pis-pas يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 13:37 static/image/common/back.gif
بارىك اللا ، ئوقۇشى قۇتلۇق بولغاي. شۇنداق قىلىپ بۇ قىز ...
شۇنداق قىلىپ بۇ قىز نەچچىنچى ئۇيغۇر بولدى خارۋارتقا ئوقۇغانلاردىن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانچىنچى ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەنمەن، لېكىن بۇ سىڭلىمىز جۇڭگۇدا تۇرۇپ، بىۋاستە Harvard قا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجىسى. مەن ئاڭلىغان قەيسەر مىجىت ۋە قۇدرەتجانلار ئاۋال باشقا مەكتەپكە كىرىپ، كېيىن Harvard قا كىرگەنلەر. جۇڭگۇدا تۇرۇپ، بىۋاستە Harvard قا كىرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقۇرى.
بۇ يىردە تۆت يىل بۇرۇنقى خەۋەر باركەن
http://bbs.alkuyi.com/forum.php?mod=viewthread&tid=10663&highlight=%D9%BE%DB%95%D8%AE%D8%B1%D9%89%D9%8A%DB%95%2B%D8%A6%DB%95%D8%B4%D8%B1%DB%95%D9%BE
ali120 يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 13:47 static/image/common/back.gif
ھەسەت قىلىشقا توغراكەلسە بىلىمغا ھەسەت قىلىش كىرەك
ھەسەت قىلىشقا توغراكەلسە بىلىمغا ھەسەت قىلىش كىرەك
ھەسەتنىڭمۇ 2 خىل مەناسى ۋە تۈرى بار، بىرى ياخشى نىيەتتىكى ھەسەت (ئۇ قىلغاننى مەنمۇ قىلىشقا، ئۇ ئېرىشكەنگە مېنىڭمۇ ئېرىشىشىمنى نېسىپ قىلسۇن!)، يەنە بىرى يامان نىيەتتىكى ھەسەت (نىمىشقا ئۇلا قىلىدۇ؟ ئۇ قىلماي مەنلا قىلسام بولمامدۇ؟ ئۇنىڭغا يوق ماڭىلا بار بولسا بولمامدۇ؟). ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدا ھەسەت سۆزى ئاساسەن يامان نىيەتتىكى ھەسەتكە قارىتىلىدۇ. ياخشى نىيەتتىكى ھەسەتنىمۇ پەيت، پۇرسەت، ماغدۇر بار ۋاقىتتا «يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنغان» دەك قىلسا يارىشىدۇ، بولمىسا ياراشمايدۇ.
Aziz يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 14:36 static/image/common/back.gif
گەپنى قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان سورۇن- ...
مەن زىيادە ئىچ مىجەز دېيىشىمدە كەمسۆزلۈكىنى كۆزدە تۇتمىغان ئىدىم. مېنىڭ ماۋۇ ئىشتا زىيادە كەمتەرلىك قىلىپ كەتمىسە، ئۆزىگە بەكرەك ئىشەنسە بوپتىكەن، دەپ قالىدىغان ۋاقتىم جىق. شۇنىڭغا قارىتا دېيىشىم. بەلكىم نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىمنى ئۆزىنى كۆرسىڭىز بىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
سىزدىن ھەم پەخىرلىنىمىز ئاكا. ئۇنچىۋالا كەمتەر بولۇپ كەتمەڭ.
@mastura
مەن ئاكىڭىز بىلەن تەڭ قاتاردا تۇرالايدىغانلاردىن ئەمەس. ئاكىڭىزنىڭ يېشى مەندىن كىچىك بولسىمۇ، بىر يەرگە كەپ قالساق، كەسپىي جەھەتتىنمۇ تەلىم ئالمىسام، يەنە بىر جەھەتتىنمۇ كەينىگە ئۆتۈپ ئىختىدا قىلمىسام بولمايدۇ.
