kosan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 21:49:28

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر! دېمىسىمۇ بىزدىن ئىنتايىن نۇرغۇن ئىقتىساد مۇشۇنداق كۆپتۈرمە كاززاپ ئېلانلار سەۋەبىدىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ. خەلقىمىزدە ھەقىقەتەن دورا، يىمەكلىك، ساقلىق ساقلاش، داۋالاش توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر كەمچىل

amur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 23:36:40

خۇدايىم بىزنى بېلىپ ياشاشقا نېسىپ قىلسۇن

babur68 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 01:09:10

بىلگەجان ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپتۇ . ھەممىمىز ئۆز دائىرىمىزدە باشقىلارغا ياردەم قىلالايمىز .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 01:15:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 01:23  

تورداشلارنىڭ ماڭا بىلدۈرگەن تەشەككۈرىگە رەھمەت. بۇ ئىشنى مەن مەسئۇلىيىتىم دەپ قارىمايمەن، پەقەت مەن كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ئىلتىماس قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ يازدىم، شۇ كىشىلەر مىننەتدار بولسا مەنمۇ خوش.

ئۈستىدە ئەزىز ئاكامنىڭ دېگەنلىرىنى چاقچاق ھېسابىدا چۈشىنىپ مەنمۇ چاقچاق بىلەن قايتۇردۇم. ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىز يېقىن بولغاچ شۇنداق دېدى دەپ ئويلىدىم. مەن بەك ئالىيجاناپلاردىن ئەمەس، قىلغان ئىشىم باشقىلارغا پايدىلىق بولغان بولسا ئاڭلىسام خۇرسەن بولىمەن. مەجبۇرىيىتى بولغاندىكىن يېزىپتۇ دېيىلىشىنىمۇ، ئالاھىدە ماختاشلارنىمۇ كۈتمەيمەن. مىننەتدارلىق كەمچىل بولۇپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە مەنمۇ ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

تەكلىپىم، گەپ بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارغا قارىتا ياكى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك پاراڭلار ھەققىدە بولسا. رەھمەت.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 09:54:34

بىلگەجاننى ماختىغىنىم باشقىلارنى چۈشۈرگىنىم ئەمەس. بىلگەجاننى يۈز تۇرانىمۇ ماختىغان.
بىلگەجاننىڭ ئالدىدا ماڭغان، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مايسەم ھەدىمىز، شۆھرەت ئاكىمىزدەك ئالىملىرىمىزمۇ بەرھەق بار، بۇلارنىمۇ ماختىدۇق ۋە يەنە ماختايمىز. يەنە كېلىپ ھەركىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئەۋزەللىكلىرى بار، مايسەم ھەدىمىز، شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە كىرىپ، شەربەتلەر ھەققىدە بۇنداق ئۇچۇر بېرىپ تۇرۇشىغا ۋاقىت-شارائىتىمۇ ھەم يار بەرمەيدۇ.

ھازىر ئۇيغۇرلىرىمىز ئىچىدە، ۋەتەن ئىچى سىرتىدا ئالى بىلىم-ئۇنۋان ئالغان نۇرغۇن زىيالىلىرىمىز يېتىشىپ چىقتى. لېكىن 10 نىڭ 9 ى ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل. بىلگەجان بۇ ئۇچۇرنى تەييارلاشقا كامىدا 4-3 سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلدى ھەم بۇ مەسىلە نۆۋەتتە كۆپىنچىمىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەن. ھەتتا بۇ كەسپكە مۇناسىۋەتسىز مەندىنمۇ بۇ ھەقتە سۇئال سورىغانلار بولغان. بىلگەجانمۇ بەزى باشقىلارغا ئوخشاش، شۇ 4-3 سائەت ۋاقتىدا ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ ئۇخلىۋالغان بولسا، ياكى ئايالى، بالىلىرى بىلەن سەيلە-ساياھەت قىلىپ، دەم ئېلىپ ئويناپ كەلسىمۇ تامامەن بولاتتى. ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلماي بۇنداق قىلىپتۇ.

