Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 22:57:53

ئەي بۇرادەرلەر ،سىلەر قاچانغىچە بىلمەيسىلەر؟

ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ئىقتىرالىرىنىڭ بىرى دەل كومپىيۇتېردۇر. خېلى يىللار بۇرۇنلا كومپىيۇتېر بىلىش بىلمەسلىكنى جامائەتچىلىك 21-ئەسىرنىڭ ساۋاتسىزلىق ئۆلچىمى دېىشكەنىدى. ئەگەر بۇ ئۆلچەم بويىچە ئۆلچىنىدىغان بولسا ،مىللىتىمىزنىڭ ساۋاتسىزلىق دەرىجىسى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە قالاق بىر ھالەتتە بولىدۇ.  بىر كومپىيۇتېر شىركىتىنى ئاچقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مەن يۈزلەنگەن خېرىدارنىڭ ھەممىسى دەل ئۇيغۇر ئاممىسىدۇر .كۈندە يولۇقىۋاتقان كۈلەي دېسە شۇنچە ئاچچىق تېتىيدىغان ،يىغلاي دېسە يۇمۇر بىلەن خاراكتىرلەنگەن غەلىتە رىئاللىققا ئۇچراپ تۇرىمەن:
1.
كومپىيۇتېر ئوڭشاتقىلى كەلگەن ئا خېرىدارنىڭ شىركىتىمىزدىكى دىئالوگى:
خېرىدار :  ...نېمە بولغانكى بۇ كومپىيۇتېر ، ئانىسى ئىككىمىزغۇ زادى بىلمەيمىز ھەم تۇتمايمىز بۇنى ...ھى..ھى..(مۇشۇنداق بىلمىگەنلىكتىن خۇش بولىدىغان كۈلكىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن.) ھەممىنى بىزنىڭ مۇشۇ شاكىچىكلەر ئوبدان بىلىدۇ،ھى..ھى...(قاششاقلارچە پەخىرلەنگەن كۈلكە)
ئوغلى : ...ۋىروس يۇقۇپ قاپتۇشۇ ، شادۇ رەنجەن بولغان بولسا ،ئۆزۈملا ياسالايتىم.(بىلەرمەنلىك چىراي ئىپادىسى)
تەكشۈرۈش نەتىجىمىز: كومپىيۇتېر پۈتۈنلەي ساق بولۇپ ، پەقەت يۇمىلاق باشلىق كونۇپكا تاختىسى مائۇس چېتىلغان يەرگە چېتىلغان بولۇپ ، كومپىيۇتېر دەسلەپكى ئۆزىنى تەكشۈرگەندە،مائۇس يوق دەپ قاراپ ، خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ تۇرىۋالغان.

2.
ب خىېرىدارنىڭ ئوغلى بىلەن بولغان دىئالوگى :
...
-دادا ،ئاخشام كومپىيۇتېرنى كىم ئۆچۈرگەنىدى؟
-شۇ ،قارىسام ئۇخلاپ قاپسەن ،شۇڭا ئۆچىرىۋەتكەن ئىدىم.(سۇس پەخىرلىك كۈلكە)
- قانداق ئۆچۈردۈڭ؟...
-سەن ئۆچۈرگەن يەرنى بېسىپ ئۆچۈردۈم (سەل ھودۇقۇش ۋە ئىزتىراپ ئىپادىلەنگەن چىراي ئىپادىسى...)
بالىسى:
-..ئەجەپ يامان بوپ كېتىپسەن...(ماختاش)
كىچىك خۇلاسە:
بىرىنجى رىئال ۋەقەدىكى ئاتا ئۆزىنىڭ چوپ چوڭلا ئادەم تۇرۇپ ،كومپىيۇتېر بىلمىگەنلىكىدىن كۈلىدۇ . كۈلكىسىدە چوڭچىلىق ، پەخىر ئارلىشىدۇ. بۇ كېسەل پىسخىكىنىڭ مىللىتىمىز ئاتا ئانىللىرىدا تالاي كۆپ ئىكەنلىكىگە شاھىتمەن. بۇنىڭ كېلىش ۋە شەكىللىنىش مەنبەسى قەلبىمنى يارا قىلغان ئاساستا مېنى تولا ئويلاندۇرىدۇ.
توۋا ھە...بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا كىشللىرى بىلمىگەنلىكتىن نومۇس قىلىپ ،بىلگەنلىكتىن پەخىرلىنىۋاتسا ، بىزنىڭ كىشىللىرىمىز بىلمىگەنلىكىنى ۋە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ خاتىرجەم چوڭچىلىق ۋە پەخىرلىنەلەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسلى باللىرىغا ئۇستاز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشقان ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بالىسىنىڭ "بىلگىنى"كۇپايە. ئەمما مىڭ ئەپسۇسكى ئۇلار بالىسىنىڭمۇ ئەسلابىلمەيدىغىنىنى يەنە بىلمەيدۇ...
ئىككىنجى رىئاللىقتىكى ۋەقەدە ئاتا بىلەن بالا ئالمىشىپ قالغان. ئەسلى رىغبەت بېرىپ بالىسىنى تەربىيىلەشكە بۇيرۇلغان ئاتا تەربىيلەنگۈچى بوپ قېلىپ ، ئانچىكى بىر نېمىنى بىلگەن بالا ئاتىسىنى رىغبەتلەندۈرگەن ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي بىلىمنى ئاتىسىنىڭ بىلگىنىدىن ھەيران قالغان. بۇ ھالەتكە توۋا دېمەي ئىلاج يوق.
مىللىتىمىزدىكى بۇ كېسەل ھالەت قانداق شەكىللەندى؟ ئۇلارغا نېمىلەر سەۋەبچى بولدى؟قانداق قۇتۇلۇش كېرەك ؟ مانا بۇ زامانىمىز جەمىئەتشۇناسلىرى ۋە پىسخولۇگلىرى ئىزدىنىدىغان يەنە بىر مەسلە!

