەپ كۆڭلۈمنى ياساپ قويىمەن ، بۇ ياساشلىرىم ئىككى كۈن بەرداشلىق بىرىدۇ يەنە شۇنداق بىچارە ھالەتكە قايتىمەن .:'(
rose16 خانقىز بۇنى  خامۇشلۇق دەپ ئادەمنى ئەنسىرىتىپ قويىۋاتىدۇيا، ئۇنداق ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم ، لىكىن سىزدىكى ئالامەتلەرنىڭ كۆپى مەندىمۇ بار ،  تىخى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇلاردا بوپ ھەممىسىنى قوقۇتۇپ قويىمەن .
تىخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇنداق گۇمانخۇر بوپ ، كۈندەشلىكىم ئېغىرلاپلا كەتتى ، كەچ قالىمەن دىگەننى ئاڭلىساملا نېرۋامغا تەسىر قىپ تېرىكىپ چېچىلىمەن ، بەك ئۆزۈمنى تۇتالمىسام يىغلايمەن ، تىخى ئۈچ ياشقا كىرمىگەن قىزىم مۆلدۇرلەپ قاراپ ياشلىرىمنى ئېيتىپ كىتىدۇ :'(
بەك ئازابلىق ھامىلدارلىق بولدى ماڭا ، ئەمدى كاللامغا خامۇشلۇق دەپ خىيال كىلىۋالارمۇ:shutup:

rose16 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 21:52:15

gulbike يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 20:41 static/image/common/back.gif
مەنمۇ دەردىمنى تۆكىۋالاي
بىرىنجى بالامدا ھېچقاندا ...

دەردىمىز ئوخشاشكەن.. بىر ھېسابتا ئىتتىكرەك تۇغۇۋەتسەممۇ بوپتىكەن دەپ كېتىمەن مەنمۇ.. بالا بېقىش جاپاسىدىن روھى بېسىمنىڭ جاپاسى بەك ئېغىر تۇرىدىكەن ئادەمگە. بەلكىم ئالدىنقى تۇغۇتتىكى دەھشەتلىك ئاغرىقلار تېخى ئۇنتۇلمىغاچقا شۇمۇ تەسىر قىلامدىغاندۇ؟ يا يەنە بىر بالا ئاۋۇسا قانداقمۇ بېقىپ بولارمەن دېگەن ئەندىشە ئادەمنى قورقۇتامدۇ؟ ھەتتا ئەينەككە قارىغۇممۇ كەلمەيدۇ مېنىڭ .. بۈگۈن قاراپ باقسام شۇنچلىك سۇلغۇن چىراي بوپ كېتىپتىمەن.. ناچار كەيپىياتمۇ ئادەمنى بەك تېز قېرىتىپ، سەتلەشتۈرۋېتىدىكەن...ئانامنىڭ يېنىغا نەچچە تاقلىساملا باراتتىم.  بىئاراملىقىمنى ئانام كۆرسە مەندىن بەك بىئارام بولارمۇ دېگەننى باھانە قىلىپ شۇ يەرگىمۇ بارمايۋاتىمەن. ئۇف... خامۇشلۇق ئەمەستۇ بەلكىم.ياخشى بولۇپ كېتەرمىز.بىر كۈنلەردە شەھلا ھەدەم دېگەندەك مۇشۇ ئىنكاسلىرىمىزنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ھازىرقى تۇيغۇلىرىمىزنى قەتئىي تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن.
شۇ قورساقتىكى بالامنى بەك ئويلاپ قېلىۋاتىمەن.مەن بۇنداق بولىۋەرسەم بالامغا تەسىر قىلمىسا بولاتتى دەپ..
! ئانىلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ بولسا كېرەك. بىر بىرىمىزگە رىغبەت بېرەيلى. ئۆزىمىزنى ئازراق ياخشىلاشنى سىناپ باقايلى. خۇدايىم ئاسان قىلار...
بەت: 1 [2] 3
: ھامىلدار مەزگىلدىكى خامۇشلۇق كېسىلىدىن ياردەم