نىجات تاپقان قەۋمنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى دەل بىلگەجان قىلىۋاتقاندەك، گەرچە ئۆزى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، باشقا قەۋمى-قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئىشىدەك بىلىپ ياكى شۇنداق ھېس قىلىپ باش قاتۇرىشىدۇر. ئىشىنىمەنكى، مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىشلار بىلەن مېنىڭ نىمە كارىم دەپ ئويلىماي، ئارىمىزدا بىلگەجاندەك قىلغانلار، قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيگەنسېرى، بىز قاراڭغۇلۇقتىن نىجاتلىققا، بەخت-سائادەتكە تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.

مەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى خېلە كۆپ كۆردۈم، لېكىن بىلگەجاندەك ئەخلاق، بىلىم، ساپا، سۈپەت، كەسپى ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگىلەرنى ئانچە كۆپ ئۇچراتمىدىم. مەن بۇنداق ماختاشنى بۇرۇن بىلگەجاننىڭ ئالدىدا، يۈزىگىمۇ دىگەن ھەم بۇ تېما مۇناسىۋىتى بىلەن، قولۇم كۇنۇپكا تاختىسىغا ئىختىيارىسىز كېتىپ قېلىپ، يەنە دەپ سالدىم. ھازىرچە كامىدا بىرەيلەننى ماختىغانغا تېخى باج-سېلىق ئالمىغاندىكىن، ماختىغىلى قويۇڭ. مېنىڭ ماختىغىنىم پەقەت ئۆزەمگىلا ۋە مەندەك ئويلايدىغانلارغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەممەيلەنگە ئەمەس.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 16:14:16

ھەرقېتىم سىزنىڭ تېمىللىرىڭىزنى ماقالىللىرىڭىزنى ئوقۇسام ھەجەپ خۇرسەن بولىمەن...........
ياخشى ماقالە بوپتۇ كۆپ رەھمەت

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 18:51:09

:)

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 20:52:12

رادىيو دىكى   <مەمەتجان دوختۇر >ئولتۇرالماي قالغاندۇ  -ھەقاچان  !س م د  نى ھەممە كىسەلگە پايدا كىلىدۇ بۇئادەمچە   

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 21:21:10

رادىيودىكى دوختۇر بولامدۇ ياكى بىلىپ تۇرۇپ يالغان ماختاپ سېتۋاتقانلار بولسۇن  پۇل تېپىشنى ئەڭ ئالى نىشان قىلغانلار ، بىرەر يېرىم ماقالە بىلەن ئۇنداقلارنى ئولتۇرالمايدىغان قىلىۋەتكىلى بولىشى يوق گەپ .  ئۇنداقلاردا يۈز دىگەن پولۇدەك بولىدۇ ، ئۆزىگە پايدىسىز ئىشنى ئاڭلىسا قۇلىقىنى يوپۇرۋىلىپ ئۆتكۈزۋىتىدۇ . پۇرسىتى كەلسە مەيدانغا يەنە سەكرەپ چىقىپ قىلغۇلۇقنى قىلىۋىرىدۇ .  
گەپنىڭ قسىقىسى ھازىر يۈزى قېلىنلارنىڭ  كۈنى ئوبدان  . پۇل تاپسام نىمە دىيشسەڭ دىيىشمەمسەن دەپ ھەتتا ساخاۋەت قىلغان پۇلنىمۇ گۇناھتىن قورقماي خەجلەۋاتسا باشقىسغا نىمە دەيمىز . شۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكىلەر بىلىپ تۇرۇپ  ئۆزەمگە كېلىپ قالارمۇ دەپ يۇپۇرۇپ يۈرۈشىدۇ . يا بىرەر ئورۇن ما پۇل نەگە كەتتى دەپ سورىمايدۇ ، يا ما پۇل ئىئانە قىلغان ئەخمەقلەر ھېساباتنى سوراي دىمەيدۇ .  بىلگەجاندەك  ئايىماي گەپ قىلىدىغان ئادەملەر كۆپەيمىگىچە بۇنداق  ئىش تۈگمگىدەك . ئەمما بىلگەجاندەك  ئادەملەر چىقىش تۈگۈل ئازىيىپ كىتىدىغاندەك بىلىنۋاتىدۇ ماڭا . يامىنى كەلسە ھەقنى دىگەننىڭ يېنىدا تۇردىغاندىن پۇلى بارنىڭ گىپىنى قىلىپ سالا قىلدىغان ئادەم جىق چىقىدىغاندەك .