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتۈن مەۋجۇتلۇقىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر مىكرۇ ئىلىمىنىت لىرىمىزمۇ ئەيىپلىكتەكلا كۆرۈنىدۇ بەزىلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل كۆزىگە پاراۋۇزلۇق رۇلىنى ئۇيناپ كىتىۋاتقاندەك قىلىۋاتقان ئىۋۇ بىرنىمىلەرمۇ تايىنلىق ،سۇغۇقلاردا مۇزلاپ قالماي ئاز تۇلار زۇكامداپ قىلىپ ياشاۋاتقانلاردىكى رۇھنى گىگنىت رۇھ دەپ تەرىپلەپ پەخىرلەنسەك بۇلىتى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

  بىلىمسىزلىكمۇ شەرەپ بىلىنىدىغان ‹‹ئۇقۇمۇشلۇق››لار خېلى بار، تىما ھەرگىزمۇ كۈپتۈرمە ئەمەس...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

《ئادەم بەك جىق نەرسە بىلىپ كەتسىمۇ بىشىغا بالا تېرىۋالىدۇ》دىگەن ماۋۇ پەسەندە گەپنى ئانچە-مۇنچە كىشىلەردىن ئاڭلاپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولغانتى. ئېھتىمال ئۇلار كۆرگەن-ئاڭلىغان بەزى ئاچچىق رىئاللىقتىن ئەشۇنداق سەلبىي خۇلاسىنى چىقىرىۋالغان بولسا كېرەك دەپ شۇ سۆزگە سۈكۈت قىلدىم. كاشكى ئۇلار دەل بىلىمسىزلىكنىڭ قەۋم بېشىدىكى ئاپەتلەرگە  باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى بىلشسىچۇ…

tirkax يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بىزنىڭ تۇققانلارنىڭ 5 ياشلىق بالىسىنىڭ چ چ سى بار ، ئاتا ئانىسى بەك پەخىرلىنىپ مەسلىكى كەپ كىتىدۇ .

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئېنىق تىلغا ئېلىنمايۋاتقان چوڭ مەسىلىمىزدىن بىرنى تاشلاپسىلەر.

alip يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بەك زىغىرلاپ، چوڭلارنى مازاق قىلىپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەس. ئاشۇ ئاتا-ئانىلار بىزدەك ۋاقىتتا كومپىيۇتېر ئەمەس تېلۋىرۇزمۇ ئاندا-ساندا بارتى. كىنولاردا ئامېرىكدىمۇ كومپىيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلار باركەن. بەلكىم ئەمەلىيەتتىمۇ باردۇ.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز نىمىشقا شۇنداق بوپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالماپسىز.

1-دىن كومپىيوتىرنىڭ يېزىقى خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ئىككى تىللا بولسۇن،بۇنى ئاتا-ئانىلار قانداقمۇ چۈشەنسۇن،

2-خەلقىمىزدە يانفۇنغا بولغانچىلىك قىزغىنلىق كومپىيوتىرغا يوق،كۆپۈنچە كىشىلەر كومپىيوتىرنى ئويۇن ئويناپ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان نەرسە دەپلا بىلىدۇ.

3-ئەڭ مۇھىم بولغىنى مىكروسوفىت تۈزگەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كومپىيوتىرا چۈشۈرگەنلەر بەكلا ئاز،شۇڭلاشقىمۇ يېزىق،تىل ئامىلى كىشىللىرىمىزنىڭ كومپىيوتىر بىلىمىدىن خەۋەرسىز قېلىشىدەك ئەھۋالغا ئۇچراتقان.