ئۆزىڭىزگە كەلسەك، بىر ۋاقىتلاردا، تورنىڭ بىر يەرلىرىدە بىر بالام قۇچىقىمدا، يەنە بىرىنى يېتىلەپ، يولدىشىم بىلەن تۆتىمىز ئېھرام باغلاپ دەپ يېزىپتىكەنسىز. ئوقۇپ سىلەر ئۈچۈن شۇنچە خوشال بولغان ۋە ھەۋىسىم كەلگەن ئىدى. يېقىندا ئىزدىنىشتىكى بىر ئىنكاسىڭىزدىكى بىر بالامدىن ئايرىلىپ قالدىم دىگەن ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. بۇ تېمىدىمۇ، سىڭلىمىز پەخىرىيە ئۈچۈن خوشال بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئىنسان دىگەن ئاجايىپ ئىكەن، بەك يىراقتىكى، بىر-بىرىنى بىلىشمەيدىغان، كۆرۈشۈپ باقمىغانلارمۇ بىر-بىرىنىڭ خوشاللىقىغا كۈلەلەيدىغان، قايغۇسىغا ھەسرەتلىنەلەيدىغان. (بۇ تېما ئىككىمىزنىڭ دىئالوگىغا ئايلىنىپ كەتمىسۇن، مەن توختىدىم.)
چاڭ چىقىرىپ ئۇقۇغانلارغا بىرخىل ھۆرمىتىم بار.
ھەرجايدا ئامان بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
تولىمۇ ئىسىل ئىش بوپتۇ!بۇ سىڭلىمىز ئۈچۈن ئىتايىن خوش بولدۇم.
كىمكەن ئۇ ھارۋاردتا ئوقۇۋاتقان خوتەنلىك سىڭلىمىز؟
بىلىدىغانلار مەلۇمات بېرىۋېتىڭلار،بىلىپ قالايلى
altay دەپ بىر تورداش شۇ توغرىلىق مەزمۇندا ئىنكاس يېزىپتۇ تاشپولات ئاكىنىڭ تېمىسىغا
مۇبارەك بولسۇن، ئالى بىلىم يورتىداتوغرا ئىتقادتىن ئېزىپ كەتمەي ياخشى نەتىجىلەرنى يارتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. باسقان قەدىمىڭىز ئوتۇغلۇق بولغاي. بىلىمخۇمار ۋە بىلگەجانغا ئوخشاش ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاشۇلارغا ئوخشاش بىزلەرنى ياخشى تىمىلار بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى ئىز باسار بولغايسىز. ئاللاھ سىزگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن.
مۇبارەك بولسۇن! ھەي ئىست ئۈمۈدسىزلىككە تولغان ئارزۇلا...
نىمە كەسىپتە ئۇقۇيدىكەن بۇ خانقىز؟
ماۋۇ تىمىنى ئۆزنىڭ تىرىشماسلىقىدىن كۆرمەي ئۆزمىللىتىدىن كۆرۈپ ئۇيغۇرلىقىدىن نومۇس قىلدىغانلار كۆرسە بولغىدەك؟؟؟
پەخىرلەنمەي تۇرالمىدىم! ئالىملىرىمىزغا يېڭى نامزات قوشۇلۇپتۇ!
mihman123 يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 18:55 static/image/common/back.gif
نىمە كەسىپتە ئۇقۇيدىكەن بۇ خانقىز؟
مىدىتسىنا
ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپتىكەن.{:101:}
راستىنلا خوش خەۋەر ئىكەن . ۋەتەن ، ئۆزلۈك قاراشلىرىنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ يالقۇنجاپ ئۇتۇق قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
مۇبارەك بولسۇن. تىرىشقانلار ھامان يەردە قالمايدىكەن ، ئوقۇشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
يارايسىز،.پەخىرىيە،،.بىلىملىك كىشلىرمىز بىز ۇچۇن. شەرەپ،ھەم بايلىق
mihman123 يوللىغان ۋاقتى2015-03-10 18:55:16 static/image/common/back.gif
نىمە كەسىپتە ئۇقۇيدىكەن بۇ خانقىز؟
مۇھىت ئىلمى ، ئەرقال تاراتقۇسىدا باركەن.
kanje يوللىغان ۋاقتى2015-03-10 21:37:47 static/image/common/back.gif
مىدىتسىنا
مىدىتسىنا ئەمەس، بىيجېڭ ئۇنىۋىرىسىتىدا ئوقۇغۇنى مىدىتسىنا ، ھازىر قوبۇل قىلىنغىنى مۇھىت ئىلمى.