پەخرىيە ئەشرەپ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىغا قۇبۇل قىلىندى
تۈنۈگۈنكى خۇشاللىنارلىق خەۋەرلەرنىڭ بىرى 2011- يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ماتىماتىكا پەنىدە تۇلۇق نۇمۇر ئالغان پەخرىيەنىڭ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىغا ماگستىرلىققا قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇختۇرۇشى بولدى.ئۇ خارۋارد ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن بىرىنچى ئايدا يەيىل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ،ئىككىنچى ئايدا كالفورنىيە شىتاتلىق بېركلىي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
خەۋەرلەرگە كۆرە پەخرىيە 120 نۇمۇرلۇق توفېل ئېمتىھانىدا 113 نۇمۇر، 340 نۇمۇرلۇق GRE ئىمتىھانىدا 330 نۇمۇر ئالغان.
مۇبارەك بولسۇن.پەخرىلىك سىڭلىمىز پەخرىيە! ماۋۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. بەك ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنداق خوش خەۋەرنى ئاڭلىمىغىلى. خۇددى ئۆزۈم ئۆتكەندەك ھاياجاللىنىپ كەتتىم .
مۇبارەك بولسۇن{:112:} {:112:} يارايدۇ. بارىكاللا! اللە تېنىنى سالامەت، ئۆمرىنى ئۇزۇن، ئىلمىنى زىيادە قىلغاي. 4 يىل بۇرۇنمۇ بىر ھاياجانلىنىپ، بىر كېچە ئۇخلىيالمىغان. ھازىرمۇ ئۆز سىڭلىم دۇنياۋى زەپەر قۇچقاندەك خوشاللىقتا ھاياجانلىنىۋاتىمەن. مۇبارەكلەپ، ئازدۇر-كۆپتۈر كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەپ قويساق تامامەن بولىدىغۇ دەيمەن. (بەك داۋراڭ قىلماي.) بۇ سىڭلىمىز مۇشۇنداقلا ئوقۇپ ماڭىدىغان بولسا، اللە خالىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى دۇنيا ئىلىم سەھنىسىدە چوقۇم يورۇق قىلغۇسى. سىزنى ياراتقان اللە غا مىڭ رەھمەت، بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىڭىزغا رەھمەت، سىزگە كىچىكىڭىزدە بىلىم بەرگەن ئۇستازلىرىڭىزغا رەھمەت، ھەم يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، بوشاشماي تىرىشىپ، چوڭ نەتىجە يارىتىۋاتقان ئۆزىڭىزگە رەھمەت. اللە نىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئەلنىڭ دۇئاسى بىلەن كۆكلەڭ، زەپەر قۇچۇڭ.
Yale
University of California at Berkeley
Harvard دۇنيادىكى داڭلىق سىياسىيونلا ،كاتتا بايلانىڭ باللىرى بىلەن ئوقۇيدىكەندە ، ئوقۇپ مەكتەپ پۇتتۇرۇپ بولغىچە بىر مىليون كىتە ھە ، ئوقۇش خىراجىتى بەك يۇقۇرى دەپ ئاڭلىغانتىم. mastura يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 12:06 static/image/common/back.gif
ماۋۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. بەك ئۇزۇن بو ...
ئاكىڭىزمۇ ئەينى يىللىرى TOEFL دا تولۇق نومۇر ئېلىپ، ئالامەت نەتىجە يارىتىۋېتىپتىكەن. مەن ئاكىڭىزنى ۋە ئىمتىھان نەتىجىسىنى كېيىن بىلىپ قاپتىمەن. ۋاقتىدا بىلگەن بولسام، نىمىشقا Harvard قا بارمايسىز، بارسىڭىز بولمامدۇ دەپ كۆزىگە كىرىۋالاتتىم. ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىپ قېلىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا، اللە خالىسا، سۇئالىمنى چوقۇم سورايمەن. (بەزىلەر ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى كۆرسە ھەسەت قىلىدىكەن، مەن خوشال بولىدىغىنى، اللە ماڭا ئاتا قىلمىغاننى يەنە بىر بەندىسىگە ئاتا قىلىپتۇ دەپ بىلىپ.) horazjan يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 12:36 static/image/common/back.gif
دۇنيادىكى داڭلىق سىياسىيونلا ،كاتتا بايلانىڭ باللىرى ...