يېزىدىكى چاغلىرىمدا قوشنىللىرىمىز،چوڭ ياشلىق كىشىلەر،بالام،ما تىلفۇنغا قاراپ بېقىڭە تىلفۇن ئۇرغىلى بولمايۋاتىدۇ دىگەنتى قارىسام ئايرۇپىلان ھالىتىگە كەپ قاپتىكەن،ئۆزگەرتىپ بىرەتتىم،بەزىللىرى ۋىروسلىنىپ ئېغرلىشىپ قالاتتى،ۋىروسلىرىنى تازلاپ بىرەتتىم.كۆپۈنچە كىشىلەر چوڭ سۆزلىگەن بىلەن ئالما،ئايفۇن،سامسوڭ قاتارلىق تىلفۇنلاردىكى ئىختىدارنىڭ يېرىمىنىمۇ بىلمەيدۇ.


مەنمۇ كومپىيوتىر بىلىملىرىنى كۆپ بىلىپ كەتمەيمەن،شۇڭا گەپ-سۆزۈمدە خاتالىق بولىشى تەبئىي،تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىر،تەنقىتلىرىنى قۇبۇل قىلىمەن.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 08:12 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ تۇققانلارنىڭ 5 ياشلىق بالىسىنىڭ چ چ سى بار ، ئات ...

ماۋۇ يۇمۇرغا بەك كۈلۈۋەتتىم:lol :lol :lol

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئاتا-ئانىلار ئۆزى بىلمىگەننى پەرزەنتلىرى بىلگەنلىگى ئۇچۇن كۇلىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلمىگەنلىگى ئۇچۇن ئەمەس.

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بەزى ئىنكاس قايتۇرغۇچىلار تېما ئىگىسىنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنمىگەندەك قىلىدۇ

ersoy يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ھەممىسى نورمال گەپلەركەنغۇ،بەك ئىنچىكە ئويلايدىغا بۇلۇپ كىتىپسىز ئۆزىڭىزنى پىسخىكىلىك ئانالىز قىلىپ بىقىشىڭىز كېرەكتۇ بەلكىم

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بالام كومپيۇتېرغا شۇنداق ئۇستا ئاندا قىلىدۇ ماندا قىلىۋېتىدۇ دەپ ماختاپ ئولتۇرغانلارنى كۆرسەم كۈلگۈم كىلىدۇ .... بالىسىنىڭ قىلالايدىغان ئىشى ‹ ماشىنا ئوغرىسى› دىگەن ئوياننى ئوينىيالايدۇ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئون بەش يىللار ئىلگىرى بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ،كومپىيوتېر ئاچاي دەپ قارىسام پۈتۈن سىملىرىنى چىقىرىۋېتىپ ،ئېكراننى يپىپ قويۇپتۇ،سىملىرىنى ئۇلاي دەپ تۇرسام ۋاي ئاداش بۈگۈن كومپىيوتېر ئاچقىلى بولمايدىكەن،بىر ۋىرۇس كىرىۋالدىكەن بۈگۈن،شۇڭا سىملىرىنى چىقىرىۋەتكەن دىگەنتى :lol

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

turbid يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 17:17 static/image/common/back.gif
كۈلمەڭ ماششىنا ئوغرىسىنىمۇ ئويناش ئاسان ئەمەس،سىز ئا ...

ئۇمۇغۇ ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە ، لىكىن كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىيالىشى كومپىيۇتېرنى دەششەت بىلىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇدە ....... پەخىرلەنگۈدەك ئىشلارغا پەخىرلىنىپ ئىلھام بىرىشىمىز كىرەك ..... قارشى پىكىر بىلدۈرگەنلىكىڭىزدىن مەمنۇن مەن

turbid يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

turbid يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

نۇرمال ئىشكەنغۇ ئىنچىكىلەپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوقتى

MSM يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 16:14 static/image/common/back.gif
ئون بەش يىللار ئىلگىرى بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ،كومپىيو ...

راست ئىشمۇ يۇمۇرمۇ ماۋۇ:lol

birmoo يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

يۇمۇركەنغۇ بۇ ، مېنىڭ ئاتا - ئاناممۇ كوپپىيوتىرغا يېقىن كېلىپ قويمايدۇ ، بەزىدە كىنونى كوپىيوتىردىن قويۇپ بەرسەم ئۆزىمىز كېيىنكى قىسىملىرنى قويالمايدىكەنمىز دەپ يېقىن كەلمەيدۇ . :lol
بەت: [1] 2
: ئەي بۇرادەرلەر ،سىلەر قاچانغىچە بىلمەيسىلەر؟