تاشپولات: ئامېرىكادىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇي...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 13:30ئامېرىكادىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى
تاشپولات روزى
مەن بۇلتۇر ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە «ئامېرىكىدىكى 8 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلغان قارا تەنلىك ئوقۇغۇچى» ناملىق بىر تېما يازغانىدىم. بۇ قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىش روھىي ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلاردىمۇ كەينى - كەينىدىن تەشۋىق قىلىنغانىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، تىرىشچان سىڭلىم پەخرىيە ئەشرەپنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىم لەرزىگە كەلدى. پەخرىيە ئۈندىدارىمغا: «تاشپولات ئاكا، مەن يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇنغانىدىم، مانا ئەمدى ئامېرىكىدىكى خارۋارد (Harvard) ئۇنىۋېرسىتېتى، يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتى، ستانفورد (Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتى، بېرىكلىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Berkeley)، لوس ئانجېلېسدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Los Angeles) قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق بەش ئالىي مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىم توغرىسىدىكى چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالدىم» دېگەن خۇشخەۋەرنى قالدۇرغانىدى. پەخرىيەنىڭ قازانغان بۇ نەتىجىسىدىن خەۋەر تېپىپلا دىلىم ئالەمچە سۆيۈندى، قەلبىم ئىپتىخارانە ھاياجانغا تولدى. بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھازىرغىچە پەخرىيە كەبى بىرلا ۋاقىتتا دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەش ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىغا بىرلا ۋاقىتتا ئېرىشەلىگەن يەنە بىرەيلەن چىقىپ باقمىغان. «ئاتىسى ئاتالمىغان قۇڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ تۇڭگۇزنى» دېگەن شۇدە. پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە يىراق تەكلىماكان گىرۋەكلىرىنى بويلاپ كارۋان تارتىپ دۇنيانى كەزگەن ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ روھىيىغا ۋارسلىق قىلىپ، باشقىلار قىلالىغاننىمۇ قىلالىدى، باشقىلار قىلالمىغاننىمۇ قىلالىدى. ئۇ بىزگە «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەردى. ئەينى يىلى پەخرىيە ئەشرەپ، جۇڭگونىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر(150) غا ئېرىشىپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى، شۇ چاغدا باشقا مىللەتلەردىن «ئۇيغۇرلار تۇغما ئەقىللىق مىللەت، تىرىشسىلا ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دەپ ماختىغانلار كۆپ بولغانىدى. بەلكىم «بىر ئادەم بىر مىللەت» دېگەن شۇ بولسا كېرەك. پەخرىيە شۇ چاغدا بىزنىڭ كىرلىشىپ، رەڭگى ئۆڭۈپ قالغان ماتېماتىكىدىكى بەترەڭ يۈزىمىزنى پاكىز يۇيىۋەتكەنىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇرلىرىم ئارىسىدىن نەچچە يۈزلىگەن پەخرىيەلەر چىقىپ، مىللىتىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، يۈزىمىزنى يورۇق قىلغان بولسا، «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساقلا ئۆزىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ، دىلىمىز يايرىغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم.
ئەجىبا ئۇيغۇرلار ئاشۇ ياپونلار ۋە يەھۇدىلار قىلالىغاننى قىلالماسمۇ؟ مېنىڭچە، چوقۇم قىلالايدۇ. ياراتقان ئىگىسى تولۇق ئەقلىي قۇۋۋەت بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە قىلىپ ياراتقان ئۇيغۇرلار پەقەت تاشنى تالقان قىلغۇدەك جاسارىتى بىلەن پەن ئىگىلەشكە قارىتىدىغانلار بولسا، يېقىن زامان ئىچىدە دۇنيا مىللەتلىرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان مىللەتلەر قاتارىغا كىرەلەيدۇ. شەرت شۇكى، ئۇيغۇرلار مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ ئائىلە مائارىپىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. «دۇنيادا ئادەمدىن ئۆتە رەزىل مەخلۇق يوق، چۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق بىر ھايۋان ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ، پەقەت ئادەملەرلا ھەرخىل باھانىلار بىلەن ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ۋە تەربىيەلىشىگە تاشلاپ بېرىدۇ» مانا بۇ گەپتىنلا بالا تەربىيەسىنى تالادىن كۈتۈشنىڭ تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز، دېمەك بالا تەربىيەرىمىز تالاغا قاراپ قالماسلىقى كېرەك.