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 21:34:53

بىر يىللىرى كالتىسى مودا بولغان ،يەنە بىر يىللىرى قان قۇۋەت دىگەنلەر ،بىر يىللىرى نونى ،بىر  يىللىرى ئاقسىل ، ئەمدى پىپتىد دەمدۇ نەگىلا قارىسا

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 21:44:12

YAMAN يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 20:52 static/image/common/back.gif
رادىيو دىكى   ئولتۇرالماي قالغاندۇ  -ھەقاچان  !س م د  نى  ...

ئادەملەر نادانلىشىپ كەتسە ئاشۇنداق پۇرسەتپەرەس قۇيمىچىلارنىڭ كۈنى توغۇلىدۇ.
شۇ رادىيودىكى دوختۇرغا تېلفۇن قىلغان ئادەملەرنىڭ ئۆزى ئەخمەق. بېشىم ئاغرىدى دېسە س ئېم دىنى ئىچىڭ، قوڭام ئاغرىدى دېسە سى ئېم دى نى ئىچىڭ، ئاشقازىنىم ئاغرىدى دېسە سى ئېم دىنى ئىچىڭ دەۋەرسە مۈرىسىنىڭ ئۈستىدىكى كاللا بولسا ئويلىسا بولمامدۇ قوڭغا پايدا قىلغان دورا ئاشقازانغىمۇ پايدا قىلامدىغاندۇ دەپ...

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 04:25:58

كېسەل كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا مەلۇم بىر نەرسە كېسىلىڭىزگە شىپا بۇلىدىكەن دىگەن گەپلەر قۇلىقىغا كىرسىلا ئىستىمال قىلىپ باققۇسى كىلىدىكەن ھەتتا ئالدامچىلىق ئىكەنلىگىنى بىلسىمۇ ئۈمۈدىنى ئۈزەلمەيدىغا بۇلۇپ قالىدىكەن  ، مەنمۇ ئۆتكەندە ئاپامغا كۆڭلىنى دەپ ئىككى قۇتا نونى شەربىتى ئېلىپ بەردىم ، بۇ شەربەتنىڭ ئۈنۈمى بەك ئاشۇرۋېتىلگەنلىكنىڭ تەسىرىدىنمۇ بەلكىم ئاپام ماڭا مەنپەئەت قىلغاندەك تۇرىدۇ دەيدۇ، مەن تازا ھېسقىلىپ بۇلاممىدىم
ساتقۇچىلارنىڭ يىنىغا بارسىڭىز پالان پۇلغا بۇنداق نەرسىلەرنى ساتقىنىغا قانائەت قىلمايدىكەن كېسەلنىڭ نىمىلىكىنى سوراپبېقىپلا يەنە ماۋۇلارنى قوشۇمچە ئىستىمال قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى دەپ يەنە قوشۇمچە بىرنىمىلەرنى دۆندەكلەيدىكەن

باھاسىنىڭ قىممەتلىكى تېخى
cmd نىڭ تاۋباۋ تورىدىكى باھىسى ئۇلار سېتىۋاتقان باھادىن 20 ھەسسە ئەتراپىدا ئەرزان كەن

