birmoo يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 20:55:07

يۇمۇركەنغۇ بۇ ، مېنىڭ ئاتا - ئاناممۇ كوپپىيوتىرغا يېقىن كېلىپ قويمايدۇ ، بەزىدە كىنونى كوپىيوتىردىن قويۇپ بەرسەم ئۆزىمىز كېيىنكى قىسىملىرنى قويالمايدىكەنمىز دەپ يېقىن كەلمەيدۇ . :lol

Huwqush يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 21:03:50

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 20:24 static/image/common/back.gif
راست ئىشمۇ يۇمۇرمۇ ماۋۇ

مۇشۇنداق ئىشقا مەنمۇ ئۇچۇرغان. يۇمۇر ئەمەس.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 21:17:59

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-03-10 20:24:16 static/image/common/back.gif


راست ئىشمۇ يۇمۇرمۇ ماۋۇ:lol
راست بولغان ئىش،بۈگۈن ۋىروس يۇقىدىكەن دەپ كومپىيوتېرنى ئاچقىلى قويمىدى،ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ ئېسىمگە كەپ قالدى بۇ ئىش

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 22:35:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 22:36  

ئەركتىكىننىڭ دىگىنى راس ،شۇ چاغلاردا ھەر ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا مىقياسىغا ئاپتۇماتىك تارقىلىدىغان كومپىيۇتېر ۋىروسى بار ،بۇ كۈندە كومپىيۇتېر ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دىگەن گەپلەر ساۋات خاراكتىرلىك بىلىم ھىساپلىناتتى…ئەمما تور دىگەننى ئاڭلىغان ئەمما تورغا چىقىش شارائىتى يوق كومپىيۇتېر ئېگىلىرى مۇشۇنداق ۋاقىتتا توكتىن ئۈزۈۋېتىپ «ۋىروستىن ساقلىناتتى» .
چىراي ئىپادسى قوشۇپ قويۇڭلاچۇ ما يانفۇن نۇسخىسىغا سادىغاڭ كىتەيلە

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 22:48:41

كومپىيوتىرغا ئائىت بىر ماقالىدىن كۆرگەن ئېسىمدە. ئېنگىلىز تىلى ئىشلىتىدىغان ئامېرىكىدا بولغان ئىش.
IBM  شىركىتىنىڭ تېخنىكى بىر تېلفون تاپشۇرىۋالىدۇ. خېرىدار ئۆزى سېتىۋالغان كومپىيوتىرنىڭ ئىستاكان قويىدىغان ئۈسكۈنىسىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ. تېخنىك قاتتىق ھەيران قالىدۇ. چۈنكى بۇ كومپىيوتىرغا ئۇنداق ئۈسكۈنە سەپلەنمىگەن ئىكەن.:lol
قايتىلاپ سوراش ئارقىلىق خېرىدار مەلۇم قىلغان، كېرەكتىن چىققان بۇ ئۈسكۈنىنىڭ CD-Room ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.:ol
بۇ خېرىدار ئوپتىك دېسكا ئوقۇغۇچنى چاي ئىستاكانى قويىدىغان ئۈسكۈنە قىلىپ ئىشلەتكەن ئىكەن.
ئانا تىلى ئېنگىلىز تىلى بولغان ئامېرىكىدا مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن تۇرسا، كومپىيوتىر سېتىۋېلىش ئىقتىسادىنى ئەمدى ھازىرلاۋاتقان كىشىلىرىمىزدىن ئاغرىنىش تازا توغرا ئەمەس. كومپىيوتىر سېتىۋېلىشقا كۈچى يېتىدىغان كىشلىرىمىز كۆپ ئەمەس، كومپىيوتىرنى راۋان ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېنگىزچە ياكى بولمىسا جۇڭگۇ دۆلەت تىلى خەنزۇچىنى بىلىش كېرەك. ئۇيغۇرچە سېستىما مۇكەممەل ئەمەس، كومپىيوتىرغا ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرياللار كەمچىل شارائىتنى قانداق قىلىپ ياخشىلاش، مۇشۇ توغرۇلۇق ئويلانساق بولىدۇ.

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 01:28:57

دەۋر ئوخشىمايدۇدە،مەن بىلمىگەننى سىز بىلىسىز،سىز بىلمىگەننى مەن بىلىمەن،مۇشۇنداق بىر ماتورنىڭ چىشلىق چاقلىرىدەك ياشايدىغان گەپ.ئۆزى ئىشلىتەلمىسىمۇ بالىلىرىغا ئەپ بەگەنلىگى خەلقىمىزنىڭ يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 08:51:27

ئارسلان مەمەتنىڭ ئىنكاسىغا كۈلۈپ تاشلىدىم :lol
بالىسى كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىيالىسا پەخىرلىنىدىغانلار بار ئوخشايدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، كومپيۇتېر ئويۇنىنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى ھاراق- تاماكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ.

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 09:13:06

تىما ئىگىسىنىڭ مەقسەت قىلغىنى بىلمەسلىكتىن «پەخىرلىنىش» بولسا كىرەك . ئەتراپىمىزدا شۇنداق كىشىلەر جىققۇ كومپىيوتۇر ساھەسىدىلا ئەمەس ...

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 07:02:59

قېرىنداشلار. مېنىڭ داۋاملىق كۇنۇپكىغا ئ‍ىشلىتىدىغان قولۇم بارماقلىرى كۇنۇپكىغا تېگىپ كەتسىلا ئ‍اغرىيدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا قانداق داۋا باردۇ؟

sheydai يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:50:24

ئادەم قىلالىغاننى ئادەم قىلالايدۇ. ئۇ قىلغاننى مەن نىمە ئۈچۈن قىلالمايمەن؟ دەيدىغان سوئالنى ئۆزىگە قويمايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپ ۋاقتى ئادەتتە باشقا ئىشلارغا بېرىلگەن.
بەت: 1 [2]
: ئەي بۇرادەرلەر ،سىلەر قاچانغىچە بىلمەيسىلەر؟