ئەلقىسسە، مەن بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرى پەخرىيە سىڭلىمدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالغانىدىم. ئۇ خېتىدە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ بېقىشىمنى ۋە پىكىر بېرىشىمنى سورىغانىدى. مەن دەررۇ پەخرىيەگە خەت يېزىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ھەمدە ياش نېرۋا ئىلمى ئالىمىمىز ئەلقەم تۇرسۇننىڭ ئۆزگەرتىشى ۋە پىكىر بېرىشى بىلەن ماتېرىياللارنىڭ كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ پەخرىيە سىڭلىمغا ئەۋەتىپ بەردىم. مەن بۇ يەردە ئەلقەم ئۇكامغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە 2011 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ئالغان بولۇپ، يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر (150) ئالغانىدى. ماتېماتىكىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان جۇڭگودەك بىر دۆلەتنىڭ مەملىكەتلىك ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىش تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. بۇ خىل تولۇق نومۇرغا ئانا تىلىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ئېرىشەلىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىرىشسىلا ھەممە ئىشتا ئەڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كەمىنمۇ ماتېماتىكىچى بولغاچقا، پەخرىيەنىڭ شۇ چاغدىكى نەتىجىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمگە قارىغاندا بەكرەك پەخرىلەنگەنىدىم. پەخرىيە شۇ ياخشى نەتىجىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىدى. ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ قاتتىق تىرىشىپ، ئۇدا تۆت يىل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى بولدى. بۇ قېتىممۇ چەتئەللىكلەردىن ئالىدىغان ئىنگلىزچە ئىمتىھانىدىن 113 نومۇر (بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 120) ئالدى. ئاسپىرانتلارنىڭ ئىمتىھانىسىدىن 330 ( بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 340) ئالدى. پەخرىيەنىڭ تولۇق نومۇرغا ئازلا پەرق بىلەن يېقىنلىشى مېنى شۇنچىلىك ھاياجانلاندۇردى، چۈنكى بۇ خىل نەتىجىگە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن ئىمتىھان بەرگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيتتى.
پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيەنىڭ يۇقىرىقى نەتىجىسى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىدىكى پەم – پاراسەتنىڭمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەخرىيە سىڭلىمىزنىڭ تىرىشچانلىق روھىدىن ئەنداز ئېلىپ، ئۆز كەسپى ساھەلىرىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، پەخرىيە سىڭلىمنىڭمۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇش ھاياتىنى غەلبىلىك تاماملاش بىلەن بىللە، ئۆز كەسپىدە دۇنيانى زىل-زىلگە سالغۇدەك كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.
2015 – يىلى 10 – مارت ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا يېزىلدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Altay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 14:40
ئاللاھقا شۈكرى...بۇ بەك كاتتا خەۋەركەن. پەخىرلىك سىڭلىمىزغا كۆز تەگمىسۇن، كەلگۈسى مەنزىللىرى تېخىمۇ قالتىس بولغاي!
Harvard دا ئوقۇۋاتقان يەنە بىر سىڭلىمىز بار خوتەندىن... مۇبارەك بولسۇن!
بۇ قىز ئىسمىغا لايىق پەخىرلەنگۈدەك پەخرىيە ئىكەن. دادىسىمۇ ئىسمىغا لايىق شەرەپكە لايىق دادا ئىكەن. ئىسىم قويغاندا مەنىسىگە ئەھمىيەت بىرىش، گۈزەل ئىسىملارنى قويۇشنىڭ ھېكمىتىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.:)
سىڭلىمىزنىڭ خارۋارتتا يۈكسەك چوققىلارغا يېتىشىگە تىلەكداشمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Altay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 14:21
يىراق قىتئەلەردىمۇ يۈرىگى ھەرقاچان تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز سوقۇپ تۇرغان ئەركىن سىدىق، تاشپولات روزى قاتارلىق ئۇستازلارغا ھەم چەكسىز ئېھتىرام! ئاللاھ سىڭلىمىزنىڭ ھەربىر ئىشلىرىنى يۈرۈشلۈك قىلغاي! كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسىدا كۆرگىنىم ئىسىمدە بار ............. شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى بۇ قىزنى قايتا بىر زىيارەت قىلىپ فىلىم ئىشلىسە بولغۇدەك .