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 04:45:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imtiyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 04:47  

بىر يۇمۇر كۈلگەشمۇ تۇرىلى ھە
خېرىدار  ،، دوختۇر تىراكتۇرۇپ بۇزۇلۇپ قالدى س م د قۇيسام ئوڭشۇلامۇ ؟  
رادىئو دوختۇرى مەن سىنى ساخچىغا ئېيتىمەن ،،،،

يەنە بىر يۇمۇر
خېرىدار ــ دوختۇر ئېشىكىمنىڭ تۈكى چۈشۈپ كەتتى س م د بىلەن يۇسام تۈك چىقارمۇ ؟
رادىئو دوختۇرى ــ مەنسىنى ساخچىغا ئېيتىمەن ،
خېرىدار ــ قورقمايمەن ،
رادىئو دوختۇرى ــ ھازىرلا ئالدىڭغا ساخچى بارىدۇ .
خېرىدار ــ مېنىڭ قورقۇنچۇم يوق  كەلسە كەلسۇن ، نەچچە مىڭ كويلۇق ئېشىكىمنى نەچچە يۈزكويلۇق س م د بىلەن ساقايتىۋالسام پايدا ئەمەسمۇ ؟
رادىئو دوختۇرى ــ ئەمسە مەيلى ئىشلىتىپ بېقىڭ .
خېرىدار ــ قانچىلىك ئىشلەتسەم بۇلار ؟
يېرىم چىلەك سۇغا بىر قۇتا تۆكۈپ ئېشەكنى يۇيۇپ بېقىڭ .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 08:54:09

ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن دورىلار ھەققىدىكى ئېلانلارنىڭ يالغان ياكى كۆپتۈرۈلگەنلىكىنى بايقاشنىڭ ئەڭ ئاددى بىر ئۇسۇلى مۇنداق:
ئامېرىكىدا زۇكام، ئادەتتىكى باش ئاغرىقى قاتارلىق ئۇششاق كېسەللەرنىڭ دورىلىرىدىن باشقىسىنى دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ رىتسىپ يازغۇزمىسا ھەرگىز سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەگەر قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېىسلى دەمسىز، راك كېسىلى ۋە ياكى باشقا ھەر قانداق چوڭراق كېسەل قاتارىغا كېسەللەرنىڭ دورىلىرىنى شەخسىلەر ئامېرىكىدىن ئەكەلدۈرەلمەيدۇ. ئاددىيسى، مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ كېسەللىرىگە ئامېرىكىدىن دورا سېتىۋىلىپ ئەۋەتەلمەيمەن. مۇشۇنى بىلىۋالسا كىشىلەر «ھەممىگە داۋا» دېگەن گەپنىڭ قانداق گەپلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 17:17:16

imtiyaz يوللىغان ۋاقتى  2015-03-12 04:45:46 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imtiyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 0
ماشىنا بۇزۇلۇپ قالغاندا cmd قۇيسا ئوڭشىلامدىكەن ؟:o:o:o:lol:lol:lol

umudwar0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-23 13:20:44

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تۇرسۇنجان مىنىڭ بالام ھازىر 15ئايلىق بولدى ، سەككىز ئايلىق بولغاندا ئىچى سۈرۈپ قېلش سەۋەبى بىلەن ئانىسدىن ئايرىلىپ كەتكەن شۇندىن بۇيان ساپ كالا سۈتى ئىچىپ كلىۋاتىدۇ، سۈت پاراشۇكلىرىدىن ئەنسىرەپ كالا سۈتى بەرگەن ئىدىم.تەبى كالا سۈتنىڭ بۇۋاقلارغا ئەكىس تەسىرى بۇلامدۇ؟بەزىلەر گاڭ كالا سۈتى زىيانلىق دىشدىكەن (تاش پەيدا قىلامىش). مەنمۇ تازا بىلىپ بۇلالمىدىم؟ مۇشۇ مەسلىگە نىسپەتەن چۈشەنچە بەرگىلى بۇلارمۇ؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-3-23 19:58:17

  ھەي بولسا مۇشۇنداق بىلىملەرنى  بىلىدىغانلار لىكسىيە قىلىپ بەزى ساراڭلارنىڭ ئورنىغا سۆزلىسەك .لىكىن ،مىنىڭ ئۇنداق ۋاقتىم ھەم مەبلەغ سالغۇچىم يوق.بىلىمغۇ ئاۋۋال يوق .
رەھمەت قېرىندىشىم سىز قاتارلىق كىشىلىرىمىز بىزنىڭ ئېرىشكەن ياخشى سوۋغىمىز .ياشاڭ .  ھەي سىزدەك كىشىلىرىمىز بىلەن دىدارلىشىپ ،بىرمىنىۇت بولسىمۇ تەلىم ئېلىش نىسىپ بولسا ھە .لكىن ،مۇشۇمۇ ھېساپ دەپ تۇراي خەت يېرىمدىدار دە .{:112:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-23 20:52:26

umudwar0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-23 13:20 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تۇرسۇنجان مىنىڭ بالام ھازىر 15ئايلى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئادەتتە بىر ياشتىن بۇرۇن بوۋاققا كالا سۈتى بېرىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. سىزنىڭ بوۋىقىڭىز 15 ئايلىق بولغان بولسا خاتىرجەم ھالدا كالا سۈتى بېرىشكە بولىدۇ. كالا سۈتى مول مىقداردىكى كالتىسىي تەمىنلەيدىغان ياخشى ئوزۇقلۇق ماددا ھېسابلىنىدۇ. ئەمما كالتىسىي بەك يۇقىرى بولغان بىلەن ۋىتامىن D بولمىسا بەدەنگە سۈمۈرۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋىتامىن D تولۇقلاشقا دېققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا بۆرەكتە تاش چۈشۈش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ۋىتامىن D كەم بولۇپ قالمىسىلا ئۇنداق ئەھۋال ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. ۋىتامىن D تولۇقلاش ئۈچۈن، بىرى، بالىنى كۆپرەك ئاپتاپقا سېلىش (كۈنىگە 15-20 مېنۇت ئوچۇق بەدەنگە ئاپتاپ چۈشسىلا بولىدۇ). يەنە بىرى، ۋىتامىن D نىڭ بازاردا ساتىدىغان مەھسۇلاتىنى سېتىۋىلىپ شۇنى بالىغا بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كالا سۈتى تەركىبىدە تۆمۈر كەمچىلرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، تۆمۈر تولۇقلاشقا دېققەت قىلىش كېرەك. تۆمۈر تولۇقلاش ئۈچۈن قوي ۋە كالا گۆشى، قېنىق رەڭلىك مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يىگۈزۈش لازىم. ياكى بولمىسا تۆمۈر ماددىسى تەمىنلەيدىغان كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى بەرسىمۇ بولىدۇ.

dawud19 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-24 01:29:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dawud19 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-24 01:30  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-23 20:52 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئادەتتە بىر ياشتىن بۇرۇن بوۋاقق ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .كالتىسىي بىلەن تۈمۈرنى بىرلا ۋاقىتتا   تولۇقلىساق بۇلامدۇ؟ بۇرۇن تۈمۈر كالتىسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىنى چەكلەيدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغانتىم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-24 10:16:28

dawud19 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-24 01:29 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .كالتىسىي بىلەن تۈمۈرنى بىرلا ۋاق ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، توغرا ئاڭلاپسىز. كالتىسىي ياكى سۈتنى ئىستىمال قىلىپ 2 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن تۆمۈر تولۇقلايدىغان ماددىنى ئىستمال قىلسىڭىز بولىدۇ.
بەت: 1 [2]
: (bilgejan) يەنە بىر "ھەممىگە داۋا" شەربەت - كىيانى