بۇ يەردە دىيىلۋاتقىنى تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇشنىڭ گېپىمىكىن. شۇنداق بولغاندا پەخىرىيەگە خارۋادتىن پۇل بېرىپ ئوقۇتىدۇ. Aziz يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 12:40 static/image/common/back.gif
ئاكىڭىزمۇ ئەينى يىللىرى TOEFL دا تولۇق نومۇر ئېلىپ، ئال ...
ئاكامنى كۆرسىڭىز سورىمىسىڭىزمۇ بىلىپ قالامسىزكىن سەۋەبىنى. زىيادە ئىچ مىجەزلىك جىق ئىشلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن. مۇبارەك بولسۇن. باسقان قەدىمىدىن گۈللەر ئۈنسۇن. ئەينى چاغدا ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالغاندا بىر قايىل بولغان. بارىك اللا ، ئوقۇشى قۇتلۇق بولغاي. شۇنداق قىلىپ بۇ قىز نەچچىنچى ئۇيغۇر بولدى خارۋارتقا ئوقۇغانلاردىن .
مۇبارەك بولسۇن.مۇبارەك بولسۇن.مۇبارەك بولسۇن. Aziz يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 12:40 static/image/common/back.gif
ئاكىڭىزمۇ ئەينى يىللىرى TOEFL دا تولۇق نومۇر ئېلىپ، ئال ...
ھەسەت قىلىشقا توغراكەلسە بىلىمغا ھەسەت قىلىش كىرەك چولتىلا يېزىلغان بولسىمۇ، بۇ قىزدىن بەك بەك بەك پەخىرلەندىم. ئىسمى جىسمىغا لايىق دېگەن شۇمۇ مۇبارەك بولسۇن سىڭلىم، كۆزۈمگە ياش كەلدى، ھەقىقەتەن خوش خەۋەركەن، خۇددى ئۆز قېزىم مۇشۇنداق نەتىجە ياراتقاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. ئۇيغۇرنىڭ قىزى ..............{:112:}{:112:} mastura يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 12:44 static/image/common/back.gif
ئاكامنى كۆرسىڭىز سورىمىسىڭىزمۇ بىلىپ قالامسىزكىن سە ...
ئاكامنى كۆرسىڭىز سورىمىسىڭىزمۇ بىلىپ قالامسىزكىن سەۋەبىنى. زىيادە ئىچ مىجەزلىك جىق ئىشلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن.
گەپنى قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان سورۇن-پەيتلەردە كەمسۆز بولۇش -- اللە ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەن. پەيغەمبىرىمىز س.ئە.ۋ مۇ دەۋەت-تەربىيەدىن باشقا ۋاقىتلاردا كەمسۆز ئىكەن ئىدۇق. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىمىزنىڭ «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىدىمۇ «قۇلاق ئىككى، ئېغىز بىردۇر، نىچۈن ئويلاپ باق» دىگەن مىسرالار بار. ئاكىڭىز زىيان تارتمىغان ۋە كەمسۆزلۈك ئاكىڭىزغا زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئەكىسچە پايدا ئېلىپ كەلدى ۋە كېلىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى اللە ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىنىڭ ۋە دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئىنساننىڭ سۈپىتىگە ئىگە بولماقلىق -- بۇ ئىككى دۇنيالىق كاتتا پايدا، مۇكاپاتتۇر. (كىچىگىدىن، ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا، پەننى ۋە دىنى بىلىملەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، كۆپلەپ بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش ئاكىڭىزغا نېسىپ بوپتىكەن. ئاكىڭىزغا كاتتا ھۆرمەت ۋە ھەۋىسىم بار.)