بۇ خەۋەرنى ئەتىگەن ئۈندىداردا كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلانغان. تاس قالغانتى ھاياجاندا يۈرۈكۈم قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى...بىزنىڭ قىزلىرىمىز يارايدۇ!!! قالتىس!!!!!!
مۇبارەك بولسۇن!
مۇبارەك بولسۇن! ئوقۇشى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن. مۇشۇنداق ئېسىل ئۈلگىلەر تېخىمۇ كۆپلەپ چىققاي.
بۇ قىز 150 نۇمۇر ئالغاندا تىلۋىزوردا بەك تونۇشتۇرغا ن ،شۇچاغدا مەن بۇ تونۇشتۇرۇشلا بۇ قىزغا بىسىم بولۇپ قالامۇ دەپ ئويلىغان ،ھازىر قارىسام بىسىم ئەمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۇچ بولغان ئوخشايدۇ .{:112:}
سېڭلىم پەخىرىيە، سىزنى مۇبارەكلەيمەن! سىزدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. كەلگۈسىڭىز تېخىمۇ پارلاق بولسۇن!
بۇ يېرىم بولغان كۆڭلۈمگە ئىلھام بولغۇسى
گەرچە ئوغۇلبالا بولساممۇ ماۋۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆزۈمدىن ئاققان ياشنى توختىتالمىدىم.
يارايسىز ، ماڭغان ئىزىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۈن ، ئاللا ئىگەم سىزنى ئۇيغۇرلۇقتىن ،ئىماندىن ئايرىمىسۇن
مىللىتىمىز ئۈچۈن كاتتا شان شەرەپلەرنى قۇچقايسىز
مۆجىزىدەكلا بىر ئىش بولدى ، ئاللاھ ئامان قىلسۇن !،
پەخرىيە سىڭلىمىز ھەممىمىزگە قايتىدىن ئۈمىت ئاتا قىلدى ، ئۆزىنىڭ ئىگىلمەس سۇنماس جاسارىتىنى ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق دۇنياغا نامايەن قىلدى ، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تۇنۇتتى …
مەكتەپ ھاياتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتكەنلەرگە كۈچلۈك دەلىل بولدى ، بۇ سىڭلىمىزنىڭ نەتىجىسىدىن كاللىمىزنى چىرمىۋالغان نۇرغۇن باھانىلەرنىڭ ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىگىنى قايتىدىن ھىس قىلدۇق ،،،،
تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئۇچرىغانلا كىشىگە مۇشۇ سىڭلىمىزنىڭ گىپىنى قىلىپ بېرىۋاتىمەن. نەچچە يىل بۇرۇنمۇ شۇنداق بىر ھاياجانلانغان، ئىزچىل تۈردە مۇشۇنداق پەۋقۇلئادە يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئوقۇمان ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس!
بۇ سىڭلىمىزغا كۆز تەگمىسۇن، ئاللاھ كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا نىسىپ قىلسۇن!
بۇ قىزىمىز ئوقۇشنى ئەلا ئوقۇشتا ئۈلگە تىكلەپتۇ. ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىگە مۇبارەك بولسۇن! تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇشۇ قىزنىڭ گىپى چىقسا دەھشەت خوش بولوپ كىتىۋاتىمەن ..
مۇشۇنداق ئەقىللىق بالىلاردىن ئايدا نەچچە يۇزى يىلدا نەچچە مىڭى چىقسا ....
ياخشى خەۋەركەن!!!!!!!
مەن قاچان چىقارمەن شۇ تەرەپلەرگە{:92:}
ئېسىل ئىش بوپتۇ ... كەڭ ياشلىرىمىزغا ناھايتى ياخشى بىر ئۈلگە بولۇپ قالغۇسى...
ياخشى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرشىگە تىلەكداشمىز...:)
مەنمۇ ئەينى چاغدا توردا خەۋىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلانغانتىم ،بۈگۈن تېخىمۇ شۇ ،
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئويلاپ قالدىم- بۇ تۆت يىلدا مەن نىمە ئىش قىلدىم ..؟
سىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى......مەنمۇ ھاياجان ياشلىرىمنى تۇتۋالالمىدىم
ۋاھ....نىمىدىگەن قالتىس بۇ قىزغا بەك ھەسەت قىلۋاتىمەن جۇمۇ...يارايسىز داۋاملىق تىرىشىڭ!
ئۈندىداردا كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلانغان ئىدىم ،شۇ ھامان بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىغا پەخىرىيە قىزىمىزنىڭ پەخىرلىك نەتىجىسىنى دەپ بەردىم ، قىزىم پەخىرىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى يوللىرىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىشىغا تىلەكداشمەن ،سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىڭىز،ئۇستازلىرىڭىزغا چەكسىز سالاملار بولسۇن .بىز سىزدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمىز ،تاشپولاتكامنىڭ ئەجىرىگىمۇ كۆپ رەھمەت.
مۇبارەك بولسۇن!تىرىشقاننىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپتۇدە
مۇشۇنداق ئەقىللىق،ئىرادىلىك قىزلارغا شۇنداق ھەۋەس قىلىمەن
سىنا مىكرو بىلوگىدىكى چۈشكەن ئىنكاسلارغا قارىسام بۇ قىزنى قازاق دەيدىغۇ ؟ ئۇيغۇر قازاق بىر بوپ تالاشقىلى قوپتى.
ئاتا ئانىسىنىڭ تىگى توقسۇنلۇق دەۋاتقانغۇ،قازاق نەدىن چىقتى ئەمدى ھوي