{:258:} ئامما لىكىن شۇنداق ھاياجانلاندىمكى ،بۈگۈنكى خۇشاللىقىم ئۆزۈم ئەڭ ئامىراق پۇتبولدا ،توپ ئۇرۇپ خۇشال بولغاندىنمۇ بەك خۇشال بولدۇم . ئاللاھىم مۇشۇنداق ئىلىمگە ھىرىسمەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن
تېخىمۇ كۆپەيتىپ بەرگەي . مىللىتىنىڭ خۇشاللىقىغا تەڭ خۇشال بولالىغان،دەردىنى تەڭ تارتالىغانلارغا سالاملار بولسۇن . زادى ئىسىم دېگەننىڭ نوچىسىنى قوقماي قويسا بولغۇدەك ھە. 内容تىرىشقاندىلا مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىگە ئېرشكىلى بولىدۇ پەخرىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇقۇشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
بىر سۇئال سورىسام، سىڭلىمىز پەخرىيە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇكاپاتلىق قوبۇل قىلىنىپتىمۇ؟ قايسى كەسىپلەرگە تاللىنىپتۇ؟ ئۆزى قايسىسىغا بېرىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ؟ President يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:17 static/image/common/back.gif
پەخرىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇقۇشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
...
بۇ سىڭلىمىزنىڭ نەتىجىسى ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش شەرتىگە توشۇپ ئېشىپمۇ كەتكەندەكمۇ قىلىدۇ. پەخرىيە سىڭلىمىز بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا بۆلۈمىدە ئوقۇدىغۇ دەيمەن؟ خارۋارد چاقىرىق قەغىزىدىن كۆرۈشۈمچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق (Public Health) بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنىپتۇ. تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى مېنىڭچە ھېچ گۇمان كەتمەيدىغان ئىش. Altay يوللىغان ۋاقتى 2015-03-10 14:13:59 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Altay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 14:
كىمكەن ئۇ ھارۋاردتا ئوقۇۋاتقان خوتەنلىك سىڭلىمىز؟
بىلىدىغانلار مەلۇمات بېرىۋېتىڭلار،بىلىپ قالايلى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنى ماھىنۇر مەتتوختى دېگەن قىزنىڭ گېپىغۇ دەيمەن؟ بىر چاغدا ئىزدىنىشتىمۇ پارىڭى بولغان ئىدى. ئۇمۇ ناھايىتى پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىرىكەن. مېنىڭ بىلىشىمچە خارۋاردنىڭ رەسمىي ئوقۇغۇچىسى ئەمەس، زىيارەتچى دوكتور ئوقۇغۇچى (visiting PhD student) بولۇپ ئوقۇۋاتامدىكىن؟ ياكى بىلمىدىم ئۇندىن بېرى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ بىلىدىغانلار ئۇچۇر بېرىۋەتسە. رەھمەت. ئامېرىكىدىكى خارۋارد (Harvard) ئۇنىۋېرسىتېتى، يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتى، ستانفورد (Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتى، بېرىكلىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Berkeley)، لوس ئانجېلېسدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Los Angeles) قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق بەش ئالىي مەكتەپنىڭ
بىر-بىرىدىن ئىسىلغۇ {:112:}
:lol:lol:lol:lol:lolبىلدۇق نىمە يازاسا ئۇيغۇرنى قوشۇش بولغان ئوخشايدۇ جۇما پەخىرىيە مىىللىتىمىز پەخىرلەنگۇدەك نەتىجىگە ئېرشىپتۇ، بەك سۆيۇنمدۇم! President يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:17 static/image/common/back.gif
پەخرىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇقۇشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
...
مىنىڭچە بۇ نەتىجە دۆلەتكىمۇ چوڭ ئىناۋەت، ئۇنچە كۆپ داڭلىق مەكتەپلەردىن چاقىرىق كەلگەندىكىن دۆلىتىمىزدىن بېرىدىغان مۇكاپاتلا نەچچە يىللىق ئۇقۇشىغا يىتىپ قالارمىكىن... سىڭلىمىزنىڭ تېنى سالامەت، بۇندىن كىيىنكى ئوقۇشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن!