bilgejan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

(bilgejan) يەنە بىر "ھەممىگە داۋا" شەربەت - كىيانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 23:54  

يەنە بىر "ھەممىگە داۋا" شەربەت - كىيانى
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

ئىلاۋە: ئۆتكەن ئايدا "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟ ناملىق ماقالەم بىلگە بىلوگى، ئىزدىنىش تورى، مىسرانىم تورى ۋە ئۇچۇر تورى قاتارلىق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى كەڭ تارقالدى ھەمدە جەمئىيتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن، ئىنچىكىرەك ئويلىنىپ بېقىشقا چېلىنغان بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بولۇپ قالدى. مەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن كىيانى مەھسۇلاتلىرى، CMD ئىچىملىكى، ئورفىلەم مەھسۇلاتلىرى ۋە جۇڭگودا ئىشلەنگەن كوللاگېنلىق پېپتىد قاتارلىق بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلار ھەققىدە سورىغان يۈزلىگەن سوئاللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ماقالىدىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە زادى قانداق ئويلاشنى بىلەلمەي سەل گاڭگىراپ قالغانلىقىنى ئېيتىشتى. مەن مەزكۇر يازمام ئارقىلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى بىر قاتار مۇھىم، ئىلمىي قاراشلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمەن. بۇ ماقالىنى ئوقۇسىڭىز سىز ئوزۇقلۇق، ۋىتامىنلار ۋە شۇ خىل ماددىلارنى تەمىنلىگۈچى مەھسۇلاتلار (ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى) ھەققىدىكى توغرا چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايسىز. مەزكۇر ماقالىدە يەنە كىيانى مەھسۇلاتلىرى ۋە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان باشقا مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى مەن ئىزدىنىپ ئېرىشكەن بىر قىسىم ئىشەنچلىك يەكۈنلەرنىمۇ دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن. ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن ساغلاملىق يېمەكلىرى بىلەن دورىلارنىڭ پەرقلىرى، ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ھەققىدە تېخىمۇ ئىنچىكە توختىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەزمۇنلارنى كېيىنچە ساغلاملىق ھەققىدە يېزىۋاتقان كىتابىمدا تونۇشتۇرىمەن.

تۆۋەندىكىسى ئانىسىنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاشقا كىيانى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىككىلىنىپ قالغان بىر پەرزەنتنىڭ ماڭا يازغان خېتى:

ماڭا بۇنىڭغا ئوخشاش خەتلەر كۆپلەپ كەپ تۇردى. كېسەل ئالدىدا ئامالسىز قالغان كىشىلەر مەھسۇلاتنىڭ تەشۋىق ئېلانىنى كۆرۈپ ئىشەنمەي دېسە يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى دەمسىز، ئۆپكە تۇبېركۇليوز، بۆرەك ئاجىزلىقى دەمسىز، مەيلى ئەرلەر ۋە ياكى ئاياللارنىڭ بولامدۇ ئىشقىلىپ سىز ئاڭلاپ باققان كېسەللەرنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك داۋالايدۇ، دەپ تۇرغان. بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش جەريانىدا بەزى ئادەمنىڭ رايىنى قاچۇرىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلۈكى ياكى چىقىمنىڭ يۇقىرىلىقىدىن رايى يېنىپ تۇرغان بەزى بىمارلار ئەمدى مۇشۇ ئېلان قىلىنغان  "ھەممىگە داۋا" دورىلارنى ئىشلىتىپ دوختۇرخانىدىن يىراق تۇراي دەپ ئويلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن راك كېسىلى قاتارلىق چوڭ كېسەللەرنى داۋالاش، ساقايتىش ئۈنۈمى بارمۇ؟

ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دورا ئەمەس ھەم كېسەل داۋالىمايدۇ. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا ھەر خىل ئېلانلاردا تەشۋىق قىلىنغان نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنى داۋالايدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار پۈتۈنلەي پاكىتسىز بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ ئۆز تەتقىقاتچى خادىملىرىمۇ بۇ مەھسۇلاتلارنى دورا دەپ قارىمايدۇ ۋە كېسەل داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ دېمەيدۇ. گەرچە كىشىلەر ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ھەققىدە بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما يېڭىدىن چىققان ھەر خىل يېڭىچە ناملاردىكى ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن ياكى چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن "ھەممىگە داۋا" دەپ تەشۋىق قىلىنغان دورىلارنىڭ زادى نېمىلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان. نونى شەربىتى دېگەن ئىچىملىكمۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئېھتىياجى بارلار ئىستېمال قىلسا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ خىل ۋىتامىن تولۇقلايدىغان شەربەتلەرنىڭ رولى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ساقايماس كېسەللىرىنى دوختۇرغا بارماي شەربەت ئىچىپلا داۋالىتاي دەپ ئويلاپ قالغان.

دەسلەپ كىيانى مەھسۇلاتى دېگەن زادى قانداق مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن كىيانى شىركىتىنىڭ باش بېكىتىگە كىرىپ قارىسام (http://www.kyanisupplementsonline.com/) كىيانى يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرىنىڭ ئۈچ تۈرى بار ئىكەن: بۇلار كىيانى ئەتىگەنلىك شەپەق، كىيانى كەچكى شەپەق ۋە كىيانى نىترو XF. شىركەت تور بېتىدە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك پايدىسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ:
1. سىز ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ۋە مېنىراللارنى تەمىنلەيدۇ
2. بەدىنىڭىزنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاسرايدۇ، ساقلايدۇ ۋە قوغدايدۇ
3. ئۇلار ئەركىن رادىكاللارنى نېيتراللاشتۇرىدۇ، شۇڭا كېسەل خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىپ سىزنى ئەڭ ساغلام تۇرۇشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ
دېمەك، بۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق ۋە مېنېراللارنى تولۇقلايدىكەن ۋە شۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ساقلاش ۋە ئاسراش رولىنى ئوينايدىكەن. يەنە بىرى، بۇ مەھسۇلاتلار تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار ئەركىن رادىكاللارنى نېيتىراللاشتۇرىدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق كېسەل خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كىيانى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان ئامېرىكىدىكى شىركەتمۇ بۇ مەھسۇلاتنى دورا دەپ ساتماپتۇ. ھەر ھالدا ئىشەنچلىك بولسۇن ئۈچۈن، مەن ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) گە ئېلخەت يازدىم ۋە تۆۋەندىكى جاۋابنى تاپشۇرۇۋالدىم:

بۇ خەتتە ئاساسلىقى FDA بۇ مەھسۇلاتنىڭ يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرى قاتارىغا كىرىدىغانلىقى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن  FDA قانۇن بويىچە بۇ مەھسۇلاتنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقى ۋە مېنىڭ بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولسام «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە قوللىنىشچان ئوزۇقلۇقلار مەركىزى» دېگەن ئورگان بىلەن ئالاقە قىلسام بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن شۇ مەركەز بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشتىم ۋە ئۇلار ئەگەر مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان شىركەت بۇ مەھسۇلاتقا ئېنىق قىلىپ «يېمەكلىك تولۇقلىمىسى» دەپ يازغان بولسا ۋە FDA تەرىپىدىن كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكەن دورا دەپ يازمىغان بولسا بۇ شىركەتنىڭ تور بېتىدە يازغانلىرىنىڭ قانۇن دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بۇنىڭدىن بىز ئىككى نەرسىنى ئېنىق بىلىۋالالايمىز.
بىرىنچىسى، كىيانى مەھسۇلاتلىرى دورا ئەمەس، بەلكى يېمەكلىك تولۇقلىمىسى، شۇڭا دورا ئورنىدا كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلمەيدۇ.
ئىككىنچىسى، بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغان شىركەت پۈتۈنلەي قانۇن دائىرىسى ئىچىدە سودا ئېلىپ بارىدىغان، يوللۇق بىر شىركەت.

بىز كۆرۈۋاتقان ئېلانلاردا كىيانى مەھسۇلاتلىرى قانداق تەشۋىق قىلىندى؟

مەن كىيانى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرگەن ئېلانلىرىدىن نۇرغۇننى كۆردۈم، بەزىلىرىدە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ راك كېسىلى، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىدىن تارتىپ، ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىق ۋە ھەر خىل ئاياللار كېسەللىرىگىچە بولغان 20 خىلدىن ئارتۇق كېسەللەرگە شىپا قىلىدىغانلىقى دېيىلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىدە تېخى كىيانى شەربىتىنى تاپقان ئالىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دەۋالغان بولۇپ، يالغانچىلىقتا ئۇچىغا چىققان دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ. بۇ ئېلانلاردىكى دارۋاڭلار ئىچىدە پەقەت ئۈچ ئېغىز گەپتىن باشقىسى شىركەت دېگەن پايدىسى بىلەن بىردەك ئەمەس ئىكەن: يۈز پىرسەنت تەبىئىي، بەدەنگە كەم بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ۋە مىنرال ماددىلارنى تولۇقلايدۇ، ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

كىيانى شىركىتىنىڭ ھەقىقەتەن بىر تەتقىقات قوشۇنى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە "ئاق تاشلىق ماقالە" ئېلان قىپتۇ. تۆۋەندىكىسى كىيانى ئەتىگەنلىك شەپەق ناملىق مەھسۇلاتى ھەققىدە كىيانى تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق ماقالىنىڭ بىرىنچى بېتى بولۇپ، بۇ ماقالىدە ئۇلار ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن:
كىيانى مەھسۇلاتلىرى ۋە باياناتلىرى FDA تەرىپىدىن باھالانمىغان. كىيانى مەھسۇلاتلىرى ھەر قانداق كېسەل ياكى بىنورماللىق ئۈچۈن دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش، ساقايتىش ياكى ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ.

كىيانى ئېلانلىرى ئىچىدە ئادەمنىڭ ئەڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغىنى «راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش» ۋە «ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى» نى داۋالاش دېگەن گەپلەر بولۇپ، بۇ گەپ بويىچە بولغاندا كىيانى شەربىتىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن يەر شارىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەردىن بولغان راك كېسىلى ۋە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتسە توغرا بولاتتى. يەنە كوللاگېنلىق پېپتىد ۋە CMD مىنېرال ئىچىملىكى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ مۇشۇنىڭدەك ۋە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۆپتۈرگەن ئېلانلار ئۇچراپ تۇرىدىكەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ مەھسۇلاتلار قولدىن قولغا ئۆتۈپ سېتىلىدىغان بولغاچقا، پايدىنى كۆزلىگەن ساتقۇچىلار يالغان ۋەدىلەر ئارقىلىق بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئوبرازىغا داغ يەتكۈزگەن ۋە شىركەت تەرەپنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى دېگەن ئەقىلغا مۇۋاپىق ئېلانىغىمۇ كىشىنى گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغان ھالاتكە يەتكۈزۈپ قويغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەھسۇلاتلارنى شىركەتنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا دېيىلگىنى بويىچە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن ئىستىمال قىلسا شۇ خىل ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەھسۇلاتلارنى قانچە كۆپ ساتسا پايدىنىڭ ئەڭ كۆپى ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرگە تېگىدۇ، ئاندىن قالسا ساتقۇچىلارغا تېگىدىغان بولغاچقا، ساغلاملىق مەھسۇلاتى ساتقۇچىلار ئەمەلىيەتنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرماقچى بولغان بولۇشىنى ئويلاپ يېتىش تەس ئەمەس. بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىش كېرەك، ئەمما راستنى راست دېيىش، ئەكسىچە مەھسۇلات ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈپ كىشىلەرنى ئالدىمىغان ئاساستا سېتىش لازىم. ئاددىيسى، بۇ مەھسۇلات راك كېسىلىمنى داۋالايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بىر بىمار، مۇشۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ئىچىپلا، باشقا داۋالاشلارنى ئۈزۈپ قويسا ئېنىقكى مەيلى بىمار ئۆزىنى ئۆلۈمگە يېقىنلاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن چۈنكى راك ھۈجەيرىلىرى ھەر مېنۇت-ھەر سېكۇنت بۆلۈنۈپ كۆپيىىپ بارىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلارنى باشقا داۋالاش بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا ئۇ ھالدا ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ قارشى پىكىرىم يوق.
مەن يۇقىرىدىكى خەتكە مۇنداق جاۋاب قايتۇردۇم:
"ئالدى بىلەن ئانىڭىزنىڭ كېسىلىنىڭ تىزراق ساقىيىپ كېتىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن. سىز كىيانى ساغلاملىق مەھسۇلاتىنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئانىڭىزنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بار يوقلۇقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپسىز. بۇ ئىشتا مېنىڭ پىكىرىمنى ئالماقچى بولغانلىقىڭىزغا رەھمەت. سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى ئورۇنداش ئۈچۈن مەن تەپسىلىي ئىزدىنىپ كۆردۈم ۋە سىزگە ئەپسۇسلانغان ھالدا ئۇقتۇرۇدىغىنىم بۇ مەھسۇلاتنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتالايدىغانلىقى ۋە ياكى ھەر قانداق داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىلمىي دەلىللەر مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىڭىز بۇ مەھسۇلاتلارنى پەقەت ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۇنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىقى ئۈچۈن مەلۇم پايدىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئانىڭىزنىڭ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خېمىيىلىك داۋالاشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ھەرگىزمۇ بۇ مەھسۇلاتنى دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ باشقا داۋالاشلارنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ".

CMD ئىچىملىكى، ئورفىلەم مەھسۇلاتلىرى ۋە كوللاگېنلىق پېپتىد قاتارلىقلار قانداق مەھسۇلاتلار؟

قويۇقلاندۇرۇلغان مېنېرال تىمىتمىسى CMD دەپ ئاتالغان بۇ مەھسۇلات ھەققىدە قىسقىچە ئىزدىنىپ كۆردۈم. بۇ مەھسۇلات ھەرخىل ئىئونلۇق مىنېرال ماددىلارنى تەمىنلەيدىغان يەنە بىر ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئىكەن، ئەمما ھەر قانداق كېسەلنى داۋالايدىغانلىقى ھەققىدە ئىلمىي ئىسپاتلارنى ئۇچراتمىدىم. بىر قوشۇق CMD تەركىبىدىكى مېنېرال ماددىلار يېرىم ئىستاكان دېڭىز سۈيىدىكى ناتىرىي خىلور ياكى تۇزنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مېنېرال ماددىلارغا تەڭ كىلىدىكەن. يەنى بۇ مەھسۇلاتنى ئىستېمال قىلسىڭىز تۇزسىزلاندۇرۇلغان دېڭىز سۈيىنى ئىچكەن بىلەن باراۋەر بولىدىكەن. دېڭىز سۈيىدە مول مېنېرال ماددىلار بولغانغا ئوخشاش ئامېرىكا يۇتا شىتاتىدىكى چوڭ تۇزلۇق كۆلدىن ئېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بۇ CMD مەھسۇلاتىدىمۇ مول مېنېراللار ماددىلار بار بولىدىكەن. شۇغىنىسى، مېنېرال ماددا تولۇقلاش ئارقىلىق ھەر خىل چوڭ كېسەللەرنى ساقايتىش پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ.

كوللاگېنلىق پېپتىدمۇ ئوخشاشلا بىر ساغلاملىق مەھسۇلاتى، باشقا بارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش ئۇلار كىلىنىكىلىق سىناق ئارقىلىق ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى ئىلمىي ئۇسۇلدا دەلىللەشتىن ئۆتمەيدۇ. پېپتىد ۋە ئاقسىل دېگەندەكلەر مۇھىم بولغان ئۈچ چوڭ ماكرو ئوزۇقلۇقنىڭ ئىچىدىكى بەدەنگە مۇھىم بولغان ئاقسىل تۈرىگە كىرىدىغان ماددىلار. ئادەتتە گۆش، سۈت، تۇخۇم ۋە پۇرچاقلاردا كۆپ تېپىلىدۇ. كوللاگېنلىق پېپتىد مۇشۇ چوڭ تۈردىكى ماددىلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، گېلاتىن (gelatin) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ماددا ئادەتتە گىرىم بۇيۇملىرى، بىر قىسىم دورىلار ۋە يېمەكلىكلەردىكى قوشۇمچە تەركىب سۈپىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ماددا بولۇپ، گېلاتىننىڭ مەنبەسىگە قاراپ ھالال ياكى ھارام دەپ ئايرىلغاچقا بىز چەتئەلدە ھەر قانداق يېمەكلىك سېتىۋالساق گېلاتىن بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. گېلاتىن ئادەتتە گۆش كەمپۈت ياكى شۇنىڭدەك يۇمشاق ۋە سوزۇلۇشچان يېمەكلىكلەر، ماروژنا قاتارلىقلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ماددىنىڭ قانداق قىلىپ كېسەل داۋالايدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. پەقەت قىسمەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدە بۇ ماددىنىڭ چاچ ۋە تىرناق ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئېنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، مەيلى كىيانى بولسۇن ۋە ياكى كوللاگېنلىق پېپتىد، CMD مىنېرال تىمىتمىسى، ۋە ئورفىلەم ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بولسۇن، ھەممىسى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ياكى يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەر قانداق كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتمىگەن ۋە ھەر قانداق كېسەلنى داۋالايدىغانلىقى ئىلمىي دەلىللەنمىگەن. بۇ مەھسۇلاتلار ھەممىسى تەبئىي مەھسۇلاتلار بولۇپ بەدەنگە كېرەكلىك بولغان مېنېراللار ۋە ۋىتامىن قاتارلىق مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەمىنلەيدىغانلىقى راست، شۇنىڭ ئۈچۈن شۇلارنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدۇ، ھەمدە كېسەل بىلەن داۋالىنىۋاتقانلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ساقلاپ قىلىشنى ۋە شۇ ئارقىلىق كېسەلگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاپ ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ، لېكىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كېسەلنى ساقايتىدىغان دورا دەپ قاراپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. يۇقىرىدىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئورفىلەم مەھسۇلاتلىرى نۆۋەتتە ھامىلىدار ئاياللاردا كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزلۈۋېتىپتۇ ۋە 2016-يىلى 3-ئايدا تامامالانغۇدەك. (https://clinicaltrials.gov/ct2/show/study/NCT02190565). بۇنىڭ نەتىجىسى چىققۇچە، ئورفىلەم مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە باھا بەرمەيمەن.

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي پاكىتلار نېمە دەيدۇ؟

بىز بىر مەسىلىگە باھا بېرىشتىن بۇرۇن شۇ ئوبىكىت ئۈستىدە مەلۇم پاكىتلىق بىلىملەرگە ئىگە بولۇشىمىز زۆرۈر. مەلۇمكى، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكانلار كۆپ خىل مىنېرال ۋە ۋىتامىنلارنى ئىستېمال قىلىش يۈرەك كېسىلى ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رولى بار، دەپ ئىشىنىپ كەلگەن ۋە شۇ سەۋەبتىن يىللاردىن بىرى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ كۈندە ھەر خىل مىنېرال ۋە ۋىتامىن تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىپ كەلگەن. ئۇنداقتا مېنېراللار ۋە ۋىتامىنلارنىڭ راستىنلا شۇنداق رولى بارمىدۇ؟

يەنىلا پاكىت بىر نېمە دېسۇن: 2013-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئىنسان مۇلازىمىتى مىنىستىرلىكى باشقۇرۇشىدىكى ئامېرىكا كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇلازىمىتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى ھازىرغىچە ئىشلەنگەن كىلىنىكىلىق سىناقلارنى خۇلاسىلەپ بىر ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان (بۇ يەردىن كۆرۈڭ:http://annals.org/article.aspx?articleid=1767855 ) ۋە بۇ ئىلمىي پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ كۆپ خىل ۋىتامىنلار، مىنېرال تولۇقلىغۇچى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا دېيىلىشىچە،  كىشىلەردە پەقەت ۋىتامىن كەمچىللىكى كۆرۈلگەن بولسا ئاندىن ۋىتامىن تولۇقلايدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلىدىكەن. بىراق ۋىتامىن كەملىكى كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا كۈندە ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ھېچقانداق پايدىسى يوق بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە بەزى ۋىتامىنلارنىڭ (مەسىلەن ۋىتامىن E) زىيىنى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ بايانات جامائەتكە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىدى ۋە ئامېرىكىدىكى مىليارد دوللارلىق بازار ھېسابلىنىدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان شىركەتلەر ئۈچۈن ۋىتامىنلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولىدىغان دەۋر بەلكىم ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دېگەن ئۇقۇم سەل مۇجىمەل بولۇپ، ئەسلىدە يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرى دەپ ئاتالسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولاتتى، دەپ قارايمەن. ئىنگىلىزچىدىكى يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرى (dietary supplement) دېگەن ئۇقۇم دەل بىز دەۋاتقان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھېچبولمىغاندا مەن ئۈستىدە تىلغا ئالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى دەل يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرى قاتارىغا كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ ماقالىدە دېيىلگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئۇقۇمىنى يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرى بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلىمەن.  ساغلاملىق مەھسۇلاتى ھەققىدە مەن تۆۋەندىكى سوئال-جاۋابنى تەييارلىدىم. بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) ئېلان قىلغان ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلەردىن كەلگەن (بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://ods.od.nih.gov/Health_Inf ... sked_Questions.aspx).

1-سوئال: ساغلاملىق مەھسۇلاتى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: يېتەرلىك مىقداردا ئىستېمال قىلىنماسلىق ئېھتىمالى بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلغان ماددىلار يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرى ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتى دەپ ئاتىلىدۇ.

2-سوئال: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋىتامىنلار، مېنېراللار، تالا، ماي كىسلاتاسى، ئامىنو كىسلاتاسى، مېدىتسىنا ئۆسۈملۈك دورىلىرى ۋە شۇ خىل ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىۋىلىنغان ماددىلار ياكى مۇشۇ ماددىلارنىڭ بىر نەچچە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-سوئال: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟
جاۋاب: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بەدەنگە كېرەكلىك بولغان زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

4-سوئال: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى كېسەل داۋالامدۇ؟
جاۋاب: ياق، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئادەتتە كېسەل داۋالاش، دىئاگنوز قويۇش، كېسەلنى يەڭگىللىتىش، ساقايتىش ياكى ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولمايدۇ. ۋىتامىنلار زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئەكسىچە ساغلاملىققا زىيانلىق. دىققەت: ۋىتامىنلارنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا، بەزى ۋىتامىنلارنى دائىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش ساغلاملىققا پايدىلىق.

5-سوئال: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كىملەر، قانداق ئەھۋالدا ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
جاۋاب: بارلىق مىنېرال ۋە ۋىتامىنلار كىشىلەر ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكتە تېپىلىدىغان بولۇپ، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار تەكشى ۋە مول مىقداردا تېپىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر ھەر قانداق ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئىستېمال قىلمىسىمۇ بولىدۇ. دوختور تەكشۈرگەندىن كېيىن مەلۇم مىنېرال ياكى ۋىتامىن كەمچىللىكى بايقالغان كىشىلەر ۋە ياكى كۈندىلىك ئىستېمالىدا ۋىتامىن ۋە مېنېراللار كەمچىل بولغان كىشىلەر ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلىسا شۇ خىل ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ياكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئازايتالايدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق، ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئامالسىز بولغانلىقى ياكى يېتەرلىك ئىستېمال قىلماسلىق ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىسا بەدەن ساغلاملىقىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بولىدۇ. ئەمما ھەر قانداق كىشى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كېسەل داۋالايدۇ دەپ قاراپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

6-سوئال: قايسى خىل ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىلىرىنى دائىم ئىستېمال قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئىنسان مۇلازىمىتى مىنىستىرلىكى باشقۇرۇشىدىكى ئامېرىكا كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇلازىمىتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۆۋەندىكى 4 خىل ماددىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ بەدەننىڭ ئومۇمىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ۋە بىر قىسىم كېسەللەرنى داۋالاش ياكى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق دەلىللەنگەن:
1. كالتسىي ۋە ۋىتامىن D قاتارلىقلار سۆڭەكنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشنى ئازايتىشتا مۇھىم.
2. فولىك كىسلاتاسى (ۋىتامىن B9 دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بوۋاقلارنىڭ بىر قسىم تۇغما كېسەللەر بىلەن تۇغۇلۇش خەۋىپىنى ئازايتىدۇ.
3. ئومېگا-3 ماي كىسلاتاسى (بېلىق مېيىدىن كېلىدۇ) بىر قىسىم يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەرگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپتۈرۈپ ئېلان قىلىپ سېتىۋاتقان قېرىنداشلارمۇ بەلكىم باشقىلار ئۇلارنى سېتىشقا قىزىقتۇرۇپ ئېيتقان گەپلەر بىلەن راست شۇنداق ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بىر دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتىنىڭ كېسەل داۋالاش ئۈنۈمى بار-يوقلۇقىنى ھەرگىزمۇ بىر قىسىم كىشىلەر دوكلات قىلغان ئاغزاكى بايانلارغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى چوقۇم بىر كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈش لازىم بولىدۇ. كىلىنىكىلىق سىناقلاردا ئادەتتە كەم دېگەندە ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەر بولۇپ، ساغلاملىق ئەھۋالى ئوخشىشىدىغان ئىككى گۇرۇپپا ئىچىدىكى مەقسەتسىز تاللانغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە سىناق قىلىنماقچى بولغان ماددا بېرىلىدۇ، يەنە بىر توپ كىشىگە بولسا پەقەت تەسەللىي دورا بېرىلىدىغان بولۇپ ئىچىدە ھېچقانداق كېسەل داۋالاش ئۈنۈمى يوق تەركىبلەرلا بولىدۇ. بىر ياكى بىر نەچچە يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بۇ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈپ سىتاتىستىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئانالىز قىلغاندىلا ئاندىن ئىشەنچلىك ھالدا سىناق قىلىنغان دورىنىڭ ئۈنۈمى بار-يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە قىستۇرۇپ قويىدىغىنىم، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان تەسەللىي دورا (پىلاسىبو) ئېففېكتى تەسىرى بىلەن بەزى كېسەللەر پەقەت ئۆزىنىڭ يەۋاتقان دورىسىنى مېنى داۋالايدۇ دەپ ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا بەزى ياخشىلىنىشلار بولىدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ، ئەمما بۇ كۆپىنچە ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولۇشى، كەيپىيات ياخشى بولۇش، كۈچ-ماغدۇرى بار ھېس قىلىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ھەرگىزمۇ راك كېسىلىگە ئوخشاش چوڭ كېسەللەرنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىمايدۇ. ئەگەر كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتمىگەن ھەر قانداق «دورا» دەپ سېتىلغان مەھسۇلاتقا يولۇقسىڭىز چوقۇم دوختۇردىن تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئادەتتىكى دورىلارغىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇشتا پەرقلەر بار بولۇپ، بىراۋغا پايدا قىلغان دورا يەنە بىرەيلەنگە پايدا قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكەن دورىلار ئىشلەتسە بولىدۇ دېگەن توپتىكى كۆپ قىسىم ئادەملەردە ئۈنۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن تەستىقتىن ئۆتۈپ بازارغا سېلىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بۇ جەرياننى بېسىپ ئۆتمەيدۇ چۈنكى ئۇلار ئەسلىدىنلا دورا ئەمەس. ئەگەر كىيانى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانىدا دېيىلگەندەك راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدىغان دورا چىقسا، ئۇ ھالدا راك كېسىلى تەتقىقاتىغا سېلىنىۋاتقان مىليارد دوللارلىق مەبلەغنى تەتقىقاتقا سالماي شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا سالسىلا مەسىلە ھەل بولاتتى، ئەپسۇسكى ئۇنداق ئاسان ئامال تېخى مەيدانغا كەلمىدى. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن ۋە ياكى مېنېراللار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئىستېمال قىلسا بۇ ماددىلار كەمچىل بولۇپ قالغان ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىسى بولۇشى مۇمكىن، بىراق يەنە بىر تەكىتلىسەم بۇ دورىلار راك كېسىلىنى ياكى ۋىتامىن كەمچىللىكىدىن كۆرۈلگەن كېسەللەردىن باشقا ھەر قانداق كېسەلنى داۋالاش، ساقايتىش رولىغا ئىگە ئەمەس. شۇڭا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى كېسەل داۋالاش مەقسىتىدە ئىستېمال قىلىنماسلىقى لازىم.

قىسقىچە خۇلاسە

1. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋە شۇ ئارقىلىق ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىممۇنىت كۈچىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

2. كالتسىي، ۋىتامىن D، فولىك كىسلاتاسى ۋە ئومېگا-3 قاتارلىق مىنېرال، ۋىتامىن ۋە ماي كسلاتاسى تۈرىدىكى يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرىنىڭ ئۈنۈمى بارلىقى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق دەلىللەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس مۇشۇ ماددىلارنى تەمىنلەيدىغان ۋە ياكى مۇشۇ ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشنىڭ ھەقىقىي پايدىسى بار.

3. ھامىلىدار ئاياللار چوقۇم ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدى ۋە جەريانىدا فولىك كىسلاتاسى (ۋىتامىن B9) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ۋىتامىنلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بالىسىنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

4. ئىستېمال قىلغان يېمەكلىكىدە يېشىل كۆكتات، پۇرچاق، مېۋە-چېۋىلەر كەمچىل بولغان ئەھۋالدا كۆپ خىل مېنېراللار ۋە ۋىتامىنلارنى تەمىنلەيدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق، لېكىن بۇ ماددىلار كېسەللەرنى ساقايتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئەمەس.

5.  يېقىندا خوتەندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يېمەكلىكىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە (http://d.wanfangdata.com.cn/Periodical_xjykdxxb201408026.aspx)، ئۇيغۇر بالىلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن  بالىلار ۋە چوڭلار ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا ھەر خىل ئوزۇقلۇق ۋە ۋىتامىنلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

6. ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانلىرىدا ئېغىر كۆپتۈرۈش ھادىسىسى مەۋجۇت، بۇ ھادىسە پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئېلانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى توغرا بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇڭا بۇ خىل ئېلانلارغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ئەيدىز كېسىلى، راك كېسىلى، يۈرەك كېسەللىرى، جىنسىيەتنى كۈچەيتىش، ئورۇقلىتىش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ساقايتىدۇ دەپ ئېلان بېرىلگەن دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئىشەنچىلىك دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىڭ. بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بۇنى دورا دەپ چۈشىنىپ قىلىپ راك ياكى باشقا كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورىلار ۋە باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىنى رەت قىلسىڭىز بولمايدۇ.

سىز ئىشەنچسىز ئۇچۇرنى ئويدۇرۇپ چىققۇچى بولسىڭىزمۇ ياكى ئۇنى تارقىتىشىپ بەرگۈچى بولسىڭىزمۇ ئوخشاشلا باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. ھازىرقى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلۈكىدىن قايسىسى راست قايسىسى يالغان بىلىشمۇ تەس بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما ئىنتېرنېت ھازىر كىشىلەرنى ئىزدىنىپ بېقىش ۋە ئۇچۇرلارنى دەلىللەشتەك قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مېنىڭچە ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار چوقۇم راست-يالغىنىنى ئايرىشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلار قاتارىدىن بولغاچقا، ئېلاندا ئاڭلىغانلىرىڭىزغا ئاۋۋال گۇمان بىلەن قاراڭ، ئاندىن ئىزدىنىپ كۆرۈپ ئىلمىي پاكىت ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بار بولغان مەلۇماتلار ۋە پاكىتلارغا (ئاڭلىغان گەپكە ئەمەس) ئاساسەن ئىشىنىش ۋە ياكى ئىشەنمەسلىكنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۆزىڭىز بىلەلمەي قالغاندا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى بىلىملىك كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئاڭلاپ بېقىشمۇ يەنە بىر ئاقىلانە ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن.
بىلگەجان
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
مەنبەلەر:
http://annals.org/article.aspx?articleid=1789253
Guallar E, Stranges S, Mulrow C, Appel LJ, Miller ER (December 2013). "Enough is enough: Stop wasting money on vitamin and mineral supplements". Ann. Intern. Med. (Editorial) 159 (12): 850–1.
http://annals.org/article.aspx?articleid=1767855
Fortmann, SP; Burda, BU; Senger, CA; Lin, JS; Whitlock, EP (Nov 12, 2013). "Vitamin and Mineral Supplements in the Primary Prevention of Cardiovascular Disease and Cancer: An Updated Systematic Evidence Review for the U.S. Preventive Services Task Force.". Annals of internal medicine 159 (12): 824–34.
http://jama.jamanetwork.com/article.aspx?articleid=201254
Lichtenstein, Alice H.; Russell, Robert M. (2005). "Essential Nutrients: Food or Supplements?". JAMA 294 (3): 351–8.
http://ods.od.nih.gov/Health_Information/ODS_Frequently_Asked_Questions.aspx
http://www.cancer.gov/cancertopics/causes-prevention/risk-factors/diet/antioxidants-fact-sheet
http://assets.kyani.net/documents/us/Sunrise_Science_White_Paper-07.14-EN-ALL.pdf
http://www.fda.gov/Food/ResourcesForYOu/Consumers/ucm109760.htm
http://www.fda.gov/RegulatoryInformation/Guidances/ucm125182.htm
https://clinicaltrials.gov/ct2/show/study/NCT02190565

ئەسكەرتىش: مېنىڭ ھەر قانداق بىر ساغلاملىق مەھسۇلاتى بىلەن بىر تەڭگە چاغلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىم يوق ۋە بۇ ماقالىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلارنى ساتقۇچىلار بىلەنمۇ ھېچقانداق پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىم يوق. مەن بىر بىتەرەپ بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كىشىلەردىن كەلگەن تەلەپلەرگە ئاساسەن ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ بۇ ماقالىنى خالىسانە يېزىپ سۇندۇم. بۇ ماقالىگە قارىتا ھەر قانداق پىكىرى بارلار بۇ ماقالە ئېلان قىلىنىدىغان ئىزدىنىش تورى ياكى مىسرانىم تورىدا ئىنكاس قالدۇرسا ۋە ياكى مېنىڭ شەخسىي بىلوگىم بىلگە بىلوگى (http://bilge.eldawa.com/) ۋە ئېلخەت ئادرېسىم gopalwan@gmail.com ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلار پەقەت مېنىڭ شەخسىي پىكىرلىرىم بولۇپ، بۇ ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىمارلار دوختۇرنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك. دوستانە ھالدا تورداشلارنىڭ سەمىگە سالىدىغىنىم، مەن بىر دوختۇر ئەمەس، خىزمىتىم ئالدىراش ۋە خىزمىتىمدىن سىرت قىلىۋاتقان ئىشلىرىممۇ ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىمارلارنىڭ مەندىن ئۆزى ياكى يېقىنلىرىدا كۆرۈلگەن كېسەللەرنى داۋالاش ھەققىدە مەسلىھەت سورىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر مېنى بىلىدۇ دەپ قارىغان ساغلاملىققا ئائىت بىلىملەر بولسا ئېلخەت قىلسىڭىز، ۋاقتىم يەتكەندە جاۋاب قايتۇرىمەن. رەھمەت.

rock يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ، قانائەتلىنەرلىك ھەم ۋاقتىدا يېزىلغان ماقالە بوپتۇ.{:112:}

koknur يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koknur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 09:08  

‹‹كوللاگېنلىق پېپتىد مۇشۇ چوڭ تۈردىكى ماددىلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، گېلاتىن (gelatine) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ماددا ئادەتتە گىرىم بۇيۇملىرى، بىر قىسىم دورىلار ۋە يېمەكلىكلەردىكى قوشۇمچە تەركىب سۈپىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ماددا بولۇپ، گېلاتىننىڭ مەنبەسىگە قاراپ ھالال ياكى ھارام دەپ ئايرىلغاچقا بىز چەتئەلدە ھەر قانداق يېمەكلىك سېتىۋالساق گېلاتىن بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. گېلاتىن ئادەتتە گۆش كەمپۈت ياكى شۇنىڭدەك يۇمشاق ۋە سوزۇلۇشچان يېمەكلىكلەر، ماروژنا قاتارلىقلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ماددىنىڭ قانداق قىلىپ كېسەل داۋالايدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. پەقەت قىسمەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدە بۇ ماددىنىڭ چاچ ۋە تىرناق ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.››ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىككەن. رەھمەت بىلگىجان جاۋابىڭىزدىن ئىنتايىن قانائەتلەندىم ،بۇ مەزمۇننى كوپرەك تەشۋىق قىلىپ پۇرسەتپەرەس ئالدامچى،قىزىلكۆزلەرنىڭ جاجىسىنى بەرسەك .چوڭلار تېلىۋېزۇردىن بەرگەن ئېلانلارغا ئىشىنىپ بالام ئۇنۇمى باردەك قىلىدۇ ،ئىچىپ كورۇپ باقسام بولاتتى -دېسە ،قانداق قىلاتتۇق شۇ ئەپ بەرمەي بولمايدۇ ....دە -ئەلۋەتتە .چۇنكى كېسەل بولغان ئادەم ساقىيىشنى ئويلايدۇ .كوللاگېنلىق پېپتىدنى 1400 يۇەندىن بەش قۇتا ئەپ بەرگەن ئىشقىلىپ بىر يىل دوختۇرخانىغا بارماپتۇ .تىز بۇغۇملىرى ياخشى بوپ 2-3 كېلومىتىر يولنى ماڭالايدىغان بولغان تۇگىگەندىن كىيىن يەنە شۇ ئاغرىپ يول مېڭىشى تەسرەك بولدى .

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىمىلىرىمىز كۆپ، ئەمما بىلگەجاندەك بىزگە ئەمەلى نان تىگىدىغان بىلىمنى يەتكۈزىدىغانلىرى كۆپ ئەمەس، ئەتتىگەنلىك ناشتامنى قويۇپ ئالدىرماي ئوقۇپ چىقتىم.... ھەقىقەتەن پاكىتلىق، چۈشىنىشلىك، ئەسقاتىدىغان ماقالە....
بىلگەجاننىڭ يەنە داۋاملىق بىزگە مۇشۇنداق ئىسىل مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت سىزگە...
ئەپسۇس، «ئەلا» دىن ئاران بىرنى باسالايدىكەنمەن

yaziji يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

اللە ئىلمىڭىزنى تېىخمۇ زىيادە ۋە مەنپەئەتلىك ئىلىم قىلسۇن

419 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئىشقىلىپ بىر قېتىمدا گۈپپىدە ئىچىپ ئۆلۈۋالىدىغان زەھەر باركى، گۈپپىدە ئىچىپ ساقىيىپ كېتىدىغان دورا يوق.

torqicom يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن .
مۇشۇ مەھسۇلاتلارنى ساتقۇچى سۆدىگەرلەرنىڭ ئازغىنە پۇلنى دەپ ئۈزنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئالدىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

چايناپ قايماق بوپ كىتىپتۇ بۇ ماقالە ، شۇنداق چۈشىنىشلىك {:112:}

ئورفىلەم گىرىم بۇيۇملىرى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان دۇنياۋى نۇپۇزلۇق شىركەت ئىدى ، يەرشارىدىكى قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ساغلاملىق بازىرى كەڭ تۈردە ئېچىلىپ بۇلارمۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق  قىلغان ئوخشايدۇ ، ئەمۋايمۇ تۇرمۇش بۇيۇملىرى شىركىتى ئىدى ئۇنىڭ قازان ، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى دىگەندەك مەھسۇلاتلىرى يەنىلا ياخشى بۇلارمۇ بازار ئىھتىياجى بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بوپ  كەتتى ، جۇڭگۇنىڭ  پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تۈرتكىسىدە جۇڭگۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساغلاملىق بازىرى بوپ قالدى پۇتۈن داڭلىق شىركەتلەر ھە دەپ جۇڭگۇغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ ، نىيۇسكىنمۇ 500 مىليون مەبلەغ سېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساغلاملىق مەركىزىنى جۇڭگۇدا قۇردى ، ئىقتىساد نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ساغلاملىق بازىرىنىڭ ئىستىقبالى بار بوپمۇ جۇڭگۇدا ، شۇ سەۋەپ دورا ئېلانلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ بۇلىشى تەبىئىي
بىلگەجاننىڭ ماقالىسىدە دىيىلگەندەك مىنىڭچە شىركەت ، مەھسۇلاتتا مەسىلە يوق ، ھەم ئۇلارمۇ ئۇنداق كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلـمايدۇ ، ئۇلارنىڭ جۇڭگۇدىكى بازار ئاچقۇچىلىرى جۇڭگۇچە تەشۋىقات قىلىدۇ ، جۇڭگۇدا ئۈلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ بۇنى تەكشۈردىغانلا يوق ھەتتا س س ت ۋ دىمۇ دورا تەشۋىقات ئۋلانلىرىغا ئۇنچىلىك چىڭ تەلەپ قويمايدۇ ، بۇ چەك تۈۋەنگە چۈشكەنسىرى تېخىمۇ تۈۋەنلەپ ماڭىدۇ ، يەرلىك ت ۋ لارنىڭ دورا ئېلانى بىلەن سېرىق فىلىمنىڭ پەرقى يوق دەرىجىدە ،
يولداشلاردىغۇ ئىتىقاد بولـمىغاندىكىن نىمە دىسە نىمە قىلسا توسالغۇ يوق ، لىكىن بىزدە بار ئىدى ....

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ھە راست بىلگەجان ، نەدە كۈردۈم غىلپاللا ،  ئالدىنقى ماقالىڭىزدا تىلغا ئېلىنغان نونى توغرىسىدا لىللا شىركىتى نونى توغرىسىدىمۇ يا ساغلاملىق توغرىسىدىمۇ مۇتەخەسسىسلەرنى يېغىپ بىر سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپتۇ ، لىللا شىركىتى لىللا نونىسى بىلەن سىز تىلغا نونى بىرمۇ بىلـمىدىم

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ماۋۇ ماقالە رەسمى ناھايتى تەپسىلى، قايىل قىلارلىق يىزىلىپتۇ. كەڭرى تەشۋىق قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن...

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oqmeas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 13:11  

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ماشىنىنىڭ سىلىقلاش مېيىغا ئوخشايدۇ.ماشىنا يېڭى ۋاقتىدىن تارتىپ سىلىقلاش مېيىنىڭ ياخشىسىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتەلىسە بۇ ھەقىقەتەن ماشىنىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشى مۇمكىن. ئەمما براك بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ماشىنىغا ھەرقانچە ئېسىل سىلىقلاش مېيىنى قۇيسىمۇ بىكار.
بىر تاغامنىڭ تۇرمۇشى ئۇدۇللۇق تۇرۇپمۇ(ئەتىيازدا 30000نى قەرز ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىپ كۈزدە 40000لىق ھوسۇل ئېلىپ قەرز قايتۇرغاندىن كېيىن ئاشقىنىغا ئىگە بولىدىغان ئەھۋالدا) بىر موزايلىق ئىنىكىنى سېتىپ ساتقان پۇلغا پۇل قوشۇپ قازان سېتىۋالغىنى پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ

Aziz يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇرۇن، بىزنىڭ دىنىمىزغا ئىشەنمەيدىغان، نوبېل مۇكاپاتى ئالغان بىرى «ئىنتېرنېت تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان كاتتا سوۋغىسى» دەپ تەرىپلەپتىكەن. سىزنى اللە نىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا قىلغان كاتتا سوۋغىسى دەپ تەرىپلىسەك، قىلچىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بىلىم ئېلىش، ئالغان بىلىمىنى ئەلنىڭ مەنپەتى، پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھەركىمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدىكەن. كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئانىڭىزغا تاماق ئېتىپ بېرىپ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپتىكەنسىز. ئەمدى ئەلنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئەلنىڭ دۇئاسىنى ئېلىۋاتىسىز. ئەلنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلار اللە نىڭ مۇكاپاتىنى ھەم ئالىدۇ. اللە تېنىڭىزنى سالامەت، ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن، تەتقىقاتلىرىڭىزنى نەتىجىلىك ۋە بىز ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ پايدىلىق قىلىپ بەرسۇن.

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، بوۋام-مومىلىرىمدىن

يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر،
دۇئا بىلەن ئەر.

دەپ ئاڭلايتتىم. ئاخىرقى جۈملىسىنى

دۇئا بىلەن تۇرسۇنجان.

دەپ ئۆزگەرتىپ ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتىمەن. :lol {:112:}

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئالى مەكتەپتە بىر مەكتەپتە ئوقۇغان مەكتەپداشلىرىمىزدىن يېزىدا خىزمەتكە چۈشكەنلىرى ئەمۋايچىلىق قىلدى، ئەمۋايچىلىق قىلغانلىرى ئاساسەن پېچچەت ماشىنىلارنى ھەيدەپ يۈرۈيدۇ.بىز شەھەردە ئىشلەۋاتقانلىرىمىزمۇ قىلىپ باقايلى دېسەك شەھەردە خەق تېمىدا مەلۇم ئىنكاستا دېيلگەن كۆپتۈرمە تەشۋىقاتقا تازا ئىشەنمەس بولىۋالغان.
ئايالىمىنىڭ بويىدا قالغاندا ئاشقازىنى ئاغرىيدىغان بولۇپ قېلىپ پىلانلىق تۇغۇتقا بارساق ئاقسىل تولۇقلىۋەتسە بولغۇدەك دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمۋاي ساتىدىغان بىر دۇكانغا كىرىپ ئەمۋاينىڭ ئاقسىل تالقىنىنى ئالماقچى بولدۇم 350يۈەنغۇ دەيمەن. تۆۋەندىكى دىيالوگ مەن بىلەن ئەمۋايچى ئارىسىدا بولۇۋتىدۇ
-ئاقسىل تالقىنىدىن ئالاي دېگەن.
-ماۋۇلار ۋىتامىن ئا ب س د....لىرى، يەنە ماۋۇ كالىتسىي.....
-كەچۈرۈڭ مەن ئاقسىل تالقىنى ئالماقچى ئىدىم
-توختاڭ، بۇلارنىمۇ قوشۇپ يېسە تېخىمۇ تولۇق سۈمۈرۈلىدۇ، ناھايتىغا 2200يۈەن ئەتراپىدا كېلىدۇ.( شۇ چاغدىكى ئايلىق مائاشىم 2400يۈەن ئىدى، ئايالىم تېخى خىزمەتكە چىقمىغان)
-مەن پەقەت ئاقسىل تالقىنى ئالىمەن
-دېمەكچى بولغىنىم، ئاقسىل بۇلارنى قوشۇپ يېمىسە بەدەنگە سۈمۈرۈلمەيدۇ.
-بەدەنگە سۈمۈرۈلىدىغىنى ئاقسىل ئەمەس شۇنىڭدىكى ئامىنو كىسلاتاسى، مېنى كولدۇرلاتماي ئاقسىل تالقىنىدىن بىرنى بېرىڭ
-نېمانداق چۈشەنمەيسىز........
-بولدى بېرەمسىز بەرمەمسىز؟
-مەن شۇ...
-بولدى ئالمايمەن، شۇنداق دەپلا يېنىپ چىقىپ رۇڭگې ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۇكىنىغا باردىم
-ئاقسىل تالقىنىدىن بىرنى ئالىمەن
-قاندىغىدىن؟
-بىلمەيمەن، لېكىن ئايالىم ھامىلدار ئىدى
-مانا ئۇندداقتا ماۋۇنىڭدىن ئىشلىتىڭ
-نەچچە پۇل؟
288يۈەن
مانا 300يۈەننى تەڭلىدىم، ماڭا 12يۈەن قايتۇرۇپ بەردى. ئاقسىل تالقىنىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم

750210 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگجان ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرشقا ماس كىلدىغان بىرەر تۇر بۇلسا بىزگە تەۋسىيە قىلمامسىز

newyork يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 13:02 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇرۇن، بىزنىڭ دىنىمىزغا ئىشەنمەي ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئەپەندى
بولسا سىزمۇ چەتئەلدە بولغاندىكىن يېڭى نەپ بىرىدىغان تىمىلارنى يېزىڭ،ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى نىمە؟

alper999 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئاللاھ ئىلمىڭىزگە بەركەت ئاتا قىلسۇن

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بىلگەجاننىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ نادىريازمىلارنى يوللاپ تۇرغانلىقى ھەرقانداق ئەقىل ئگىسى ئۈچۈن تەسىرلەنگۈدەك ياخشى ئەخلاق.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 20:44  

Musicfan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 11:19 static/image/common/back.gif
ھە راست بىلگەجان ، نەدە كۈردۈم غىلپاللا ،  ئالدىنقى ماق ...

شۇنداق قىلىشماقچى بولۇشقىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ساتىدىغىنى نەق شۇ مەن ئالدىنقى ماقالەمدە يازغان نونى ئىچىملىكى شۇكەن. مۇتەخەسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپتىما؟ بۇ سۆھبەتنى مېنىڭ كۆرمىگىنىمگە قارىغاندا كۆپ تارقالمىغان ئوخشايدۇ...

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 13:02 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇرۇن، بىزنىڭ دىنىمىزغا ئىشەنمەي ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئەزىز ئاكا، دۇئا ئېلىش شۇنچىلىك ئاسان تۇرسا، ئالماي بولامدۇ؟ :lol  كۆپ رەھمەت سىزگە.

ToqquzSak يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 13:02 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇرۇن، بىزنىڭ دىنىمىزغا ئىشەنمەي ...

"ئاللانىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن كاتتا سوۋغىسى »  دەپ قويۇڭ.  بولۇپتۇ باشقىلارنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، بىلگەجاننىڭ ساھەسىدىكى شۆھرەتكاملارنى، مايسەم ھەدىلىرىمىزنى نىمە دەپ تەرىپلەيمىز؟ ئۇلارنى « ئاللاھنىڭ بۈيۈك سوۋغىسى» ياكى يۇقۇرراق سۈپەتلەر بىلەن تەسۋىرلەمدۇق؟ ئارتۇق ئۇچۇرۇشنىڭ نىمە ھاجىتى؟  بىلگەجاننىڭ قىلۋاتقان ئەمگەكلىرى ھەقىقەتەنمۇ ماختاشقا ئەرزىيدۇ،  بىزگە يەتكۈزۋاتقان بىلىم، ئۇچۇرلىرى، ياردەملىرىگە شەخسەن مەن قايىل ھەم ھۆرمىتىم بار. بىراق "ئاللانىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن كاتتا سوۋغىسى »  دەرجىسىدە ماختاشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ . بىلگەجان تىخى بىر يىڭى باشلىغۇچى خالاس.  ئۇيغۇرلاردا ئىلىم ساھەسىدە بىزگە تونۇشلۇق بولغان ياكى بولمىغان، قىلغان ئەمگەكلىرى بىلەن ئۆز ساھەسىدە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتقانلار تالاي تۇرۇپتۇ، ھەم خاتالاشمىسام بىلگىجانمۇ تىمىلىردا ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى قايىللىقىنى يازغان. شۇنداق گىگانىتلار، يەنە ئىلىم ساھاسىدە بولمىسىمۇ باشقا ساھەلەردە ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۋاتقان نى ئۇستازلار تۇرۇپ بىر شەخىسنى كۆتۈرۈپ ئۇچارسىڭىز ئىشىنىمەن بىلگەجانمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالىدۇ.  ئۆزىگە دەپ قانداق ماختىسىڭىزغۇ كاشكى، بىراق ئاممىۋى سورۇندا بۇنداق زىيادە ماختاشلار ئادەمگە غەلىتىلا بىلىندىكەن.
بەت: [1] 2
: (bilgejan) يەنە بىر "ھەممىگە داۋا" شەربەت - كىيانى